akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1704|ئىنكاس: 41

بېلباۋ رىقابەت ۋە باسىك مىللىتى ( ئۈلكەر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى :
    مۇشۇ مۇنبەر باشلىقى بولغاندىن باشلاپ تۈزۈك تېما يېزىشمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى نىسىپ بولماي كەلگەنىدى . بىر زامانلاردا مۇنبىرىمىزدىكى باگگىئو ( ي ي قانىلىدىكى ئىسمى بوران ) نىڭ ماتتىريال مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بېلباۋ رىقابەت بىلەن باسىك مىللىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا ئېرىشكەن ئىدىم . بۇنىڭمۇ مانا بۈگۈن سائىتى توشقان بولسا كېرەك . شۇڭا ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ، ئەسلى مەنبەنى ئەڭ زور چەكتە ئۆز تىلىمغا ئايلاندۇرۇپ يېزىشقا تىرىشتىم ، بىراق تارىخى مەزمۇنلار ۋە بىر قىسىم يەر جاي ، شەخىس ئىسىملىرىنىڭ بەيدۇ ۋە wikipidea لاردا ئاساسەن ماتتىريالى بولماسلىق تۈپەيلى تېمىدا خېلى يىتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بۇلىشى تەبئىي . شۇنداق بولسىمۇ نەزىرىڭلارنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرلايسىلەر :

   ئەجەپ ۋاقىت ۋە زېھنىم كەتتى دىسە ماۋۇ تېمىغا ...




     2012 – يىلى  << باسىك ئەركەك شىرى >> ئاتلىق كۇلۇپ بىلباۋ رىقابەت << ساپ قانداشلىق >> توپچىلارنى چاقىرتىپ   Cantera سىياسىتىنى خاتىرلىدى .
      ئەمىليەتتە بېلباۋ رىقابەت بۇ ئەسىردىكى ھەقىقىي تۈردىكى ئېتقاد ۋە مەدەنيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن كوماندا دەپ قارىلىدۇ . باسىك مىللىتىدىكىلەرنىڭ قارىشىدا Cantera  بولسا باسىكلارنىڭ مىللى مۇستەقىللىقى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان بىرخىل سىياسەت . بېلباۋ رىقابەت بۈگۈنكى دەۋىر پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى چىپا گۈلى (بۇ بىرخىل گۈل بۇلۇپ ئامالسىز خەنچە ئاتلىشى ئېلىندى ) ھېسابلىنىدۇ . ھەتتا ئەنگىلىيەنىڭ ھېچكىمگە يۈز قارىمايدىغان ئەڭ شەپقەتسىز دەپ قارىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ Cantera سىياسىتىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۋەتكەن .


   
Cantera سىياسىتى


      << بېلباۋ رىقابەت بىر مۆجىزە ، ئەلۋەتتە بۇلارنى تەڭرى ئاتا قىلغان مۆجىزە دەپ قاراش تامامەن مۇمكىن (بۇ يەردىكى ئىبارىلەر تەرجىمىدە مۇشۇنداق ئېلىندى ، ئېزىپ كەتكەن بولسام ئىگىسى كەچۈرگۈچى ) >> باسىكلارنىڭ توپ مەستانىلىرى پەخىرلىنىپ مۇشۇنداق ئاتاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان . 1928 – يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمسى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە مادىرىد ، بارسادىن باشقا پەقەت بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىلا دەرىجە چۈشۈپ كىتىشنى بېشىدىن كەچۈرمىگەن كوماندا ھېسابلىنىدۇ . ئۇلار بۈگۈنگىچە جەمئىي 8 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلۈرگەن . ھەتتا تارىختا 1930 – يىلى 12 :1 نەتىجە بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلغان ، بۇلار باسىكلارنىڭ مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك بىر ئەسلىمە .




