ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3431 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-18 11:57
ئالدىنقى كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش مۇراسىمى دالىيەندە ئېلىپ بېرىلدى . نەتىجىدە ئەرلەر پۇتبول تۈرى 20 ياشلىقلار ۋە 18 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى ، شۇنداقلا ئاياللار 20 ياشلىقلار ۋە 18 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بولۇپ 4 گۇرۇپپا ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقە 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بېكىتىلدى .
مۇسابىقە يۇقىرىقى تۆت گۇرۇپپا تۈرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ھەربىر گۇرۇپپا ئايرىمىسىدىن 8 كوماندا a ۋە b ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەربىر گۇرۇپپىدا ئالدى بىلەن يەككە ئايلانما ھالەتتە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ ، ئاندىن شاللاش مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ . شۇ ئارقىلىق كوماندىنىڭ دەرىجىسى بىكىتىلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ، ئەرلەرنىڭ 20 ياشلىقلار تۈرى مۇسابىقىسى شېنياڭ ۋە ئەنشەن دىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە رايۇنىدا ئۆتكۈزىلىدۇ . ئەرلەر 18 ياشلىقلار تۈرى بىلەن ئاياللار 20 ياشلىقلار تۈرى مۇسابىقىسى دالىيەن مۇسابىقە رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ، قىزلار 18 ياشلىقلار تۈرى مۇسابىقىسى پەنجىن ۋە خۇلۇ ئارىلى مۇسابىقە رايۇنىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە :
چېمپىيون بولغان كوماندا ئۈچ ئالتۇن مىدال
ئىككىنچى بولغان كوماندا ئىككى ئالتۇن مىدال
ئۈچىنچى بولغان كوماندا بىر ئالتۇن مىدال
تۆتىنجى بولغان كوماندا ئۈچ كۈمۈش مىدال
بەشىنجى بولغان كوماندا ئىككى كۈمۈش مىدال
ئالتىنجى بولغان كوماندا بىر كۈمۈش مىدال
يەتتىنجى بولغان كوماندا ئۈچ مىس مىدال
سەككىزىنجى بولغان كوماندا ئىككى مىس مىدالغا ئىرىشىدۇ . دېمەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرەلىگەن كوماندىلار ئەڭ بولمىغاندا ئىككى مىس مىدالغا ئېرىشىدۇ .
قۇشۇمچە :
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ۋە گۇرۇپپا ئايرىمىسى
20 ياشلىقلار ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپا ئايرىمىسى
a: جىاڭسۇ -- جېجىياڭ -- شىنجاڭ -- گۇاڭدوڭ
b : شاڭخەي -- لىياۋنىڭ -- سىچۈەن -- چۇڭچىڭ
18 ياشلىقلار ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپا ئايرىمىسى
a : شاڭخەي -- لىياۋنىڭ -- سىچۈەن -- شەنشى
b: شەندۇڭ -- جىلىن -- جېجىياڭ -- خۇبېي
20 ياشلىقلار قىزلار پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپا ئايرىمىسى
a: تىيەنجىن -- شاڭخەي -- سەنشى -- شەندۇڭ
b: شەندۇڭ -- جىياڭسۇ -- گۇاڭدۇڭ -- بېيجىڭ (ھەر ئىككى گۇرۇپپىدا شەندۇڭ تۇرىدۇ ، ئىككى كوماندىسى بارمۇ يا مەنبەدە خاتامۇ بىلمىدىم )
18 ياشلىقلار قىزلار پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپا ئايرىمىسى
a: لىياۋنىڭ -- شاڭخەي -- بېيجىڭ -- ئازاتلىق ئارمىيە
b: جىياڭسۇ -- خۇبېي -- خېبېي -- خېنەن
|
|