پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 3358|ئىنكاس: 87

ئەلباشى پۇتبول مەستانىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-23 07:07  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرى ھەم ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ مەستانىلىق دەرىجىسىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى ئالغاچ كەلدىم ھۇزۇرۇڭلارغا،ئەلۋەتتە سىزمۇ باھا بىرىپ بېقىڭ بۇ ئەلباشى مەستانىلارغا
پۇتبولدىن ئىبارەت دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەتنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ بىرىشى ئۇنىڭ مەستانىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،شۇنداقلا داۋاملىق ئىشىپ بارماقتا،ئەلۋەتتە كۈندە ئالدىراش دۆلەت چوڭ ئىشلىرى بىلەن يۈرىيدىغان دۆلەت باشلىقلىرى،ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ بۇ مەستانىلىقتىن مۇستەسىنا ئەمەس.
1. دۆلەت پۇتبولچىلىقىنىڭ مېھرىبان ئانىسى--مېركىل
mikir8.jpg
دۇنيادىكى كۈچلۈك پۇتبول دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان گېرمانىيەگە باش مىنىستىر بولغان مېركىل خانىم ئىلگىركى باش مىنىستىر شىلۇدىرغا قارىغاندا پۇتبول جەھەتتە بىلىدىغانلىرى بەك ئاز بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەتكە باش بولغان كىشىنىڭ پۇتبولغا باغلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتى.
مېركىل 1957-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ھامبۇرگتا تۇغۇلغان، 2005-يىل 11-ئايدا گېرمانىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش مىنىستىر بولغان،2009-يىل 9-ئايدا ئۇدا سايلانغان.
مېركىل زۇڭلى بولغاندىن كېيىن پۇتبول ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بارغانسىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا چىققىلى تۇردى،بولۇپمۇ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چوڭ خەلقارالىق مۇسابىقىلىرىنىڭ ئالدى -كەينىدە دۆلەت كوماندىسىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ،كۆپىنچە مۇسابىقىلەردە نەق مەيداندىن كۆرۈپ گېرمانىيە كوماندىسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىدۇ.
arduan.jpg
مېركىل تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇئان بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە كۆرمەكتە
mikir2.jpg
مېركىل 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە غەلىبىدىن شاتلانماقتا

2010-يىل 10-ئايدا گىرمانىيە ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە 0گە قارشى 3نەتىجەبىلەن تۈركىيەنى يەڭگەندىن كېيىن نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرگەن مېركىل كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە تۇيۇقسىز كىرىپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى، شۇ چاغدا كۆپ قىسىم كوماندا ئەزالىرى يېرىم كىيىنگەن بولغاچقا مىنىستىرنىڭ بىۋاستە كىرگىنىدىن  ھاڭۋىقىپ قالغان.
mikir11.jpg
مېركىل خانىم گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىلگىركى باش تىرىنىرى كىلىنسىماننى بەك قوللايتتى،ئۇنىڭغا مەدەت بىرەتتى ؛‹مەن دۆلەت كوماندىسىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىم بىلەن قوللايمەن› دىگەن ئىدى ئۇ،2010-يىلى گېرمانىيە يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئىسپانىيەگە يەنە ئۇتتۇرۇپ قويغاندا ھەرساھە زاتلىرى جۇملىدىن بىر قىسىم سىياسى ساھەدىكىلەر گېرمانىيە پۇتبول بىرلەشمىسىنى ئەيىپلىگەن ئىدى،مېركىل بولسا دۆلەت كوماندا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن ئەپۇ سورىغان ئىدى. مېركىل خانىم ئىلگىرى باللاكنى كوماندىغا قوبۇل قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئىشلاردىمۇ باللاكنى قوللاپ ئۇنىڭ 2008-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كوماندا يادرۇسى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
mikir7.jpg
mikir3.jpg
مىركىل خانىم 2012-2011-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بايرىن بىلەن چىلسىنىڭ مۇسابىقىسى ئوينالغاندا سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتاتتى، ئەمما بۇ باش مىنىستىر يەنىلا  بىر قىسىم دكلەت باشلىقلىرى بىلەن مۇسابىقىنى جاھان ئەينىكىدىن كۆرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى،چىلسى نۇقتا توپتا بايرىننى يەڭگەندە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرۇن خۇشال بولۇپ كەتتى، مېركىل خانىمنىڭ چىرايىدا بىر خىل ئەپسۇسلىنىش ئەكىس ئىتەتتى.
bax  baxlik.jpg