     Cantera سىياسىتى ئىلگىرى بېلباۋ رىقابەت كوماندىسى ئۈچۈن مىسلىسىز گۈللىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن . 1920 – يىلى ئانتۋېرپ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 21 نەپەر ئەزاسىنىڭ ئىچىدە 14 نەپىرى باسىك مىللىتىدىن بولغان ، ھەتتا << كىچىك كەپتەر >> دەپ نام ئالغان مورېنونى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .    Cantera سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىتى يەرلىك توپچىلارنى نىشان قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش بۇلۇپ ، ئىلگىرى بۇ سىياسەتنى مادىرىد ، باسىلونا ۋە ئىسپانىيول قاتارلىق كۇلۇبلارمۇ قوللىنىپ باققان . كېيىنچە فىرانسىسكو فىرانكونىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى سىياسىتى تۈپەيلى باسىك مەدەنىيىتى مەنئىي قىلىنىپ بۇ مەدەنىيەت ئاقىۋەتتە قوغدىلىش مەدەنىيىتى ۋە ساپ قانلىق بۇلۇشنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ قالدى . (بۇ جاي سەل چۈشىنىسكز بۇلۇپ قالدى ، سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ئۆزرە ) . ئەكىسچە ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ھەربىر كۇلۇپ 3 نەپەر چەتئەللىك توپچىلارنى كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مادىرىد فىرانكونىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە توپچىلارنى كىرگۈزۈپ يەرلىك توپچىلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى . مانا بۇ خىل ھالەت باسىك مىللىتىنى توپتوغرا 30 يىللىق ئىزىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنىدى .
     بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىدا چەتئەللىك توپچىلار يوق بۇلۇشتىن سىرت يەنە باسىك مىللىتىدىن بولمىغان ئىسپانىيەلىك توپچىلارمۇ يوق ئىدى . فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى توپچىسى لىزارازۇ مۇ بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىدا توپ تەپكەن بۇلۇپ سەۋەبى گەرچە ئۇ چەتئەللىك بولسىمۇ بىراق باسىك مىللىتىدىن ئىدى . ئەينى چاغدا بېلباۋ يەرلىك بىر ئاخبارات ئورگىنى خەلىق رايىنى سىناش ئېلىپ بارغان نەتىجىدە 76 پىرسەنىت باسىك مىللىتىدىن بولغان كىشىلەر بۇ سىياسەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇلار ھەتتا دەرىجە چۈشۈپ كەتسىمۇ بىرمۇ باسىك مىللىتىدىن بولمىغان توپچىنىڭ سانمامېس پۇتبول مەيدانىنىڭ چىمىغا دەسسىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن .


     باسىكلار ئىسپانىيە پۇتبول ئۇسلۇبىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان


