akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3087|ئىنكاس: 52

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-12 15:21  

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىغا نەزەر(1)


ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1928-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان،ھازىر ياۋروپادىكى بارلىق بىرلەشمە مۇسابىقىلەر ئىچىدە ئەڭ قىزىيدىغان ئەڭ  كەسكىن بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى، گەرچە باشلانغان ۋاقتى باشقا بىرلەشمىلەردىن كېيىن بولسىمۇ ئەمما تەرەققىيات سۈرئىتى بىر قەدەر تىز بولدى.



ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، بولۇپمۇ  خان جەمەتى مادرىد بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا ياۋروپادىكى بىرلەشمىلەر ئىچىدە ئۇزغۇنلۇققا ئىرىشىش قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا بۇ بىرلەشمە دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە‹چولپانلار بىرلەشمىسى›،‹ئەپەندىلەر بىرلەشمىسى› دىگەن چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتالماقتا ،‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ›ساھىبى ۋە‹ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئالغۇچى›لارنى يىتىشتۇرۇش بۆشۈكى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. رىۋالدو، رونالدو، مىسسى قاتارلىقلار بۇنىڭ بىر مىسالى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئىچىدە خان جەمەتى مادرىد خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا، بارسىلونا بولسا پۇتبول دۇنياسىدىكى ‹چۈش كوماندىسى› دىگەندەك شان -شەرەپ ۋە چىرايلىق ناملارغا ئىرىشكەن. خان جەمەتى مادرىد ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇنلىققا ئەڭ كۆپ ئىرىشكەن كوماندا بولۇپ جەمئى32قېتىم ئىرىشكەن، بارسىلونا22قېتىم ئىرىشكەن بولۇپ 2-ئورۇندا تۇرغان،ئۇندىن باشقا چىمپىيۇنلىققا كۆپرەك ئىرىشكەن كوماندىلاردىن مادرىد رىقابەت، ۋالىنسىيە، بىلبائو رىقابەت قاتارلىق كوماندىلار بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىمپىيۇنلۇق مادرىد بىلەن بارسىلونانىڭ ئوتتۇرىسىدا قولدىن قولغا ئالمىشىپ تۇردى ،شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئىككى زومىگەرنىڭ مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆرۈش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارمۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە كېلىپ توپ تېپىشنى بەكمۇ ئارزۇلايدىغان بولۇپ قالدى.



ھازىرقى زامان پۇتبولىنى ئىسپانىيەگە ئەنگىلىيىكلەر ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، 1782-يىلىنىڭ ئالدى -كەينىدە ۋويىۋادىكى ئەنگىلىيىلىكلەر بۇ خىل تەنھەركەت تۈرىنى قانات يايدۇرغاندا ئىسپانلارنى جەلىپ قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيەلىكلەر باسىك رايۇنىغا پۇتبول ھەركىتىنى ئېلىپ كىرگەن شۇنىڭدىن كېيىن ئىسپانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۇلۇبلار قۇرۇلۇشقا باشلىغان،بۇلارنىڭ ئىچىدە نامى مەشھۇر مادرىد ۋە بارسىلونا بارئىدى. ئۇ چاغدا ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىلىرىدىن سىرت بەزى ئەنگىلىيە سودىگەرلىرى ھەم ماترۇسلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندىلارمۇ بار ئىدى، بۇ كوماندىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇسابىقە 1902-يىلىدىن باشلاپ رەسمى ھالدا ئىسپانىيە پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى دەپ ئاتالغان، بۇ بىر دوسىتلۇق خاراكتىرىنى ئالغان مۇسابىقە ئىدى.
1900-يىلنىڭ ئالدى -كەينىدە ھەرقايسى جايلاردىكى كۇلۇبلار تۈرلۈك كىچىك پۇتبول بىرلەشمىلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغان،1902-يىلىدىن باشلاپ ھەرقايسى رايۇنلاردىكى كىچىك بىرلەشمىلەر بىرلىشىپ ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى قۇرغان.1909-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى مادرىد كۇلۇبىنىڭ تەكلىۋى بويىچە كۆپ سانلىق كۇلۇب ۋەكىللىرى پايتەخىتكە يىغىلىپ ئىسپانىيە خانلىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىىسىنى قۇرغان،شۇنداقلا 1913-يىلى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
گەرچە شۇ چاغلاردا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ ئىسپانىيەدە پۇتبول مۇسابىقىسى يەنىلا ئۆلكە ياكى رايۇنلار نى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بىرىلغان،ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇشى،1920-يىل ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئىرىشىشىگە ئەگىشىپ پۇتبول تەنھەركىتىنى مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇش تەرەققىياتنىڭ ئىھتىياجى بولۇپ قالغان ،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى كۇلۇبلار مەملىكەت بويىچە يېڭى بىر مۇسابىقىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنداق قىلغاندا مۇسابىقىنى كۆپلەپ ئوينىغىلى،مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاپ كۈنسىرى تەرەققى قىلىشقا ئىھتىياجلىق بولىۋاتقان پۇتبول تەنھەركىتىنى يىتەرلىك ئىقتىسادى ئاساسقا ئىگە قىلغىلى، ماس ھالدا زەنجىرسىمان كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇپ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كىڭەيتكىلى بولاتتى. 1928-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىكىتىلدى. ئەمەلىيەتتە تۇنجى نۆۋەتلىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى 1929-يىلى باشلاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە بارسىلونا كوماندىسى چىمپىيۇن بولدى. قائىدە بويىچە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە 20 كوماندا قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئۈچ كوماندا ب دەرىجىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، ب دەرىجىدىن نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ئۈچ كوماندا بولسا ئا دەرىجىگە ئۆرلەپ چىقىدۇ.

ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى چىمپىيۇنلىرى
1928-1929-مۇسابىقە پەسلى     بارسىلونا            1929-1930-مۇسابىقە پەسلى    بىلبائو رىقابەت
1930-1931-مۇسابىقە پەسلى   بىلبائو رىقابەت         1931-1932-مۇسابىقە پەسلى   خانلىق مادرىد
1932-1933-مۇسابىقە پەسلى  خانلىق مادرىد           1933-1934-مۇسابىقە پەسلى   بىلبائو رىقابەت
1934-1935-مۇسابىقە  پەسلى  خانلىق بېتىس          1935-1936-مۇسابىقە پەسلى    بىلبائو رىقابەت
ئۈچ مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى سەۋەبلىك توختاپ قالغان
1939-1940-مۇسابىقە پەسلى  مادرىد رىقابەت           1940-1941-مۇسابىقە پەسلى   مادرىد رىقابەت
1941-1942-مۇسابىقە پەسلى  ۋالۇنسىيە                 1942-1943-مۇسابىقە  پەسلى   بىلبائو رىقابەت
1943-1944-مۇسابىقە پەسلى   ۋالۇنسىيە                 1944-1945-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا
1945-1946-مۇسابىقە پەسلى   سىۋىلىيە                 1946-1947-مۇسابىقە پەسلى     ۋالۇنسىيە
1947-1948-مۇسابىقە پەسلى     بارسىلونا               1948-1949-مۇسابىقە پەسلى     بارسىلونا
1949-1950-مۇسابىقە پەسلى     مادرىد رىقابەت         1950-1951-مۇسابىقە پەسلى     مادرىد رىقابەت
1951-1952-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                1952-1953-مۇسابىقە پەسلى     بارسىلونا
1953-1954-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1954-1955-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد
1955-1956-مۇسابىقە پەسلى   بىلبائو رىقابەت           1956-1957-مۇسابىقە پەسلى     خانلىق مادرىد
1957-1958-مۇسابىقە پەسلى   خانلىق مادرىد            1958-1959-مۇسابىقە پەسلى     بارسىلونا
1959-1960-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                1960-1961-مۇسابىقە پەسلى      خانلىق مادرىد
1961-1962-مۇسابىقە پەسلى   خانلىق مادرىد            1962-1963-مۇسابىقە پەسلى     خانلىق مادرىد
1963-1964-مۇساىىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1964-1965-مۇسابىقە پەسلى     خانلىق مادرىد
1965-1966-مۇسابىقە پەسلى    مادرىد رىقابەت          1966-1967-مۇسابىقە پەسلى      خانلىق مادرىد
1967-1968-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1968-1969-مۇسابىقەپەسلى       خانلىق مادرىد
1969-1970-مۇسابىقە پەسلى    مادرىد رىقابەت          1970-1971-مۇسابىقە پەسلى       ۋالۇنسىيە
1971-1972-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1972-1973-مۇسابىقە پەسلى       مادرىد رىقابەت
1973-1974-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                1974-1975-مۇسابىقە پەسلى       خانلىق مادرىد
1975-1976-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1976-1977-مۇسابىقە پەسلى       مادرىد رىقابەت
1977-1978-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1978-1979-مۇسابىقە پەسلى       خانلىق مادرىد
1979-1980-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1980-1981-مۇسابىقە پەسلى       خانلىق جەمئىيەت
1981-1982-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق جەمئىيەت        1982-1983-مۇسابىقە پەسلى       بىلبائو رىقابەت
1983-1984-مۇسابىقە پەسلى    بىلبائو رىقابەت          1984-1985-مۇسابىقە پەسلى        بارسىلونا
1985-1986-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1986-1987-مۇسابىقە پەسلى       خانلىق مادرىد
1987-1988-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1988-1989-مۇسابىقە پەسلى        خانلىق مادرىد
1989-1990-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           1990-1991-مۇسابىقە پەسلى        بارسىلونا
1991-1992-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                1993-1992-مۇسابىقە پەسلى         بارسىلونا
1993-1994-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                1994-1995-مۇسابىقە پەسلى         خانلىق مادرىد
1995-1996-مۇسابىقە پەسلى    مادرىد رىقابەت          1996-1997-مۇسابىقە پەسلى         خانلىق مادرىد
1997-1998-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                1998-1999-مۇسابىقە پەسلى         بارسىلونا
1999-2000-مۇسابىقە پەسلى    لاكىرۇنىيە               2000-2001-مۇسابىقە پەسلى         خانلىق مادرىد
2001-2002-مۇسابىقە پەسلى    ۋالۇنسىيە                2002-2003-مۇسابىقە پەسلى         خانلىق مادرىد
2003-2004-مۇسابىقە پەسلى    ۋالۇنسىيە                2004-2005-مۇسابىقە پەسلى         بارسىلونا
2005-2006-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                2006-2007-مۇسابىقە پەسلى         خانلىق مادرىد
2007-2008-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           2008-2009-مۇسابىقە پەسلى         بارسىلونا
2009-2010-مۇسابىقە پەسلى    بارسىلونا                2010-2011-مۇسابىقە پەسلى          بارسىلونا
2011-2012-مۇسابىقە پەسلى    خانلىق مادرىد           2012-2013-مۇسابىقە پەسلى          بارسىلونا
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى       ؟؟؟؟
خانلىق مادرىد، بارسىلونا،  مادرىد رىقابەت چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان كوماندىلاردۇر،ئۇندىن باشقا بىلبائو رىقابەت، ۋالىنسىيە كوماندىلىرىنىڭ نەتىجىسىمۇ بىر قەدەر ياخشى بولغان.








ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،  بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى تېخى باشلانمىغاچقا شۇنداقلا چوڭ خەلقارالىق مۇسابىقلەرمۇ ئۆتكۈزۈلمىگەن بولغاچقا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىپ قويدۇم، بۇرۇن بۇ ھەقتە تېما يېزىلدىمۇ بىلمىدىم، قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىرلەر بولسا  تەلىم بەرگەيسىلەر.


ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىغا نەزەر(2)


مۇسابىقە قائىدىسى
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە جەمئى 20كوماندا قاتنىشىدۇ، ساھىبخان-مىھمان مەيداندا ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقىلىشىدۇ، 38ئايلانما مۇسابىقە ئوينىلىدۇ، بىر مەيدان غەلىبە قىلسا 3نومۇر، تەڭلەشسە بىر نومۇر، ئۇتتۇرۋەتسە نۆل نومۇرغا ئېرىشىدۇ. نومۇر جۇغلانمىسىغا ئاساسەن ھەرقايسى كوماندىلار رەت تەرتىۋى تۇرغۇزۇپ چىقىلىدۇ، ناۋادا ئىككى كوماندىنىڭ نومۇرى ئوخشاش بولۇپ قالسا تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە رەت تەرتىۋى تۇرغۇزىلىدۇ:
1. ئىككى كوماندىنىڭ بىۋاستە ئۇچراشقاندىكى نەتىجىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ توپ سانى يەنى ساپ توپ سانى(ئۇرغان توپىدىن كەتكۈزۈپ قويغان توپ سانى ئېلىۋىتىلىدۇ)
2. ئەگەر يەنىلا ئوخشاش بولۇپ قالسا بىرلەشمىدىكى ئومۇمىي ساپ توپىغا قاراپ بىكىتىلىدۇ.
3. يەنىلا ئوخشاش بولۇپ قالسا كىرگۈزگەن توپ سانىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن رەت تەرتىۋى تۇرغۇزىلىدۇ.
ئۈچتىن ئارتۇق كوماندىلار ئوتتۇرىسىدا نومۇر ئوخشاش بولۇپ قالسىمۇ يۇقىرىقى قائىدە بويىچە رەت تەرتىۋى بىكىتىلىدۇ.
چەتئەللىك توپچىلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلارغا چەكلىمە يوق، بۇ يەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن سىرت  باشقا دۆلەتلەر تەنھەركەتچىلىرىگە مۇئەييەن چەكلىمە بار،ئىسپانىيەنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر كوماندا پەقەت 3نەپەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ،ئەمما ئىسپانىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ تارىخى ئالاھىدە مۇناسىۋىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ كۆپلىگەن ئارگېنتىنالىقلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدىغان ئارگېنتىنالىقلار بەك كۆپ.


توپچىلارنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە
توپچىلارنى ئالماشتۇرۇش بازىرىنىڭ ئېچىلىش ۋە تاقىلىش مۇددىتى:  ھەر يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە يازلىق يۆتكىلىش بازىرى بولىدۇ، كۆپىنچە داڭلىق چولپانلار مۇشۇ مەزگىلدە يۆتكىلىدۇ، مەسىلەن بۇ يىلقى يازلىق بازاردا بارسىلونانىڭ نىيمارنى يۆتكەپ كېلىشى.  ھەر يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە قىشلىق يۆتكىلىش بازىرى بولۇپ بۇ مەزگىلدە داڭلىق چولپانلارنىڭ يۆتكىلىشى يازلىق بازارغا سىلىشتۇرغاندا ئاز بولىدۇ.
قىزىل سىرىق كارتىلار ئارقىلىق مۇسابىقىدىن چەكلەش جەھەتتە:
سىرىق كارتا ئارقىلىق مۇسابىقىدىن چەكلەش:  بىر نەپەر ماھىر ئېرىشكەن سىرىق كارتىسى يىغىلىپ بەشكە يەتسە تۈزۈم بۇيىچە بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ. سىرىق كارتا ئارقىلىق چەكلەش بىرلەشمە ۋە شاھلىق لوڭقىسىغا تەدبىقلىنىدۇ،
قىزىل كارتا ئارقىلىق مۇسابىقىدىن چەكلەش بولسا بىۋاستا ھالدا بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە تەدبىقلىنىدۇ، شاھلىق لوڭقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، بۇ بولسا ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ باشقا بىرلەشمىلەردىن پەرقلىنىدىغان بىر يېرى.
hinri,missi.etoo.jpg
كوماندىلارنىڭ دەرىجە چۈشۈش ۋە ئۆرلەش تۈزۈمىدىن قارىغاندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتقان 20كوماندا ئىچىدە نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئۈچ كوماندا  دەرىجە چۈشۈپ كېتىدۇ، ئىسپانىيە ب بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئالدىنقى ئۈچ كوماندا ئا دەرىجىگە ئۆرلەپ چىقىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى ئىسپانىيە ئا بىرلەشمىسىدە پەقەتلا ئۈچ كوماندا دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان، ئۇلار؛ مادرىد، بارسىلونا، بىلبائو رىقابەت قاتارلىقلار.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدىكى بىر قىسىم رىكۇرتلار:
چىمپىيۇنلۇق ئەڭ كۆپ كوماندا        خان جەمەتى مادرىد      32 قېتىم
جۇغلانما نومۇرى ئەڭ كۆپ             خان جەمەتى مادرىد      100 نومۇر(2011-2012)
كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ       خان جەمەتى مادرىد      121توپ (2011-2012)
ئەڭ كۆپ توپ كەتكۈزۈپ قويغان       لىبىدا ئىسپورتىيۇ         134توپ(1950-1951)
ئۇدا يېڭىش رىكۇرتى                   بارسىلونا               16مەيدان(2010-2011)
ئۇدا ئۇتتۇرۇش رىكۇرتى                 لاسپارماس             11مەيدان(1960-1959)
ئۇدا يېڭىلمەسلىك رىكۇرتى            خانلىق جەمئىيەت       38مەيدان (1979-1980)
ئۇدا ئۇتالماسلىق رىكۇرتى              شىخۇڭ رىقابەت         24مەيدان(1997.6.9-1998.2.10)
ئۇدا توپ كەتكۈزمەسلىك رىكۇرتى      مادرىد رىقابەت         13مەيدان(1990.10.10-1991.1.20)
ئۇداتوپ كىرگۈزەلمەسلىك رىكۇرتى     ساۋادىر                8مەيدان(1987.11.15-1988.1.20)
يېقىنقى 30يىل جەريانىدىكى مەرگەنلەر