2. پۇتبول پادىشاھلىقىنىڭ ئەلباشى--لورا

بىرازىلىيە ئىسمى-جىسمىغا لايىق پۇتبول پادىشاھلىقى، بۇ دۆلەتكە دۆلەت باشلىقى بولغان ئادەمدە چوقۇم تولۇق بولغان پۇتبول ھۈجەيرىسى بولۇشى،پۇتبولنىڭ ئوت مەستانىسى بولۇشى كېرەك،بىرازىلىيەنىڭ ئىلگىركى زوڭتۇڭى لورا دەل شۇنداق پۇتبول مەستانىسى ئىدى.
lora.jpg
بىرازىلىيە زوڭتۇڭى لورا 1945-يىل 10-ئاينىڭ  27-كۈنى بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بونەنبۇگ  شىتاتىدىكى بىر نامرات دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،2002-يىل 10-ئايدا 4-قېتىم سايلامغا قاتناشقان نامراتلار زوڭتۇڭ نامزاتى لورا ئاخىرى سايلامدا غەلىبە قىلىپ بىرازىلىيەنىڭ 40-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭى بولغان،بۇ ھەم دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ئىشچى سالاھىيىتىدە غەلىبە قىلغان زوڭتۇڭ بولۇپ قالغان،2014-يىللىق  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۇرۇش، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇستلۇق مۇسابىقىلىرى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە ئۇنىڭ ھەسسىسى چوڭ. بىرازىلىيەدە نامرات نوپۇسلار كۆپ بولۇپ ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە %19ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.
لورا بىرازىلىيەگە زوڭتۇڭ بولۇش سالاھىيىتى بىلەن  لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يىغىنلاردا پۇتبول ھەققىدە دائىم پاراڭلىشىپ تۇراتتى، روسىيە،ھىندىستان،بىرازىلىيە،جۇڭگو قاتارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشىدىمۇ پۇتبول ئۇنىڭ قاتناشقان يىغىنلىرىدا بىر تۈرلۇك مۇھىم پائالىيىتى ھەم مۇناسىۋەت ياخشىلاش كوزىرى ئىدى.
لورا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئارگېنتىنا،چىلى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سىياسىدىن سىرت مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ پۇتبول توغرىسىدا مۇنازىرە قىلاتتى.
ئۇ يەنە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، كوماندىنىڭ نەتىجىسى قاتارلىق ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى.
لورا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بىلەن بىللە
lora3.jpg

لورا بىلەن كارلوس
lora2.jpg
لورا بىلەن ھازىرقى ئايال زوڭتۇڭ لۇسىف خانىم

lora5.jpg
لورانىڭ پۇتبولغا بوغان مەستانىلىقىنى ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ مۇسابىقە ئوينىشىدىن كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس،بۇ يەردە بىر قىزىق ھېكايىمۇ بار بۇ ھەقتە،  بىر قېتىم بىرازىلىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى ئەمەلدارلار مۇسابىقە ئوينىغان، لورامۇ زوڭتۇڭ بولۇشىغا قارىماي بۇ مۇسابىقىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقان،مۇسابىقە جەريانىدا لورا مالىيە مىنىستىرى ئانتىنىئو.پالىچىنىڭ پۇتىغا تىپىۋىتىپ ئۇنىڭ پۇت سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
بىرازىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ باھا بىرىشىچە لورانىڭ بەدەن شەكلى ماس كەلمىسىمۇ ئەمما تىخنىكىسى ئوتتۇرىھال تەنھەركەتچىلەرگە ئوخشاشكەن،ئوتتۇرا مەيداندىن ھۇجۇم تەشكىللەپ بۆسۈپ كىرىشنى ياقتۇرىدىكەن،ئۇنىڭ بىر دۇستى باھا بىرىپ مۇداق دەيدۇ:‹ كۈزىتىش دائىرىسى كەڭ،تىخنىكىسى ئەتراپلىق،بولۇپمۇ پاس بىرىشى ئالاھىدە ياخشى› .

3. خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە قارشى ئەسەبىي پۇتبول مەستانىسى---مورالىس
بولىۋىيە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بىر ئىگىزلىك دۆلىتى. بۇ دۆلەتتە ھىندىئانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش، غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسىيسىغا قارشى كۈەش قىلىش بىلەن نامى چىققان بىر ئادەم بار،ئۇ بولسىمۇ بولىۋىيە زوڭتۇڭى مورالىس،ئۇمۇ نامرات ئائىلىدىن چىققان ،يەرلىك ھىندىئانلاردىن سايلانغان زوڭتۇڭ،ئۇنىڭ  داڭلىق ئادەم بولۇشىدىكى يەنە بىر  مۇھىم ئامىل شۇكى مورالىس بىر ئەسەبىي پۇتبول مەستانىسى ھەم پۇتبول تەنھەركەتچىسىدۇر.
moralis.jpg
مورالىس 1959-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بولىۋىيىدە نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، ھىندىئانلارنىڭ داڭلىق سىياسىيۇنى. 2005-يىل  12-ئايدا %53.7لىك ئاۋاز بىلەن بولىۋىيە زوڭتۇڭلىقىغا سايلانغان، بۇ ھەم بولىۋىيە ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ ھازىرغىچە سايلانغان زوڭتۇڭلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم بولىۋىيە يەرلىك مىللىتىدىن چىققان زوڭتۇڭ بولۇپ قالدى.
moralis7.jpg

مورالىس بولىۋىيەنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ غەرب ئەللىرىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇشتا ۋىنسۇئىلا زوڭتۇڭى چاۋىس،كۇبا رەھبىرى كاستىرۇ قاتارلىقلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش بىلەن بىرگە پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەركەت تۈرىدىن پايدىلىنىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدى ،ئۆزىنىڭ پۇتبولغا بولغان ئامراقلىقى قوشۇلۇپ بۇ ئىگىزلىك دۆلىتىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ نامى چىقىشقا باشلىدى. ئۇ مارادونا ،مىسسى قاتارلىق چولپانلارنى بەكلا ياقتۇرىدۇ.
moralis6.jpg