   
     باسىكلار ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ بىخ ھالىتىگە نىسبەتەن ناھايتى مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دىيىشكە بۇلىدۇ . ئىسپانىيە بىرلەشمىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن شاھلىق لوڭقىسى ئىسپانىيە ئۈچۈن ناھايتى زور ئىش ھېسابلىناتتى شۇنداقلا باسىكلار بىلەن كاتالۇنىيەلىكلەرنىڭ جېڭى دەپمۇ قارىلاتتى . 1901 - يىلدىن 1936 - يىلغىچە بولغان ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىن بۇرۇن بېلباۋ رىقابەت 13 قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ شاھىدى بولغان . 4 قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىش قەدىمى ھېچبىر رەقىبسىز ھالەتتە كىرگەن دىيىشكىمۇ بۇلاتتى .  1920 - يىلى ئانتۋېرپ ئولىمپىك يىغىنىدا ئىسپانىيە ئىككىنجىلىككە ئىرىشىدۇ ،  بۇ ۋاقىتتا كوماندىدىكى ئاسالىق كۈچ يەنىلا باسىك مىللىتىدىن ئىدى . 1921 - يىلى ھەر ھەپتىسىگە 1000 پېزېتا (قەدىمكى ئىسپانىيىنىڭ پۇل بىرلىكى) مائاش ئالىدىغان بېلباۋ رىقابەتنىڭ ئەنگىلىيەلىك تېرىنىرى بانتىرات (توردىن بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر ماتتىرىيال تاپالماي ، ئۇدۇللا مۇشۇنداق ئالدىم) ئۆزى بىر قوللۇق ھازىرقى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ‹‹ تۇيۇقسىز توپ چىقىرىش (بۇنىمۇ مۇشۇنداقلا ئالدىم ، كاللامغا ھېچ باشقا ئاتالغۇ كەلمىدى ) ، توپ كونتىرول قىلىشتا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش›› تەك ئويناش ئۇسلۇبىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
     1928 - يىلى تۇنجى قېتىم يولغا قۇيۇلغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ‹‹ باسىك بىرلەشمىسى ›› دەپ قارالسىمۇ ھېچبىر غۇلغۇلا قوزغىمايدىغان ھالەتتە ئىدى . چۈنكە بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 10 كۇلۇبنىڭ ئىچىدە 4 كۇلۇپ باسىك رايونىدىن ، قاتناشقان توپچىلارنىڭ 56 پىرسەنتى باسىك مىللىتىدىن ئىدى . ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى توپىنى ئۇرغان كىشىمۇ دەل شۇ باسىك مىللىتىدىن ئىدى . 1953 - يىلى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1910 - يىللىاردا ئۆتكەن بېلباۋ رىقابەتنىڭ مەرگىنى مورېنونىڭ ‹‹باچكا ›› دىگەن لەقىمىنى قوللىنىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن كەش مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان . ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە باسىكلارنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى ئاران 8 پىرسەنىتكە چۈشۈپ قالدى . بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىگىرىگە ھەرگىز كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ .


   لېزاما ئەمىليەتتە ‹‹ساپ قانداشلىق ›› پۇتبولدىن ئىبارەت


     ئۆزى قان ياساش - بۇ سۆزنى پۇتبولغا تەتبىقلىساق ياشلار بازىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلۈش دىگەندىن ئىبارەت . بېلباۋ رىقابەتنىڭ ياشلار بازىسى ‹‹ لېزاما ›› دەپ ئاتىلاتتى . بۇ ياشلار بازىسىنىڭ نامى ئىسپانىيىدە ھەتتا لاماسىيە ياشلار بازىسىدىنمۇ بەك داڭلىق .
     بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى يىرۇتا ئىپادە بىلدۈرۈپ : ‹‹ بىزنىڭ كۇلۇب يولغا قۇيۇپ كېلىۋاتقان باسىك سىياسىتى كۇلۇبقا نىسبەتەن نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى دىيىشكە بۇلىدۇ ، بىراق بىز باسىكلارنىڭ قان سېستىمىسىغا تەۋە بولغان ياشلارنى كۆپلەپ تەربىيلەشكە تىرىشىمىز ، مەيلى قانداقلا نەتىجە يۈز بىرىشىدىن قەتئىينەزەر بىز بۇ سىياسەتتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز ، بىز نىمىلا بولمىسۇن ساپ قانلىق بۇلۇشنى قوللاپ كەلدۇق ، لېزاما ياشلار بازىسىدىن چىققان ياش نوتىلار ئەڭ بولمىغاندا ئەڭ زور چەكتىكى كۆرەش قىلىش روھىغا ئىگە ›› دىگەنىدى .
     لېمازا ياشلار بازىسى ئەڭ دەسلەپ قاپقىچى تەربىيلەش بىلەن نام چىقارغان . تارىخنىڭ ھەر قايسى يىللىرىدىكى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قاپقىچىلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق : 50 - يىللاردىكى ساگدىن (بۇمۇ ئامالسىز مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىندى ) ، 80 - يىللاردىكى ئاركونادا ۋە 90 - يىللاردىكى زۇببىزارېتا قاتارلىقلار باسىكلارنىڭ ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋاراتار سېپىدىكى ئورنىنى نامايەن قىلغان . 16 ياشقا كىرىپ 289 كۈنلۈك بولغان مۇنىيا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كىچىك توپ ئۇرغان توپچىمۇ دەل مۇشۇ باسىكلاردىن ئىدى . ئۇ 1.68 مىتىر بويى بىلەن ھازىرقى قاتىل ھۇجۇمچى مېسسىنىڭ ئىز باسارى دەپ قارىلىدۇ . مۇنىيا 2011 - يىللىق ياشلارنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدە چېمپىيۇن بولغان ئىسپانىيە u21 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى ئىدى .
     بېلباۋ رىقابەت ئەزەلدىن باشقا كۇلۇبلار تەرىپىدىن تالان تاراج بۇلۇپ كىتىشتىن قورقمايدۇ ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۈزلىگەن كۇلۇبلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بۇلۇپ ، ھەر ھەپتىسى 11 - 18 ياشقىچە بولغان نۇرغۇن ئۆسمۈرلەر لېمازا ياشلار بازىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ بۇ يەردە كەسپىي پۇتبولچى بۇلۇش ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشماقتا . دەل مۇشۇ ياشلار بازىسى بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبى ئۈچۈن يىلىغا نەچچە ئون مىليون ياۋرو كىرىم قىلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبىنىڭ يەتتە جايدا كىچىك لېمازا بازىسى بۇلۇپ بۇلار بىر تورلاشقان ياشلار بازىسىنى شەكىللەندۈرگەن .


