akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2887|ئىنكاس: 50

ئۇرۇش ئىچىدىكى شاتلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-13 10:16  

پۇتبول ھۈجەيرىسى يوق مەكتەپ مۇدىرى

بىر قانچە پۇتبول خۇمار خىزمەتداشلار  چۈشلۈكى 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن  يېرىم مەيدان ھۇزۇرلىنىپ ئوتتۇرىدىكى دەم ئېلىشتا ئۆز ئارا پاراڭغا چۈشتۇق، مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە سۆز بولغاندا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى:‹ بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ پۇتبول ھۈجەيرىسى يوق› دەپ مۇدىر ھەققىدە بىر مۇنچە قاينىغان ئىدى.

                                                              -- مىسسى2نىڭ تۇرمۇش خاتىرىسىدىن

11.gif
ئىراق بىلەن قىسقىچە تونۇشۇش

ئىراق جۇمھۇريىتى غەربىي ئاسيادىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان،يەرمەيدانى 441839كىۋادىرات كىلۇمېتىر،ئاھالىسى تەخمىنەن 28مىليۇن 807مىڭ ، ئەرەب تىلى ئاساسلىق تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ، ئىراق غەربىي شىمال تەرەپتە تۈركىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق تەرەپتە ئىران بىلەن چىگرالىنىدۇ، غەرب تەرىپى سۈرىيە ،ئىئۇردانىيەلەر بىلەن خۇشنا، جەنۇب تەرىپى سەئۇدى ئەرەبىستان ،كۇۋەيىت بىلەن چىگرالىنىدۇ، جەنۇبىيدا 60كىلۇمېتىر ئۇزۇنلۇقتا پارس قولتۇقى بىلەن تۇتۇشىدىغان دېڭىز قىرغىقى بار. ئاھالىسىنىڭ %73.5ى ئەرەب مىللىتى، %21.6ى كورد مىللىتى،قالغانلىرى تۈركلەر،ئەرمەنلەر،پارسلاردىن ئىبارەت. %95تىن كۆپرەك ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %54.5ى شىئەلەر، %40.5ى سۇننى مەزھىپىدىكىلەر.
ئىراقنىڭ قىسقىچە پۇتبول تارىخى
ئىراق ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش بوران -چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەرەب دۆلىتى، ئەمما ئۇلارنىڭ پۇتبولچىلىقىدا شانلىق تارىخى كارتىنىلار ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە ‹مىسسۇپوتامىيە ئەركەك شىرى› دەپ چىرايلىق نامىمۇ بار تېخى.
ئىراق پۇتبول كوماندىسىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى
ئەرەب لوڭقىسى چىمپىيۇنى                     1964،1966،1985،1988
پارس قولتۇقى لوڭقىسى چىمپىيۇنى                  1979،1984،1988
ئاسيا تەنھەركەت يىغىنى ئالتۇن مىدالى                1982
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان        1986
2004-يىلى ئافىنا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى       4-لىككە ئىرىشىپ مىس مىدال ئالغان
2006-يىل ئاسيا تەنھەركەت يىغىنى                   كۈمۈش مىدال ئالغان
ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 8كۈچلۈككە كىرگەن     1996،2000،2004
ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى                      چىمپىيۇن(2007)
ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 8كۈچلۈككە كىرگەن     2011