مورالىسنىڭ كۇلۇبقا ئەزا بولۇشى
2008-يىلى 47ياشلىق مورالىس بولىۋىيەدىكى  ب دەرىجىلىك كۇلۇب لىتۇرىر كۇلۇبى  بىلەن توختام ئىمزالىدى. بۇ بولىۋىيە ساقچى تەشكىلاتى قۇرغان ئىشتىن سىرتقى بىر كۇلۇب ئىدى.
زوڭتۇڭنىڭ مۇسابىقىدىكى ئەسەبىيلىكى
2010-يىل6-ئۆكتەبىر پايتەخىت لاپاستىكى بىر پۇتبول مەيدانىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مۇسابىقىدىكى ئىككى تەرەب بولسا مورالىس باشچىلىقىدىكى ئىشتىن سىرتقى كوماندا(ئاساسەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە مورالىسنىڭ قوغدۇغۇچىلىرى) بىلەن لاپاس شەھەر باشلىقى يىتەكچىلىكىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە پۇتبول كوماندىسى ئىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئانچە ئۇزۇن بولماي مورالىس بىلەن قارشى تەرەپ ماھىرى كاتاجىنا توپ تالىشىپ قالىدۇ،بۇ جەرياندا كاتاجىنا مورالىسنىڭ پۇتىغا تېپىۋىتىدۇ، مورالىس بولسا بارغىنىچە كاتاجىنانى تېپىپ تۇرالماس قىلىۋىتىدۇ، مۇسابىقىدىمۇ قىزىل كارتا بىرىلمەيدۇ.
moralis5.jpg
خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارارىغا قارشى كۈرەش
بولىۋىيە ئاندىس تاغ تىزمىسىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولغاچقا كۆپ قىسىم زىمىنى دىڭىز يۈزىدىن بەكلا ئىگىز يەرگە جايلاشقان ، ھەرقېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىلىرىدە بولىۋىيە كوماندىسى مۇشۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ساھىبخان مەيداندا  بىرازىلىيە،ئارگېنتىنالاردەك كۈچلۈك كوماندىلارنىمۇ يېڭىۋالاتتى، بىراق خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قائىدىنى ئۆزگەرتىپ دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2750مېتىردىن ئاشقان جايلاردا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش قارارىنى چىقارغاندا مورالىس بۇ قارارغا قارشى چىقتى، چۈنكى بۇ قارار بولىۋىيە،ئىكۋادۇر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتەتتى،بولىۋىيە 1994-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن ئىگىزلىك ساھىبخانلىقىنىڭ پايدىسىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تىتىپ قالغان ئىدى،1997-يىلى ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ 2-لىككە ئىرىشكەندىن كېيىن مورالىس قاتارلىقلار بۇ نۇقتىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بەردى،شۇنىڭ بىلەن زوڭتۇڭ بولۇپ تەختكە چىققان مورالىس بۇ جەھەتتە بىر قاتار ئەمەلىي قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چەكلىشىگە قارشى ھالدا بىر قانچە قېتىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىگىز جايلاردا مۇسابىقىلەرنى ئويناپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ،دېڭىز يۈزىدىن 6000مېتىر ئىگىز بولغان ساخاما چوققىسىدا توپ ئوينىشى بۇنىڭ بىر دەلىلى.
moralis2.jpg

moralis4.jpg
4. ساھىبجامال مەستانە --كىرىستىنا كىشنىر
كىرىستىنا 1953-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇئىنۇس-ئايرىستىكى ئاددى بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان،ئارگېنتىنادىكى داڭلىق ئادۋۇكات ھەم سىياسىيۇن، 2007-يىلى10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئارگېنتىنا زوڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ ئارگېنتىنا تارىخىدىكى تۇنجى خەلىق سايلىغان ئايال زوڭتۇڭ بولۇپ قالغان. 2011-يىلى سايلامدا يەنە غەلىبە قىلىپ ئۇدا سايلانغان.
kiristina4.jpg
ئارگېنتىنانىڭ ئىلگىركى زوڭتۇڭى كىشنىر كىرىستىنانىڭ ئېرى ئىدى، كىشنىر بولسا بىر پۇتبول مەستانىسى بولۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن چىققان كىرىستىنامۇ پۇتبولغا ئامراق ئىدى، ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا بىر مۇھىم ئىش ئىدى.
kixnir.jpg

kiristina.jpg
2010-يىلى ئارگېنتىنا كوماندىسى گېرمانىيەگە چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللانغاندا كىرىستىنا كوماندا ئەزالىرىنى زوڭتۇڭ مەھكىمىسىگە تاماققا تەكلىب قىلدى، خىلمۇ خىل ئەيىپلەشلەر ئىچىدە قالغان مەشقاۋۇل مارادوناغا تېلىفۇن قىلىپ ھال سورىدى،ئىستىپا بىرىمەن دەۋاتقان مارادونا تەسىرلىنىپ نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى،پۇتبول ۋە تانگۇ ئۈچۈن ئۆلۈپ بىرىدىغان جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەتكە زوڭتۇڭ بولغان كىرىستىنا دۆلەت كوماندىسى ھەم مارادونانى چۈشىنەتتى،ئۇلارنى قوللايتتى. ئۇ تېلىۋىزىيە نۇتقىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىسى ئالدىدا،يەنى 2014-يىلىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك دەپ كوماندا ئەزالىرىغا ئىلھام بەردى.
kiristina2.jpg

5. گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ  تەرەققىياتىنى پىلانلىغۇچى--شىلۇدىر
گېرمانىيە سابىق باش مىنىستىرى شىلۇدىر 1944-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى گېرمانىيەنىڭ موسىنبىرىگ بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1998-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان،2001-يىل 11-ئايدا ئۇدا يەنە سايلانغان، ئۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە ئىزچىل گىېرمانىيەنىڭ پۇتبول تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن،بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولىغا ئەھمىيەت بىرىشنى بەكرەك تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ پۇتبول نەزەريىسى مول بولۇپلا قالماي پۇتبول تېخنىكىسىمۇ ياخشى ئىدى،ۋاقىت چىقسىلا توپ ئوينايتتى.
xiludir2.jpg

xiludir.jpg
شىلۇدىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى گېرمانىيە ئىقتىسادىنى گۈللىنىش يولىغا سىلىپ ياۋروپادىكى ئورنىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆستۈرۈش، بۇ جەرياندا فىرانسىيە،رۇسىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىش،شۇنداقلا كۈچلۈك ئىقتىساقا تايىنىپ ياۋروپانىڭ باشلامچىسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە ئىپادىلىنىدۇ،ئەلۋەتتە پۇتبول تېپىشكە ئامراق شىلۇدىر تۈلۈك پائالىيەتلەردە پۇتبولنىڭ رولىدىن پايدىلىنىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن،بولۇپمۇ ئۇنىڭ گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈللىنىش يولىنى پىلانلاش خاراكتىرلىك سۆز نۇتىقلىرى گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسى پۇتبولچىلىقىغا ياخشى ئاساس سىلىپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى ‹كۈچلۈك ئىقتىسادقا تايىنىش بىلەن كەڭ ئاممىۋى ئاساسنى بىرلەشتۇرۇش، ياش-ئۆسمۇرلەرنى تەربىيلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش› بۇ ئارقىلىق گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنى گېرمانىيە ئىقتىسادىغا ئوخشاش ياۋروپا ھەتتا دۇنيادا كۈچلۈك پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسىغا ئىگە قىلىش ئىدى. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغلاردىن باشلانغان گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىدىكى قايتا گۈللىنىش چاقىرىقى 21-ئەسىرگە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ گېرمانىيە پۇتبولى دۇنيادا تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قاراپ تەرەققى قىلماقتا.
2005-يىل شىلۇدىر مىنىستىر مەھكىمىسىدە پىلىغا ماھارىتىنى نامايان قىلماقتا
xiludir7.jpg

شىلۇدىرنىڭ توپ تېپىش ماھارىتى
xiludir3.jpg

6. مىلاننىڭ خۇجايىنى ھەم مەستانىسى بولغان بىرلۇسكونى
بىرلۇسكونى 1936-يىلى 29-سىنتەبىر تۇغۇلغان،مىلان ئۇنۋىرسىتىتىنى پۇتتۇرگەن، ئىلگىر-ئاخىرى بولۇپ ئۈچ نۆۋەت باش مىنىستىر بولغان،1986-يىلى ئاس مىلان كۇلۇبىنى سىتىۋالغاندىن كېيىن كوماندا كۆپلىگەن شان-شەرەپكە ئىرىشكەن،بۇ جەرياندا 7قېتىم ئىتالىيە ئا بىرلەشمە چىمپىيۇنى،4قېتىم ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى،2قېتىم قىتئەلەر لوڭقىسى چىمپىيۇنى،4قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى،5قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى،1قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان. گۇرۇھ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، مىلان كوماندىسىنىڭ شان-شەرىپى بىرلۇسكونىنى ئىتالىيە سىياسى سەھنىسىدىكى كۈچلۈك شەخسكە ئايلاندۇرغان، قايتا قايتا سەتچىلىكلەر  بولۇپ تۇرسىمۇ ئەمما يەنىلا باش مىنىستىر بولالىغان.مىلاننىڭ خوجايىنى ھەم مەستانىسى بولۇش ئۇنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىدا خىلى چوڭ رول ئوينىغان دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
birluskoni.jpg
دۆلەت ھوقۇقىنى تۇتۇش، گۇرۇھنىڭ ئىقتىسادى ئىشلىرىغا باش بولۇش ھەم مىلاننىڭ رەئىسى بولۇش ئاخىرىدا بارغانسىرى يېشى چوڭايغان بىرلوسكۇنىغا ئېغىر كەلگەن،شۇنىڭ بىلەن 18يىل ئۆتىگەن مىلان كۇلۇبىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. ئەمما كۇلۇبنىڭ ئىشلىرىغا يەنىلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.
birluskoni2.jpg

تۆۋەندە يەنە بىر قانچە ئەلباشى توپ مەستانىلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ بېقىڭلار
ئەھمەدى نىجاد
eran1.jpg
ئىران ئىسلام دۆلىتىدە پۇتبول مۇھىم تەنھەركەت تۈرىدۇر، بولۇپمۇ 1998-يىلى ئىران دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەشەددى سىياسى رەقىبى ئامېرىكىنى يەڭگەندىن كېيىن دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان قوللىشى تېخىمۇ ئاشقان، نىجادمۇ دەل شۇ سەۋەبتىن پۇتبولغا قىزىقىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
تاكسىن
tasin4.jpg
تايلانىدنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تاكسىن  مانچىستىرنىڭ سادىق مەستانىسى

tasin3.jpeg

روسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن
putin.jpg

putin2.jpg

كاستىرۇ مارادونانىڭ مەستانىسى
kastiro.jpg

ۋىنسۇئېلا سابىق زوڭتۇڭى چاۋىس ئوخشاشلا مارادونانىڭ مەستانىسى
qawis.jpg

ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ سابىق رەئىسى باروزو(كۆك كىيىم)
baruzo.jpg

ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى  بولسا ئارسىنال مەستانىسى
elzabit2.jpg

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ





nitaniyaho.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +285 تۆھپە +40 شۆھرەت +21 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
سەنسىز + 25 قالتىس!
مەخمۇت + 50 + 1 قالتىس!
زېرەك + 10 + 10 قالتىس!
nayil + 50 + 10 + 10 + 10
جاھانگىر + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
ۋەتەنجان + 50 + 10 جەلپكارتېما
باشئەگىم + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-7-23 07:19:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېما بەك پەيزى چىقىپتۇ تولىسى مەن ياقتۇردىغان  دۆلەت باشلىقىلىرى ئىكەن لىكىن ئەڭ تەكتىدىكىسى ئەمەس ئەششەددىي رەقىب.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئەلخۇش + 50

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-7-23 07:30:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يېزىۋېتىپسىلىغۇ ئەتىگەندە شۇنداق ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇپتىمەن ، نادىرلاشقا بىر بېلەت كەتتى ، دۆلىتىمىزدە باشلىقلار پۇتبولغا ئاز-تولا قىزىقىپ بەرگەن ، ئۆزى قىزىقمىسىمۇ قوللاپ بەرگەن بولسا ھېچ بولمىغاندا ئاسىيا غوجىسى بولۇپ قېلىشىدا ئۈمىد بارتى
ۋاقتى: 2013-7-23 07:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنى چوڭ مۇسابىقىلەردە ئاساسى جەھەتتىن بار.ھەقىقەتەن بەك كوڭۇل بۇلىدۇ..بۇ ئايال پۇتبولنى راۋۇرۇس چۈشىندىغان چېغى بۇ قېتىملىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇراسىمىدا گەرچە ئىككىنچىلىككە ئىرىشىپ قالغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۈزىنىڭ قابىليىتىنى ئىسپاتلىغان كىلوپقا خېلە ئۇزۇن بىر نىمىلەرنى دەپ كەتتى .ھەقىقەتەن ياخشى زۇڭلى بۇ...
ۋاقتى: 2013-7-23 07:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇ چاۋىسقا بەكلا ئامراقتىم..خۇددى نىجاتتەك ئامىركىغا قوقماي توۋلايتى..ۋىسۇئىلامۇ شۇ قەدەر ياخشى كۈرەتتى....بىر ئېغىز گەپنى يىغىنچاقلىساق ھەقىقى خەلىققە ئۈزىنى ئاتىۋەتكەن زۇڭتۇڭتى..مەن بەك ياقتۇرىمەن.
ۋاقتى: 2013-7-23 07:58:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-23 07:43
ھەي مۇشۇ چاۋىسقا بەكلا ئامراقتىم..خۇددى نىجاتتەك ئامىر ...

توغرا دىدىڭلار چاۋىسنى ھەقىقەتەن خەلىقى بەك قوللايتى ئەپسۇس ئۈمىرى قىسقا بولۇپ قالدىدە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئەلخۇش + 50

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-7-23 08:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-7-23 07:58
توغرا دىدىڭلار چاۋىسنى ھەقىقەتەن خەلىقى بەك قوللايتى ...

چاۋشىيەن بىلەن بولغان تۈپكى پەرىق  شۇ..ھەر ئىككىلا دۆلەت خەلقىگە كۈيىنىدۇ ئەمما ئۇسۇل دىمكۇراتىيە،ئەركىنلىك جەھەتتە زور پەرىق بار .بۇ جەھەتتە چاۋىس دۈشمىنىگە قاتتىق زەربە بىرىش ئۈچۈن خەلقىنى تاللىدى ،خەلىقمۇ بۇنى تاللىدى..شۇڭا ھىچقانداق كۈچ تۇسۇپ قاللاممىدى.خەلىق پۈتۈن نىيەت قوللىسا يەنە كىمدىنمۇ قوقىدۇ كىشى...شۇڭا ھىچنىم قىممىدى..خەلىقنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى خەلقىمۇ تاشلىۋىتىدۇ،،خۇددى كازافى،سالىھتەك كىشەرنىڭ دۆلىتىدە ئۆتىچىلەرنىڭ باش كۆتىرشى بىكا رئەمەس.ئۇنىڭ بىر سۆزى يادىمدا...مەن نىفىتتىن كىرگەن ھەتتاكى بىر پۇڭنىمۇ خەلىقنىڭ پاراۋانلىقى  ئۈچۈن ئىشىلتىمەن ....ھازىرقى مادوننا بەلكىم دوراپ قالا.
ۋاقتى: 2013-7-23 09:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەنتەربىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-23 15:45  

گىرمانىيە پۇتبولچىلىرى ئايال زۇڭتۇڭىنىڭ ئالدىدا يىرىم يالىڭاچ تۇرۇپ كىتىپتا ئەركىنلىك دىگەن شۇدە
ۋاقتى: 2013-7-23 10:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ
ۋاقتى: 2013-7-23 11:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېماڭلا پەچچەت چىقىپتۇ ،

مەنمۇ پات ئارىدا نادىر تېمىدىن بىرنى يازىمەندە ئەمما لىكىن  
ۋاقتى: 2013-7-23 11:49:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما پۈتۈپتۇ مانا   
ۋاقتى: 2013-7-23 11:49:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندوووم ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن جۇمۇ !! مۇنبەرنى نادىر تېمىلىرىڭىز بىلەن توشتۇرىۋېتىدىغان بولدىڭىزدە . ئاپىرىن !!! ئېسىل چىقىپتۇ . تارتۇق ئاز بوپ قالدى !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 18:22 , Processed in 0.104417 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش