بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-20 22:32
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كۆپىنچە ھالەتلەردە پۇتبول دېسە ياۋروپا پۇتبولچىلىقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ ، پۇتبول ئۆزىنىڭ ئاممىبابلىقى ، ماسلىشىشچانلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . نۆۋەتتە مېنىڭ سىلەرگە سۇنماقچى بولغىنىم ئافرىقا پۇتبولچىلىقى شۇنداقلا ئافرىقا پۇتبول تارىخىدىكى يارقىن نامايەندە بولغان مىسىر پۇتبولچىلىقىدۇر .
ئافرىقا پۇتبول ئەركىسى - مىسىر
تۇلۇق نامى : - ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى
نوپۇسى :- تەخمىنەن 91 مىليۇن ( 2012-يىللىق مەلۇمات ) بولۇپ 4/1 قىسىم ئاھالە پايتەخت قاھىرەگە جايلاشقان .
يەر مەيدانى :- 1002450 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ بىر قىسمى بولۇپ زېمىنى ئىككى قىتئەگە سوزۇلغان . زېمىنىنىڭ 95% تى قۇملۇق ، پەقەت 5% لا تېرىلغۇ زېمىن .
دىنىي ئېتىقادى :- ئاساسلىق ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ مەلۇم بۆلەكنى تەشكىل قىلىدۇ . ( باشقىچە چۈشەنچىلەر شەكىللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېگىلەيدىغان نىسبىتىنى يازمىدىم . )
مەشھۇر ئورۇنلار :- ئەلئېھرام ، سۇۋەيس قانىلى ، ئاسۋان توسمىسى قاتارلىقلار .
مىسىر پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى
مىسىر پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1921-يىلى قۇرۇلغان ، 1923-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ، 1957-يىلى ئافرىقا ئەللىرى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان .
مىسىر پۇتبول كوماندىسى ئافرىقا ۋە ئەرەب ئەللىرى بويىچە ئەڭ بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان پۇتبول كوماندىسى بولۇپ 1934-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان .
دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى
مىسىر كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا ئىككىلا قېتىم قاتناشقان بۇلۇپ 1934-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق دۇنيا لوڭقسىغا قاتنىشىپ 8/1 ھەل قىلغۇچتا ، مىسىر 2 : 4 ۋېنگىرىيە بولۇپ شاللانغان.
يەنە 1990-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-قېتىملىق دۇنيا لوڭقسىغا قاتنىشىپ F گۇرۇپپىدا گوللاندىيە،،ئىرلاندىيە،ئېنگىلاند قاتارلىق كۇماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.
نەتىجىدە ئىككى تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بىلەن يەنىلا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان بولۇپ بۇ جەھەتتىكى نەتىجىللىرى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
ئافرىقا قىتئەسى سەپىرى
گەرچە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە جەريانىدىكى سەپەرلەر ناھايىتى كۆڭۈلسىز بولسىمۇ يەنە بىر جەڭ مەيدانى بولغان ئافرىقا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ( دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ئافرىقا قىتئەسى لوڭقىسىنى ھەرقانداق نۇقتىدىنمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە ! ) دىكى نەتىجىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزۈلگەن 29 قېتىملىق ئافرىقا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 22 قېتىملىقىغا قاتناشقان ھەم 7 قېتىم چىمپىيۇن بولۇپ بۇ جەھەتتە ئافرىقىدىكى ھەممە دۆلەتنىڭ ئالدىدا ( ئىككىنچى ئورۇندىكىسى كامىرون ۋە گانا لار بولۇپ تۆت قېتىمدىن چىمپىيۇن بولغان .) بولۇپ 1957-يىلى 1-قېتىملىق ، 1959-يىلى 2-قېتىملىق ، 1986-يىلى 15- قېتىملىق 1998-يىلى 21- قېتىملىق ، 2006-يىلى 25- قېتىملىق ، 2008-يىلى 26- قېتىملىق ۋە 2010-يىلى 27-قېتىملىق ئافرىقا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولغان .
مىسىر پۇتبول تارىخى
مىسىرغا پۇتبولنى ئەڭ دەسلەپ بېرىتانىيە مۇستەملىكىچىللىرى 1882-يىللىرى ئېلىپ كىرگەن ، شۇندىن كېيىن كېڭىيىپ 1914-يىلى تۇنجى سېستىمىلاشقان مۇسابىقە شەكلى شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپ نازىرى ئەھمەد ھەشەم پاشا تەرىپىدىن مەكتەپلەر ئارىسىدىكى مائارىپ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى يولغا قويۇلغان ، بۇ مۇسابىقە 1914-يىلىدىن 1919-يىلىغىچە داۋاملاشقان . شۇ مۇسابىقىنىڭ ئالدى كەينىدە بىر تۈركۈم كەسپىي كۇلۇبلار مەيدانغا كەلگەن ، بۇ كۇلۇبلار جۈملىسىدىن ئەھلىي كۇلۇبى (1907-يىلى ) زامالىك كۇلۇبى (1911-يىلى ) قۇرۇلغان .
مىسىر پۇتبولچىلىقى 1921-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە جەئفەر ۋالى پاشا رىياسەتچىلىكىدە مىسىر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن رەسمىي شەكىلدە باشلانغان ، 1922-يىلى 18-ئۆكتەبىردە مىسىر يۇقىرى دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن قارار ماقۇللىنىپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ۋە مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرى ئېلان قىلىنغان ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەھلىي ، زامالىك ، تۆمۈر يول كوماندىسى ، تۇرسانە ، بەنھا ۋە زەقازىيق قاتارلىق كۇلۇبلار 1-دەرىجىگە ئايرىلىپ قالغان كۇلۇبلار 2-دەرىجىگە ئايرىلغان . مىسىر بىرلەشمىسى شىر تەنلىك ئادەم باشلىق ھەيكەلنى ئۆزىنىڭ سىمۋول بەلگىسى قىلغان . مىسىر بىرلەشمىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ( فىفا ) غا 1923-يىلى 21-مايدا رەسمىي ئەزا بولغان .
مىسىر دۆلەت كوماندىسى
مىسىر دۆلەت كوماندىسى 1921-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ خەلقئارادا « سەجدىچىلەر كوماندىسى » دېگەن چىرايلىق نامى ( مىسىر دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇب كوماندىسىدىكى ئەزالار توپ ئۇرغاندا ، ياكى غەلبە قىلغاندا ئاللاھقا سەجدە قىلىپ تەبرىكلەيدۇ ) بار .
بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
پۇتبول مەيدانى :- قاھىرە دۆلەتلىك پۇتبول مەيدانى بولۇپ 74100 ئادەم سىغىدۇ .
مەشقاۋۇل : بوب بىرادلىي ( ئامرىكا )
ياردەمچى مەشقاۋۇل :- مۇستافا يۇنۇس
قاپقاۋۇل مەشقاۋۇلى :- زەكىي ئابدۇلفەتتاھ
كاپىتان : ئەھمەد ھەسەن .
دۆلەت مەرگىنى :- ھېسام ھەسەن 69 توپ
دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقىنى :- ئەھمەد ھەسەن 184 مەيدان .
ئەڭ دەسلەپكى خەلقئارالىق مۇسابىقىسى ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1920-يىلى مىسىر 2:1 ئىتالىيە .
خەلقئارا مۇسابىقىلەردىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1963-يىلى مىسىر 0:15 لائۇس
خەلقئارا مۇسابىقىلەردىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى 3-لىكنى تالىشىش 1928-يىلى مىسىر 11:3 ئىتالىيە .
دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقە نەتىجىللىرى
ئافرىقا مۇسابىقىلىرى :
7 قېتىم ئافرىقا قىتئەسى چىمپىيۇنى ، 4 قېتىم ئافرىقا ياشلار چىمپىيۇنلۇقى ، بىر قېتىم 17 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر چىمپىيۇنلۇقى ، ئىككى قېتىم ئافرىقا ئايلانمىسى چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن .
ئەرەب ئەللىرى مۇسابىقىلىرى :
ئۈچ قېتىم ئەرەب بىرلەشمىسى لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم ئەرەب بىرلەشمە ئەللىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن .
دۇنيادىكى ئورنى جەھەتتە 2010-يىلى ئىككى قېتىم دۇنيا بويىچە 9-ئورۇنغا چىقىپ دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ياراتقان . ( FIFA نىڭ 2010-يىللىق 7- ئايدىكى ئەڭ يىڭى دۆلەتلەر پۇتبۇل دەرىجە نەتىجىسىگە قارالسۇن )
كۆرۈش ئادرىسى http://app.gooooal.com/teamWorldRank.do?lang=tr
مىسىردىكى كۇلۇبلار
مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى غەربى ئاسىيا ۋە شىمالى ئافرىقا رايونى بويىچە كۈچلۈك بىرلەشمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ 1948-يىلى باشلانغان ، ھازىرغا قەدەر 55 مۇسابىقە پەسلى ئېلىپ بېرىلغان، بىرلەشمە تارىخىدىكى لوڭقا سانى ئەڭ كۆپ بولغان كۇلۇب ئەھلىي كۇلۇبى بولۇپ 36 قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ( بۇنىڭ ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا مىسىر لوڭقىسى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكىنى 13 قېتىم ) ، ئۇنىڭ كەينىدىكىسى زامالىك ( 11 قېتىم ) ئىسمائىلىيە ( ئۈچ قېتىم ) بار .
مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن مەلۇماتلار
مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە دەسلەپكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولغان كوماندىلار كېلەر يىللىق ئافرىقا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ .
بىرلەشمىدە 3-بولغان ۋە مىسىر لوڭقىسىغا ئېرىشكەن كۇلۇب ( ئەگەر مىسىر لوڭقىسىنى دەسلەپكى ئۈچ كۇلۇب ئالغان بولسا 4-بولغان كۇلۇب ئۇنىڭ ئورنىغا سەپلىنىدۇ ) ئافرىقا بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ .
بىرلەشمىدىكى ئەڭ ئاخىرىدىكى تۆت كۇلۇب دەرىجە چۈشۈپ كېتىدۇ ھەمدە ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىدىن ئالدىنقى تۆت كۇلۇب ئورنىغا سەپلىنىدۇ ، بۇ خىل دەرىجە چۈشۈش تېخىمۇ كۆپ كوماندىلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ ھازىرغا قەدەر بىرلەشمە تارىخىدا ئەھلىي ۋە زامالىكتىن ئىبارەت ئىككىلا كوماندا دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان ، ئەمما بۇ بىرلەشمىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 61 كوماندا ئويناپ باققان .
مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇرۇش ، ئىنقىلاب ۋە نۇرغۇن ئىشلار تۈپەيلىدىن نەچچە قېتىم توختىتىلغان ، ئەڭ ئۇزۇن توختىتىۋېتىلگەن ۋاقتى بولسا 1967-يىلدىن 1974-يىلغىچە بولغان ۋاقىت بولۇپ بۇ ۋاقىت ئەرەب-ئىسرائىل ئۇرۇشى مەزگىلى ئىدى . 2012-يىلى پەسىل بېشىدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا 74 ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى بىلەنمۇ مۇددەتسىز توختىتىلغان ، ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ 2013-يىلى يىل بېشىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ، بىراق بۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈنچى مەزگىل ھېسابلاپ ئەسلىدىكى ھەر بىر كوماندىنىڭ باشقا 18 كوماندا بىلەن ئوينايدىغان ئايلانما مۇسابىقە شەكلى ئۆزگەرتىلىپ كوماندىلارنى ئىككىگە بۆلۈپ ھەر بىر كوماندا ئۆزى بۆلۈنگەن گۇرۇپپىدىكى باشقا 8 كوماندا بىلەن تۇتۇشىدىغان ، ئەڭ ئاخىرىدىكى 4ئۈزۈپ چىققان تۆت كوماندىنى ئۆز-ئارا مۇسابىقىگە سېلىپ دەرىجىگە توختىتىدىغان شەكىلنى ( بۇ خىل مۇسابىقە شەكلىنىڭ بېشى ئايلانمىغا ، ئاخىرى شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ .) قوللانغان ھەمدە بۇ ئايلانمىنى « شەھىدلەر ئايلانمىسى » دەپ ئاتاپ تاماشىبىنسىز ھالەتتە مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرغان ، ئەمما يېقىنقى كۈنلەردىكى مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى تۈپەيلى بۇ مۇسابىقىلەرمۇ يەنە ۋاقتىنچە توختىتىلدى .
تۆۋەندە بۇ بىرلەشمىنىڭ يارقىن نۇقتىللىرى بولغان ئەھلىي ۋە زامالىك كۇلۇبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي :
ئەھلىي كۇلۇبى ( ئەلئەھلىي )
ئەزالار
مىسىر ئەھلىي كۇلۇبى ياكى ئەھلىي تەنھەرىكەت كۇلۇبى ( ئېنگلىزچىسى Ahly S.C ) 1907-يىلى قۇرۇلغان ، دۇنيا كۇلۇبلار مۇسابىقىسىگە تۆت قېتىم قاتناشقان بولۇپ دۇنيادىكى كۇلۇبلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ قاتناشقان كۇلۇب ھېسابلىنىدۇ . ( ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بارسىلونا ۋە ئاۋىستىرالىيە ئوكلاند شەھەر كۇلۇبى بولۇپ ئۈچ قېتىمدىن قاتناشقان .) ئەمما ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 2006-يىلى مىس مىدالغا ئېرىشكەن .
مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 36 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى ۋە 35 قېتىم مىسىر لوڭقىسىغا ، يەنە يەتتە قېتىم مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن .
بۇ كۇلۇبنىڭ ئافرىقا ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى سەپىرىمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان بولۇپ 23 قېتىم قاتنىشىپ 7 قېتىم چىمپيۇن بولغان ، ھەمدە ئافرىقا بۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 20-ئەسىردىكى « ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق كۇلۇب » دەپ نام بېرىلگەن .
ئەھلىي كۇلۇبىنىڭ ئۇتۇقلىرى
ئافرىقا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى 7 قېتىم .
ئافرىقا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى 5 قېتىم .
ئاسىيا-ئافرىقا چىمپىيۇنلىقى 1 قېتىم
مىسىر بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقى 36 قېتىم .
مىسىر لوڭقىسى 35 قېتىم .
مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى 7 قېتىم .
سۇلتان ھۈسەين لوڭقىسى 7 قېتىم .
ئەرەب ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى بىر قېتىم .
ئەھلىي كۇلۇبىنىڭ پۇتبول كوماندىسىدىن باشقا يەنە ۋاسكىتبول كوماندىسى ، تىكتاك توپ كوماندىسى ۋە قول توپ ( زال ئىچىدە قولدا ۋارىتارغا سولاپ نۇمۇر ئالىدىغان ) كوماندىلىرىمۇ بولۇپ بۇلارنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا توختالمايمىز .
زامالىك كۇلۇبى
ئەزالار

مىسىر زامالىك كۇلۇبى ياكى زامالىك تەنھەرىكەت كۇلۇبى ( ئېنگلىزچىسى : Zamalek Sporting Club ) ئەڭ دەسلەپ نىل قەسرى كۇلۇبى دېگەن نامدا ( ئىسىم تارىخىدا بىر نەچچە قېتىم ئۆزگىرىش بولۇپ ئاخىرى 1952-يىلى زامالىك دېگەن ئىسىمنى قوللانغان .) 1911-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ مىسىر ۋە ئەرەب دۇنياسى كۇلۇبلىرى ئىچىدىكى بىر قەدەر قەدىمىي كۇلۇب بولۇپ بۇلارنىڭ تارمىقىدا ھەر خىل تەنھەرىكەت كوماندىلىرىدىن 22 بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنى يەنىلا پۇتبول كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ . بۇ كۇلۇب خەلقئارا پۇتبول تارىخ-سىتاتىسكا بىرلەشمىسى ( ئېنگلىزچىسى International Federation of Football History & Statistics قىسقارتىلىپ IFFHS دېيىلىدۇ ) تەرىپىدىن 2003-يىلى « دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۇلۇب » دېگەن نامغا ئېرىشكەن . بۇ كۇلۇبنىڭ ئەھلىي كۇلۇبىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نەتىجىللىرى ئەھلىي كوماندىسىغا يەتمىسىمۇ ئەمما باشقا كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن تۇتۇشقاندىكى نەتىجىسى خېلىلا ياخشى ، مەسىلەن : 1977-يىلى ۋە 1984-يىللىرى ئىككى قېتىم بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى 2:1 ئۇتقان ، 2003-يىلى لازىيونى 2:1 نەتىجە بىلەن 2009-يىلى ياۋروپا بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى شاھتار دونسىكنى 2:0 نەتىجە بىلەن ئۇتقان .
زامالىك كوماندىسىنىڭ نەتىجىللىرى
ئافرىقا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى 5 قېتىم .
ئافرىقا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى 3 قېتىم .
ئاسىيا-ئافرىقا چىمپىيۇنلىقى 2 قېتىم
مىسىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 11 قېتىم .
مىسىر لوڭقىسى 21 قېتىم .
ئەرەب ئىتتىپاقى بىرلەشمىسى بىر قېتىم .
گەرچە مىسىر بىرلەشمىسىدە باشقا ئىسمائىلىيە ، ئىسكەندىرىيە بىرلەشمىسى ، مۇقاۋىلۇن ئەرەب ، بورسەئىد كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇبلار بولغان بولسىمۇ ئۇلار شان-شەرەپ ۋە نەتىجە جەھەتتىن بۇ ئىككىسىدەك بولمىغانلىقتىن ئاساسلىق ۋەكىلى سۈپىتىدە مۇشۇلارنىلا يازدىم . تېمامنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىشلەرنى قۇبۇل قىلىمەن ، ئەمما تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايمەن ، چۈشەنمىگەن ياكى ئايدىڭلاشمىغان جايلار بولسا مۇنبىرىمىزنىڭ ي ي قانىلىغا كىرىپ ( بىر ئوچۇم گۈل ھەدىيە قىلىۋېتىپ ) سورىسىڭىز ھەرۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە . مۇنبىرىمىزنىڭ ي ي قانال نۇمۇرى : 87526988 |