يۇقىرىقى نەتىجىلەر قانداق مۇھىتتا قانداق قىلىپ قولغا كەلگەن؟
ئىراق پۇتبولىنىڭ شان -شەرەپلىرى ئارقىسىدا قانچىلىك پايدىلىق ئامىللار بار؟
ئويلىنىپ كۆرسەك پايدىلىق ئامىللار كۆپ ئەمەس
1.سەككىز يىللىق ئۇرۇش
ئىران-ئىراق ئۇرۇشى(1980-1988)  مۇشۇ مەزگىلدە ئىراق كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، يەنى 1986-يىلىدىكى مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، گەرچە ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ئۇلار يولۇققان كوماندىنىڭ بىرى ساھىبخان مېكسىكا، ئۇلارغا0:1ئۇتتۇرغان، يەنە بىر شۇ مەزگىلدە كۈچىيىپ كەتكەن بىلگىيە(4-بولغان) بولۇپ ئىراق كوماندىسى 2:1بىلگىيەگە ئۇتتۇرغان، يەنە بىرى پاراگۋاي بولۇپ 0:1ئۇتتۇرغان، شۇ مەزگىلدە سادام ئىران بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچنى زور كۈچ بىلەن قۇدرەت تاپقۇزۇشقا بىرىلىپ باشقا ساھەلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمىگەن.
2.پارس قولتۇقى ئۇرۇشى (1990-1991) ئىراق خۇشنسى كۈۋەيتنى بىسىۋالغاندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى  28دۆلەت ئىراق قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىپ تاكى باغداتنىڭ جەنۇبىيغىچە قىستاپ باردى، ھەم ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن تەسىس قىلىپ ئىراقنى نازارەت قىلدى، ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى، ئىراق ئىقتىسادى تىك سىزىق بويىچە چىكىنىشكە يۈزلەندى .
3. ئىراق ئۇرۇشى(2003-يىل)  ئامېرىكا ئىراقنى تولۇق بويسۇندۇردى،سادام ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلدى.ئامېرىكىغا قارشى نامايىشلار ئۈزۈلمىدى.
4. تىرۇرلۇق پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى،كۈندە پارتلاش ساداسى ئاڭلىنىپ تۇردى. ئۆلگەن -يارىدار بولغۇچىلار كۆپىيىپ كەتتى.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئىراق كوماندىسىنىڭ كۆپلىگەن شان-شەرەپلەرنى ئېلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ.

6.jpg

2.jpg

13.jpg

ئىراق كوماندىسىنىڭ 2007-يىلدىكى ئەپسانىسى
2007-يىل ئاسيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى شەرقىي جەنۇبى ئاسيادىكى تۆت دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇندىن بۇرۇنقى ئاسيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە ياپونىيە،ئىران،سەئۇدى ئەرەبىستان،كورىيەلەر لوڭقىنى بەرمەي كەلگەن ئىدى، ئاۋىستىرالىيە ئاسيا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىۋالغان بولغاچقا بۇ نۆۋەت يۇقىرقى 5دۆلەتنىڭ بىرى لوڭقا ئالىدۇ دەپ قارالغان ئىدى، ئۇرۇش ئازابلىرىنى يەتكىچە تارتقان ئىراق كوماندىسى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار مەشىق ھەم مىھمان بولۇپ كەلگەن كوماندىلار بىلەن مۇسابىقە ئلىپ بىرىشتا دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى ناچار بولغاچقا قاتار قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىلىپ باراتتى ۋە مۇسابىقىلىشەتتى.
18.jpg

ئىراق كوماندىسى نەم ،ئىسسىق بەلباغ ئىقلىمىدا ئاسيانىڭ كۈچلۈك كوماندىلىرى بىلەن قاتتىق تىركەشتى، بولۇپمۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئاسياغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇ نۆۋەتلىك ئاسيا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولىدۇ دەپ قارالغان ئاۋىستىرالىيەنى 1گە قارشى 3نەتىجىدە يەڭدى،يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە  نۇقتا توپ تېپىشىپ كورىيەنى يېڭىۋالدى، ئەڭ ھەيران قالارلىق نەتىجە يەنىلا جاكارتادا ئوينالغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۆرۈلدى،71مىنۇت بولغاندا 10-نومۇرلۇق ماھىر يۇنۇس كاللا توپ بىلەن 2006-يىل دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان سەئۇدى ئەرەبىستاننى مەغلۇب قىلىپ ئىراقنىڭ ئەپسانىسىنىڭ داۋامىنى چۈشۈردى. زۇڭلى مالىك ھەربىر ماھىرنى 10مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلاشنى جاكارلىدى.
ئىراقنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى يۇنۇس
19.jpg

