- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 964
- نادىر
- 2
- يازما
- 964
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، تۆۋەندە خانلىق مادرېد تارىخىدىكى 10 چوڭ تازىلاش قۇربانى بولغان پۇتبول چولپانلىرىنى تونۇتۇرماقچىمەن . قېنى كەتتى ئەمسە ، دېققەت !!!!
1 . روبىنىھو 42 مىلىيون ياۋرو
2009-يىلى يازدا ، مادرېد تەرەپ كىرىستىيانو . رونالدوغا باھا قويۇپ روبىنھونى قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . مادرېد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قىلماقچى بولغان بۇ سودىسى بىرازىلىيىلىك بۇ چولپاننىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈردى ۋە كۇلۇبتىن قەتئىي ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى . شۇ ۋاقىتتا روبىنھو چېلسىغا قوشۇلۇشقا ئىنتايىن يېقىن بولسىمۇ ، بىراق مادرېد 42 مىلىيون ياۋرولۇق يۇقىرى باھا بىلەن مانچېستېر شەھەر كوماندىسىغا سېتىۋەتكەن .
2 . ھىگۇايىن 37 مىلىيون ياۋرو
ھىگۇايىن گەرچە خانلىق مادرېدنىڭ ئورۇن باسار كاپىتانى بولسىمۇ ، بىراق بېرنابودا داۋاملىق قاتتىق ئورۇندا ئولتۇرۇشنى خالىمىدى . ئۇنىڭ قارىشىچە باشتىن ئاخىرى فىلورىندىنونىڭ يېتەرلىك قەدىرلىشىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىىگەن . 64 مىلىيون ياۋرولۇق يۇقىرى باھا بىلەن كاۋانىنى ساتقان ناپلېس كۇلۇبى ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، ھىگۇايىننى سېتىۋېلىشقا يېتەرلىك مەبلەغ تەييار ئىدى .
3 . ئانېلكا 33 مىلىيون ياۋرو
ئانېلكا مادرېدتا پەقەت بىر پەسىللا توپ تەپكەن بولسىمۇ ، كوماندا بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلىقىغا نائىل بولغان . ئىپادىسىنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقى ئۇنى بارا-بارا كوماندا سېپىدىن يىراقلاشتۇردى ھەم كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سىقىپ چىقىرىشقا ۋە يەكلەشكە دۇچ كەلدى . 2000-يىلى يازدا خانلىق مادرېد كوماندىسى ئانېلكانى 33 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى پارىژ سېنت-گېرمان كۇلۇبىغا سېتىۋەتتى .
4 . روبىن 25 مىلىيون ياۋرو
2009-يىلى يازدا ، كىرىستىيانو . رونالدونىڭ مادرېدقا قوشۇلىشى ، روبىننى مادرېدتىكى ئورنىدىن مەھروم قىلىدۇ ۋە 25 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن بايرېن مىيونخېنغا سېتىۋېتىدۇ . بىر يىلدىن كېيىن روبىن بايرېن مىيونخېن كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىدۇ . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدان بولسا روبېننىڭ كونا ئائىلىسى بېرنابو ئىدى . رەقىبى بولسا ئېنتېر مىلان كۇلۇبى بولۇپ ، ئېنتېردا ئۆزى بىلەن بىرلىكتە مادرېد تەرىپىدىن تازىلىۋېتىلگەن ۋە 15 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن ئېنتېرغا سېتىۋەتكەن ۋەتەندېشى سىنېيدېر بار ئىدى . بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئىككى تەقدىرداش ، ۋەتەنداشلار ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ جېڭىدە كونا ئائىلىسى بېرنابودا يەنە بىر قېتىم جەم بولدى . لېكىن بۇ قېتىم بۇلار بىر-بىرىگە رەقىب ئىدى .
5 . ئوۋېن 25 مىلىيون ياۋرو
ئانېلكاغا ئوخشاشلا ئېنگىلاندلىق بۇ ئالتۇن ئۆسمۈرمۇ مادرېدتا پەقەت بىر پەسىللا توپ تەپكەن . گەرچە توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ ، بىراق ئوۋېن داۋاملىق ئورۇندۇق بېقىپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدى . شۇنىڭ بىلەن 2005-يىلى يازدا 25 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن نېۋكاستېلغا سېتېۋېتىلدى . بىراق ئوۋېن نېۋكاستېلغا كېلىپ رولىنى بۇرۇنقىدەك جارى قىلدۇرالمىدى . يارىلىنىش بۇ ئالتۇن ئۆسمۈرنىمۇ ئاستا- ئاستا كەينىگە ياندۇرىۋەتتى .
6 . ماكىلەيلەي 24 مىلىيون ياۋرو
2003-يىلى يازدا ، فىلورېندىنو فېگو بىلەن ئوخشاش ئورۇننى ئوينايدىغان بېكھامنى سېتىۋېلىشقا رازى بولدىيۇ ، ماكىلەيلەيگە مۇئاش قوشۇپ بېرىشنى رەت قىلدى . فىرانسىيەلىك بۇ چولپان ئاچچىقىدا چېلسىغا يۆتكۈلۈپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىمىزگە مەلۇم ، ماكىلەيلەي كەتكەندىن كېيىن ، مادرېد ھېچقانداق بىر چوڭ شۆھرەت قازىنالمىدى . شۇ سەۋەبتىن 2006-يىلى 2-ئايدا فىلورىندېنو ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى .
7 . سېدروف 24 مىلىيون ياۋرو
1999-يىلى كىچىكلا نام چىقارغان گوللاندىيىلىك پۇتبول چولپىنى سېدروف 24 مىلىيونلۇق باھا بىلەن ئېنتېرغا سېتىۋېتىلدى . ئېنتېردا ئىپادىسى بىر خىل بولغان سېدروف مىلانغا قوشۇلدى . سېدروف مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىن ھەقىقى تۇردە ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان چىمپىيون چولپانغا ئايلاندى .
8 . نېگىرېدو 19 مىلىيون 400 مىڭ ياۋرو
2009-يىلى يازدا ، مادرېد سېۋېللىيادىن 5 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن نېگرېدونى سېتىۋالدى ۋە ئارقىدىنلا 15 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن سېۋىللىياغا سېتىپ بەردى . يېقىندا سېۋىللىيا نېگرېدونى مانچىستېر شەھەر كوماندىسىغا سېتىۋەتتى ، بۇ يۆتكۈلۈشتە مادرېد تەربىيلەش ھەققى ئۈچۈن 4مىلىيون 400 مىڭ ياۋرو ئالدى . شۇنىڭ بىلەن مادرېدنىڭ نېگىرېدونى ساتقان ھەققى 19 مىلىيون 400 مىڭ ياۋرو بولدى .
9 . رېدوندو 18 مىلىيون ياۋرو
2000-يىلى رېدوندو مەجبۇرى مادرېدتىن ئايرىلدى . بۇ سەۋەبلىك فىلورېندىنو كوماندىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى ۋە كوماندىدىكى غوللۇق ئەزالارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى . ئەمەلىيەتتە ، فىلورېندىنو ياخشى سودىدىن بىرنى پۈتتۈرگەن ئىدى . رېدوندو مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىن يارىلىنىش سەۋەبىدىن مادرېدتىكىدەك زەپەر قۇچالمىدى .
10 . ساموئېل 17 مىلىيون ياۋرو
ساموئېلمۇ خۇددى باشتا دەپ ئۆتكەن ئوۋېن ، ئانېلكالارغا ئوخشاشلا مادرېدتا بىر پەسىللا توپ ئوينىغان . ساموئېل مەيلى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، مەيلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بولسۇن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا بېكلارنىڭ بىرى . لېكىن بۇ ئارگېنتىنالىق توپچى مادرېدتا تازا ئىپادىسىنى تاپالمىدى . 2005- يىلى 17 مىلىيون ياۋرولۇق باھا بىلەن ئېنتېرغا سېتىۋېتىلدى .
|
|