يوتقان كىرلىكى جېڭى ، تىتانىك ناملىك پاراخوت


    گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە كۆپىنچە مەستانىلەر گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن ، قېنى دىققىتىڭىز تېمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن ، يېڭىلىقلار داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا ...
     ھەر ئىككى كۇلۇبنىڭ كىيمى ئاق قىزىل بالداق رەڭدىن تەشكىللەنگەن بولغاچقا ، بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنىڭ مۇسابىقىسى ‹‹ يوتقان كىرلىكى دېربىيسى ›› دەپ ئاتالغان . بۇ دەل 100 يىل بۇرۇنقى تىتانىك ناملىق پاراخوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
     1898 - يىلى بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، كۇلۇبنىڭ كىيمى كۆك-ئاق بالداق رەڭلىك ئىدى . 1909 - يىلى روژىستوۋ بايرىمىنىڭ ئارام مەزگىلىدە بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبىنىڭ يوھان . ئىرود ئىسىملىك بىر نەپەر توپچىسى ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە كېلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كۇلۇبنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كىيمىگە ماس ھالدا كۆك-ئاق بالداق گەزمال كىيىم بار ئىدى . 10 نەچچە كۈنلۈك ساياھەت جەريانىدا ئۇنىڭ يېنىدا نە پۇل نە بىر قايتىپ كەتكۈدەك ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقۇدەك نەرسە قالمىغانلىقتىن ئاخىرى ئامالسىز جەنۇبى ئامپىتۇن پورتىدىن دۆلىتگە قايتىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ . دەل بۇ ۋاقىتتا جەنۇبى ئامپىتۇن پورتى تارىختىكى نامى ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان ‹‹ تىتانىك ›› ناملىك پاراخوتنى يولغا چىقىرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا شەھەر باشلىقىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامپىتۇن شەھرى ئاھالىلىرى ئاق -قىزىل رەڭلىك بايراقنى (بۇ بايراق ئەنگىليەنىڭ ئەڭ چوڭ تىرانسىپورت شىركىتى بولغان ئاق يۇلتۇز يۈك تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ سىموۋلى بولسا كېرەك ) پۈتۈن شەھەرگە ئېسىپ ئاجايىپ بىر مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن ئىدى . بۇ پاراخوتنى يولغا چىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بۇ توپچى 50 فونىستىرلىڭ پۇل تېپىپ ئۆزىگە بىر قۇر بايراقنىڭ ماتتىريالىدىن كىيىم سېتىۋېلىپ ۋەتەنگە قايتماقچى بۇلىدۇ . ئۇ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بۇ كىيىمنىڭ سۈپىتىگە كۇلۇبنىڭ رەئىسى ئالاھىدە قىزىقىپ قېلىپ 1910 - يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ مەزكۇر رەخىتتىن كوماندىنىڭ كىيمىنى ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ توپچىلارغا كەيدۈرىدۇ . بۇ رەڭ دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبىنىڭ سىموۋۇل خارەكتىرلىك كىيمىنىڭ رەڭگى بۇلۇپ تاللىنىدۇ . قىسقىغىنە 1 يىلدىن كېيىن بۇ توپچى مادىرىد رىقابەت كۇلۇبىغا يۆتلىكىدۇ . ( بۇ يەرگە كەلگەندە بېلباۋ رىقابەت بىلەن مادىرىد رىقابەت ھەققىدىكى قىسقىچە مۇنۇ بىلدۈرگۈنى قۇشۇپ قويماقچىمەن : مادىرىد رىقابەت كۇلۇبى ئەڭ دەسلەپتە مۇستەقىل كۇلۇب بولماستىن بەلكى بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبىنىڭ مادىرىد شەھرىدىكى تارماق كوماندىسى ھېسابلىناتتى ، 1903 - يىلىغا كەلگەندە بۇ كۇلۇب مۇستەقىل كۇلۇب بۇلۇپ قۇرۇلغان ) .
ئۇ مادىرىد رىقابەتكە يۆتكەلگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان 25 يۈرۈش ئاق - قىزىل گەزدىن ئىشلەنگەن كىيىمنى مەزكۇر كۇلۇبنىڭ رەئىسىگە تەقدىم قىلىدۇ ، دەل شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مادىرىد رىقابەتمۇ بۇ خىل رەڭنى كۇلۇبنىڭ كىيمى قىلىپ ئادەتلەنگەن . بۇ كىيىملەر ھېلىھەم مادىرىد رىقابەتنىڭ مۇزىيىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە .





     2010 - يىلنىڭ بېشىدا ، تىتانىك فوندى جەمىيتىنىڭ رەئىسى ھەر ئىككى كۇلۇبقا ئەينى چاغدىكى بايراقتىن ئىككى يۈرۈش تەقدىم قىلىدۇ . بۇ بايراق ھازىرمۇ خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە .

   باسىك ئالتۇن ئۆسمۈرى


     گونزالىس 8 ياش ۋاقتىدا بېلباۋ رىقابەتنىڭ ياشلار بازىسىغا قۇشۇلغان . لېمازا ياشلار بازىسىدىن يىتىشىپ چىققان تىپىك ۋەكىللەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇ 18 ياشقا كىرگەن يىلى بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبىنىڭ بىرىنجى سەپ كوماندىسىغا كىرىدۇ . جاپالىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئۇ تۇنجى باسىك مىللىتىدىن بولغان ئالتۇن ئۆسمۈر بۇلۇ قالىدۇ . 2006 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگە قەدەر ئۇ بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 430 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 116 توپ ئۇرغان گونزالىس پۇتبولچىلىق ھاياتىدىن رەسمى خوشلاشقانلىقىنى جاكارلاپ كېيىن كۇلۇبنىڭ ياشلار كوماندىسىغا تېرىنىر بۇلۇپ ۋەزىپىگە قۇيۇلىدۇ .

  ...



   تېمىنىڭ ئاخىرلىشىشى ياخشى چىقمىدى ، داۋاملىق ماتتىريال ئىزدەۋدتىمەن پات يېقىندا داۋامىنى تەھرىرلەيمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +300 تۆھپە +20 شۆھرەت +25 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
missi2 + 50 قوللاش!
nayil + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
نىكى + 50 قالتىس!
چوكىنات + 100 + 10 + 10 + 10
ئوسكار + 50 + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-15 22:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   نەچچە قېتىم يوللىسام خاتالىق چىقىۋېلىپ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-15 22:45:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈتۈمىز....!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-15 22:49:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 22:45
داۋامىنى كۈتۈمىز....!!


ئاللاھ خالىسا ئەتە ئۆگۈن پۈتىدۇ داۋامى ، بىر باشلاپ قۇيۇپتىمەن ، يازماي دىسەم كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ، يازاي دىسەم ماتتىريال دىگەننى پۇل بىرىپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بىر نەرسىكەن ماۋۇ ...

ئۇنىڭغىچە تېمىنىڭ ھازىر بار بولغان مەزمۇنىغا خاس ئىنكاسلارنى ئايىمىغايسىلەر ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-15 22:54:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما !   بىلباۋ رىقابەت  ئۈتكەن يىلى  يوۋىنتوس لورىنىتنى پۇلغا سىتۋالمىز دىسە ئۇنىمدى ! مانا ئەمدى ئەركىن توپچى سۈپىتىدە يوۋىنتوسقا ھەقسىز قۇشۇلدى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-15 23:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىزلىۋاىتىدۇ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-15 23:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن موشۇ  بىلباۋ رىقابەت  كوماندىسىنى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى مىنشىنگىلادباخ كوماندىسىغا بەك ئوخشىتىمەن.

  باسىك مىللىتى شو چاغلاردا پۇتبولنى ھازىرقى تۈرۈك مىللىتىدەك يا بولمىسا نىمىس مىللىتىدەك  ۋەھشى ئويناپ قۇيوپتىكەن موشۇنىداق روھ بولغاندىلا ھەر قانداق ئىشنى ۋوجۇتقا چىقارغىلى بولدۇ.

ما تېمىنىڭ يامان يىرى ئادەم قىزىقىپ ئوقىۋاتقاندا تۈگەپ كەتكىنى دەيمەن  ئۈلكەرجان ئۇنداق قىلماي تىزىراق يوللاڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-15 23:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 23:06
مەن موشۇ  بىلباۋ رىقابەت  كوماندىسىنى گېرمانىيە بىرلەش ...

ھى ھى ، مەنمۇ يېزىۋېتىپلا غىققىدە توختاپ قالدىم ، داۋاملىق ماتتىريال ئىلەۋاتىمەن ، تاپساملا بىرىنجى ۋاقىتتا تۇلۇقلايمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-15 23:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 23:06
مەن موشۇ  بىلباۋ رىقابەت  كوماندىسىنى گېرمانىيە بىرلەش ...


ئەسلى مەنبەدە بىرىلگەن مەزمۇن ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەنتەربىيە مۇخبىرلىرى يوللىغان مەزمۇننى جەملەپ شۇ بۇيىچە ئالغان ئىكەن . مەن بىرلەشتۈرۈپ يوللىغان ، ماتتىريالنى يەنە  ئازراق تاپالىدىم ، يەنە ئىزدەۋاتىمەن ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-15 23:13:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 23:18  

ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى  كۈچلۈك كوماندا--بىلبائو رىقابەت
تېما ئىگىسى كۆپ ئىزدەنگەن ،ئەمما بىر قىسىم مەزمۇنلارنى يەنىلا تولۇقلاپ پىششىقلاشقا تىگىشلىك

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-15 23:26:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەتتا تارىختا 1930 – يىلى 12 :1 نەتىجە بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلغان ، بۇلار باسىكلارنىڭ مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك بىر ئەسلىمە .


يارىمىزنى تاتلىمىسىڭىز بولمامدۇ روزا رامىزاندا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-15 23:36:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسىك مىللىتى ئىسپانىيەنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىيدىكى  جايلارغا ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان مىللەت
باسىكلارنىڭ يەرلىك ئۇسسۇلى
b12.jpg

مادرىدتىكى ئالونسۇ باسىك رايۇنىدا تۇغۇلغان،ئەمما باسىك مىللىتىدىن ئەمەس دەيدىغان قاراش بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش