- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 964
- نادىر
- 2
- يازما
- 964
|
ۋاڭيى تەنتەربىيە تورى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋىرى :
بۈگۈنكى كۈندىكى مېسسى كامپ نونىڭ ھەقىقى خوجىسى ، شۇنداقلا كىشىلەر نەزىرىدە ‹‹ پۇتبول شاھى ›› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان پۇتبول سەركىسى . ئوخشاشلا جەنۇبى ئامرىكىدىن كەلگەن ، چۈش 2-كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ، ئىلگىرىكى كامپ نو شاھزادىسى ، سامبا ئەركىسى رونالدىنھو مېنرو رىقابەت كوماندىسىدىكى سەبداشلىرى بىلەن جەنۇبى ئامرېكا ئازاد قىلغۇچى لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى . مۇسابىقىدىن كېيىن رونالدىنھو ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كىچىك بۇرادىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە مېسىسى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ نوچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
17 ياشلىق مېسسى بىرىنچى قېتىم بارسىلونا 1- كوماندىسىغا ۋەكالىتەن مەيدانغا چىققان ۋاقتىدا ، كامپ نونىڭ ئەركىسى رونالدىنھو ئىدى . نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئورۇق ، ئاجىز مېسسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنمىگەن ئىدى . بىراق رونالدىنھو ئۆزىنىڭ بۇ كىچىك بۇرادىرىگە ئىزچىل يادەم بېرىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەنىدى . ئۇ بىر قانچە قېتىم ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ : ‹‹ مېسسى ھامىنى مەندىن ئېشىپ كېتىدۇ ! ›› دىگەنىدى .
مېنرو رىقابەت كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان بۇ بىرازىلىيىلىك چولپان كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە چىمپىيونلۇقنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ بۇ كىچىك بۇرادىرىنى ماختاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى : ‹‹ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى كىم ؟ مېسسى ! ئەلۋەتتە مېسسى . بىلىشىمىز كېرەككى ، ئىپادىسى ئىزچىل ئەڭ ئېسىل بولۇۋاتقىنى يەنىلا مېسسى !! ›› .
چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن رونالدىنھو ھاياجانلانغان ھالدا : ‹‹ مەن ھازىر ئىنتايىن خوشال . تەڭرىنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرىغا رەھمەت ! ›› ئۇ ئۇچىسىدىكى مەخسۇس ئىشلەنگەن مايكىنى ئەمدىلا كېسەل ئۈستىدىن غەلبە قىلغان ئاپىسىغا سوۋغا قىلىپ : ‹‹ ئۇ ھەممىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق !! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈردى . رونالدىنھونىڭ ئاپىسى مىگۇلىنا ئەمدىلا راك كېسىلى ئۈستىدىن غەلبە قىلدى . مۇشۇ سەۋەبلىك رونالدىنھو پۇتبولدىن ۋاز كېچىپ ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئويلىغان ئىدى ، تەلىيىگە يارىشا ھېچقانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى .
|
|