ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5173 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دىيارىمىز ۋاقتى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ( 5:00 ) دە ،شەرقى ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ ،ئالدىنقى كۈنى ياپۇنىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن جۇڭگو كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانى كورىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى .مۇسابىقە باشتىن -ئاخىر بەك كەسكىن بولدى . 90 مىنۇتلۇق قاتتىق تىركىشىشتىن كېيىن ھەر ئىككىلا كوماندا توپ ئۇرالماي 0 : 0 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى .بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن جۇڭگو كوماندىسى ئۇرغان توپ سانىنىڭ كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن رەت-تەرتىپتە ۋاقتىلىق بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى .
بۇ ئىككى كوماندا تارىخىدا جەمئىي 26 قېتىم تۇتۇشۇپ باققان بولۇپ ،جۇڭگو كوماندىسى پەقەت بىر مەيدان يېڭىپ 9 مەيدان تەڭلىشىپ 16 مەيدان ئۇتتۇرغان .نەتىجىسى ھەقىقەتەن ناچار « كورىيەدىن قورقۇش كېسىلى » دېگەن دەل مۇشۇنى بىلدۈرىدۇ ،ئالدىنقى نۆۋەتلىك شەرقى ئاسىيا لوڭقىسدا جۇڭگو كوماندىسى 3 : 0 نەتىجە بىلەن كورىيەنى يېڭىپ 32 يىلدىن بۇيان كورىيەنى يېڭەلمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بەرگەن .ھەمدە شۇ چاغدا چىمپىيۇن بولغان .
|
|