ئىراق كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادرۇسى  ئەھلام
17.jpg
2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا گىرىتسىيە كوماندىسى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكىدەك ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندىلارنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ ئاخىرىدا لوڭقا كۆتۈرگەن ئىدى، 2004-يىلى ئافىنا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرىدە ئىراق كوماندىسى مىس مىدال ئالغاندا جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىدا ‹ئىراقتىن ئۆگىنىش› شوئارى ياڭرىغان ئىدى،ئەمما 10يىل بولاي دىدى، يەنىلا جۇڭگو پۇتبولىدا ئىلگىرلەش ئالامەتلىرىنى كۆرمىدۇق.
2007-يىل ئىراق كوماندىسى خۇددى گىرىتسىيە كوماندىسىنى ‹كىلونلىغان›دەك ئۆزلىرىنىڭ ئەپسانىسىنى ئاسيا چوڭ قۇرۇقلىقىدا تارقاتتى، ئۇرۇش ئىچىدە تاۋلىنىپ چىققان قەيسەر روھنى نامايان قىلدى.
eraQ putbol.jpg

ئىراقنىڭ ئاسيا لوڭقىسىدا ئەپسانىۋى نەتىجە يارىتىشىدىكى مەخپى سىر
1. پۇتبولدا تەربىيلەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىشى
2004-يىلى ئاسيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرىنىر بولۇپ باھالانغان ئادىنان 1998-يىلىدىن باشلاپ ئىراق 17ياشلىقلار كوماندىسىنى يىتەكلەپ ماڭغان،بۇ كوماندىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ مېڭىپ 19ياشلىقلار كوماندىسىغا تەرەققى قىلدۇرۇپ تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرگەن، 2004-يىلى ئافىناغا بارغان 18ماھىرنىڭ 12نەپىرى دەل مۇشۇ كوماندىنىڭ ئەزالىرى ئىدى،2007-يىلى ئاسيا لوڭقىسىدىكى داڭلىق ماھىرلاردىن خاۋار، ئەھلام،كۇسەي، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك ئاسيا لوڭقىسىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر، ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى  شەرەپلىرىگە ئىرىشكەن يۇنۇس قاتارلىقلار 2000-يىلىدىكى دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. مۇشۇ 7يىل جەريانىدا ئىراقتا ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى تارقالمىغان ،پارتلاش ئاۋازلىرى يەنىلا بىسىقمىغان ئەھۋالدىمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولىنى ئامال قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ مېڭىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس،ئادىنان مۇنداق دەيدۇ:‹ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشىشى ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىشى بىر كوماندىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل، بۇ جەھەتتە ئىراق كوماندىسى ھەرقانداق دۆلەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ›.
2. پۇتبولغا بولغان ئىشتىياق يۈكسەك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، بۇ بىر جەھەتتىن ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم ئاممىسىنىڭ پۇتبولغا بولغان تونۇشى،قىزىقىشى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنىڭ بىر قەدەر ياخشىلىقىدا ئىپادىلەنسە،يەنە بىر جەھەتتىن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى پۇتبولغا ئاتىۋىتىشتەك يۈكسەك روھىدا ئىپادىلىنىدۇ.
3. پۇتبول بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى زىچ بىرلىشىپ كەتكەن، 2007-يىللىق ئاسيا لوڭقىسىدا ئىراق كوماندىسى بىر ھەربىي قوشۇنغا، ھەربىر كوماندا ئەزاسى بولسا بىر جەڭچىگە ئايلىنىپ كەتتى، مەيدانغا چۈشكەن ھامان ئىراقتىكى ئىس-تۈتەكلىك  مەيدان ،كوچىلاردا چىپىپ يۈرگەندەك رەقىبىگە يۈكسەك يۇقىرى روھىي ھالىتى بىلەن تاقابىل تۇراتتى،ھۇجۇملارنى قوزغايتتى،دەل مۇشۇ روھ  ئاۋىستىرالىيە،كورىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاندەك باي ئاسيا پۇتبول زومىگەرلىرىنى چىمپىيۇنلۇق سەھنىسىدىن غۇلاتتى.
2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئىراق كوماندىسى ئەمەلىي كۈچ بىلەن روھىي ئامىلنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئىككى چوڭ ھالقا ئىكەنلىگىنى  يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
2013-يىل تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى(20ياشلىقلار)پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىراق ياشلار كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئەملىي كۈچى ۋە قەيسەر روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئۇرۇگۋاي بىلەن 1-1تەڭلىشىپ قىلىپ نۇقتا توپ تىپىشتا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى يۇقىرى سەۋىيىسى دۇنيا ئەھلىنى قايىل قىلدى، شۇنداقلا ئىراق كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، ئىز باسارلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە ئىراقنىڭ پۇتبولچىلىقىدا يەنە بىر يۇقىرى پەللە يارىتىلىدىغانلىقىنى كىشىلەر سەمىگە سالدى.
جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى تايلانىدقا شەرمەندىلەرچە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا غۇلغۇلا قوزغالدى،ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ھىساپلىنىدىغان، جەمئىيىتى مۇقىم ،مىللەتلەر ئىناق، تىنىچ تەرەققى قىلىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئارزۇسى ئۈچۈن تىنماي تىرىشىۋاتقان بۇ كەڭ زىمىندا 1مىليارت 300مىليۇندىن ئاشىدىغان شۇنچە كۆپ نوپۇس ئىچىدىن نېمىشقا دۆلەت پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توپ ئوينايدىغان مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلار  كۆپلەپ يېتىشىپ چىقالمايدۇ؟  بۇ جەھەتتە يەنە‹ ئىراقتىن ئۈگىنەيلى› دەپ قويساقلا ئىش تۈگىمەيدۇ.
ئىراقلىقلار ئۇرۇش ئىچىدىن ئۆزىگە شاتلىق تاپالىدى، ئۇلار بۇ شاتلىقنى ئۆزىدىكى تولۇق بولغان پۇتبول ھۈجەيرىسى، ئەمەلىي كۈچى ۋە يۈكسەك قەيسەر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايىنىپ پۇتبولدىن ئىبارەت دۇنيا تەنتەربىيىسىنىڭ گۈلتاجىدىن تاپالىدى.
7.jpg

2002-يىللىرىدىكى ئاشۇ چاغدا كەسىپداشلار بىلەن پۇتبولنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشقان ئىدۇق، كۆپ سانلىق كىشىلەر ئىقتىسادنى ئەڭ مۇھىم ئامىل، ھەتتا بەزەنلەر بىردىبىر ئامىل دەپمۇ تۇرۇۋالغان ئىدى،
شۇ چاغدىمۇ مەن بۇ خىل قاراشلارغا قوشۇلمىغان ئىدىم،
پۇتبولنىڭ تەرەققىياتى= پۇتبول ھۈجەيرىسى تولۇق ئادەم+پۇتبول ئاممىۋى ئاساسى بولۇش+كۈچلۈك ئىقتىساد+مۇكەممەل،ساغلام باشقۇرۇش ئەندىزىسى
ئىراق پۇتبولچىلىقى بىلەن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەتىجىسىنىڭ سىلىشتۇرمىسى بىزگە دۆلەت پۇتبولىنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مەلۇم يولىنى كۆرسىتىپ بىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس. بەلكىم بىزمۇ جۇڭگو پۇتبولىدىن ئۆزىمىزگە شاتلىق تاپالايدىغان كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار.

مەشىق قىلىۋاتقان ئىراق ياشلىرى
10.jpg
ئۇرۇش ئىچىدە ئىزدىنىش
8.jpg



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +250 تۆھپە +31 شۆھرەت +26 تەجرىبە +17 يىغىش سەۋەبى
سەبرى22 + 5
بەگزات + 50 + 10 + 10 + 1 قالتىس!
ئوخلان + 50 قالتىس!
mujahet + 50 + 1 + 1 + 1 قوللاش!
nayil + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
zidanni005 + 50 + 5 + 5 + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 11:53:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت نادىر تېمىڭىزنى يەنە پۇتۇپتۇ   قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن   
لام بۇرادەرنىڭ تەلىۋى بۇيىنچە پۇتتۇرۋىتىپسىز دە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-13 11:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zidanni005 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 11:53
رەھمەت نادىر تېمىڭىزنى يەنە پۇتۇپتۇ   قۇلىڭىزغا دەت كە ...

سىزگىمۇ رەھمەت، كۆپ ياۋرولار ئەۋەتىپسىز، ئالىۋەردىم ئەمىسە
شۇنداق ،ئەسلىدە لام بۇرادەرنىڭ تەكلىۋى ئىكەندە،ئىسىم ئالماشقاندىن كېيىن بىلەلمەي قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 12:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقىنى دىمىگەندىمۇ بىز چوڭ بولۇپ كۆرگەن ئىراق ئۇرىشىغىمۇ 10 يىل بولۇپ قاپتۇ ،مۇشۇ 10 يىلدا ئىراق زىمىنى  تىنجىپ باقمىدى ،
بىزنىڭ بۈيۈك دۆلىتىمىز دە بولسا بۇ 10 يىل جاھاندا بولۇپ باقمىغان  (ئاسايىشلىق) ،(باي باياشاتچىلىق ) يەنە شۇنداق تۇرۇپ بۇلارنىڭ ھالى مۇشۇ،بىرە تىلغا ئالغىدەك نەتىجە ئىلىپ باقمىدى ،،ئىراقنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ،،، ئىراقلىقلارغا ئاپرىن ،،،  ئادەم سىلىشتۇرماي دىسە يەنە سىلىشتۇرۇپ قالىدىكەن ،  بەزى رەسىملەرنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى ،،،


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 12:35:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز ، ئىراق ئاسىيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغاندا بۇ دۆلەتكە ھەيران قالغان ئىدىم ، ھەم قايىل بولغان ئىدىم ، چۈنكى ئۇ چاغلاردا دۇنيادىكى ئىشلاردا دائىم دىگۈدەك ئىراقتىكى پارتىلتىش ، ئۈلۈم يىتىم ئىشلىرى ئۇقتۇرلۇپ تۇراتتى .. دۆلىتىمىز كۇماندىسىمۇ ھازىرغىچە ئىراق كۇماندىسىنى ئۇتالماي يۈرمەمدۇ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 12:47:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2007-يىلى ئاسىيا ئوزغۇنى بولغان ۋاقتىدىكى بەزى بىر ۋەقەلىكلىرى بەك تەسىرلىك ئىدى.
1-كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ كىيىمى بىر تۇتاش ئەمەس (ھەتتا بەزىلىرى كىيىمنى ئۆزى ھەل قىلغان).
2-پۇتۇن ئېراق كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ بازار ئايلانغاندا خەجلىگەن پۇلى جۇڭگو كوماندىسىدىكى بىر توپچىنىڭ خەجلىگەن پۇلىدىن ئاز.
3-ئاسىيا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ ئاۋال دۇبەيگە بارغاندا دۇبەي ھاكىمى مۇھەممەد بىن راشىدنىڭ 500 مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقى.

تېما ياخشى چىقىپتۇ، بەزى توپچىلارنىڭ ئىسىملىرىنى توغۇرلاپ قوياي:
يۇنۇس مەھمود، نەشئەت ئەكرەم، موللا مۇھەممەد ھىۋار، قۇسەي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 13:20:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھوي ، ھارمىغايسىز !! مۇشۇ مەزگىللەردە توكىڭىز كېپلا قاپتۇغۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 13:29:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئىراق ئۇرۇش ۋە تىنىچسىزلىق ئاسايشدىن ئۈزۈل-كىسىل قۇتۇلسا  بۇلارنىڭ پۇتبولى  دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇنغا قاراپ تەرەققى قىلالايىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 13:30:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 14:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ،كۈندە پارتىلىتىش بومبارىدان...ئىقساد كەمچىل...بىر قاچا تاماقنىمۇ قورقۇنۇچ ئىچىدە يەيدۇ.......ئوخلىغاندىمۇ قورقۇنچ ئىچىدە ئوخلايدۇ..مۇشۇلارى ئويلىساملا..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-13 15:02:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 13:20
ئوھوي ، ھارمىغايسىز !! مۇشۇ مەزگىللەردە توكىڭىز كېپلا ق ...

بىكارچىلىقتا يېزىپ قويدۇم،  سەنمۇ يېزىپ تۇراتتىڭ بىر چاغلاردا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-13 15:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 21:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش