- تىزىملاتقان
- 2013-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
|
ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 18-ئىيۇل خەۋىرى
بايرېننىڭ ئۆزىلنى قوشۇۋېلىش خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋاسىتىچىسى مۇستافا مۇنداق دېدى: ئۆزىل خان مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلمايدۇ، ئۇ خان مادرىد بىلەن 2019-يىلىغىچە داۋاملىق توختاملىشىش توغرىسىدا سۆبەتلەشمەكتە، بۇ مەخپىيەتلىك ئەمەس. بۈگۈن ئۆزىل تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ خان مادرىد بىلەن 2019-يىلىغىچە داۋاملىق توختاملىشىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۆزىل خان مادرىدقا بېسىم ئىشلەتمەكچى.
ئۆزىل مۇنداق دېدى: خان مادرىد مەن بىلەن داۋاملىق توختاملاشماقچى، بۇ ناھايىتى ياخشى، بۇ خان مادرىدنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن مەن ھېچقانداق قارار چىقارمىدىم، ھېچقانداق بېسىمىم يوق. مەن خان مادرىد كوماندىسىدا كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمەن، لېكىن باشقا مۇمكىنچىلىكنىمۇ ئويلىشىمەن. پۇتبول دۇنياسىدا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار.
«مەخپىيەتلىك گېزىتى» نىڭ قارىشىچە ئۆزىل بۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق خان مادرىدقا بېسىم ئىشلەتمەكچى. داۋاملىق توختاملىشىش سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ ئۆزىلنىڭ مائاشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان، ئۆزىلنىڭ نۆۋەتتىكى يىللىق مائاشى بەش مىليون ياۋرو، ئۇ ئۆزىنىڭ مائاشىنىڭ يەتتە مىليونغا ئۆرلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن خان مادرىد ئۇنىڭغا بۇنداق يۇقىرى مائاش بېرىشنى خالىمىدى. ئۆزىلنىڭ ئاتىسى مۇنداق دېدى: كاكا مۇسابىقىگە قاتناشماي تۇتۇپ 10 مىليون ياۋرو ئالغان يەردە بالام ئاساسلىق ماھىر سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ يەتتە مىليون ياۋرو ئالسا بولمامدۇ؟
ئۆزىلدىن باشقا خان مادرىد ماھىرى راموسمۇ مائاش قوشۇشنى تەلەپ قىلماقتا.
|
|