1982-1983-مۇسابىقە پەسلى        لىنكىن       20توپ     خانلىق بېتىس
1983-1984-مۇسابىقە پەسلى       گۇانىتۇ                     خانلىق مادرىد
                                      دا،سىلۋا        17توپ     ۋاللادولىد
1984-1985-مۇسابىقە پەسلى       ۋىيگۇ .سانچىس   19توپ    مادرىد رىقابەت
1985-1986-مۇسابىقە پەسلى       ۋىيگۇ.سانچىس     22توپ    خانلىق مادرىد
1986-1987-مۇسابىقە پەسلى       ۋىيگۇ.سانچىس     34توپ    خانلىق مادرىد
1987-1988-مۇسابىقە پەسلى       ۋىيگۇ.سانچىس     29توپ     خانلىق مادرىد
1988-1989-مۇسابىقە پەسلى       بارتازا              35توپ     مادرىد رىقابەت
1989-1990-مۇسابىقە پەسلى       ۋىيگۇ.سانچىس     38توپ     خانلىق مادرىد

پۇسكاس (خانلىق مادرىد چولپىنى) 4قېتىم ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولغان،بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 27توپ ئۇرغان.
puskas.jpg
1990-1991-مۇسابىقە پەسلى      بۇتىراگىنو        19توپ       خانلىق مادرىد
1991-1992-مۇسابىقە پەسلى      مانىرۇ             27توپ       مادرىد رىقابەت
1992-1993-مۇسابىقە پەسلى      بېبىتۇ             29توپ       لاكىرۇنىيە
1993-1994-مۇسابىقە پەسلى      رومارىئو           30توپ       بارسىلونا
1994-1995-مۇسابىقە پەسلى      سامۇلانو           28توپ      خانلىق مادرىد
1995-1996-مۇسابىقە پەسلى      پىچى              31توپ      تېنىرىف
1996-1997-مۇسابىقە پەسلى     رونالدو             34توپ      بارسىلونا
1997-1998-مۇسابىقە پەسلى     ۋىئىرى             24توپ      مادرىد رىقابەت
1998-1999-مۇسابىقە پەسلى     رائول               25توپ     خانلىق مادرىد
1999-2000-مۇسابىقە پەسلى     سارۋا               27توپ      سانتادىر رىقابەت
2000-2001-مۇسابىقە پەسلى     رائول               24توپ      خانلىق مادرىد
2001-2002-مۇسابىقە پەسلى     تىرىستان           21توپ      لاكىرۇنىيە
2002-2003-مۇسابىقە پەسلى      ماكەي              29توپ     لاكىرۇنىيە
2003-2004-مۇسابىقە پەسلى      رونالدو            24توپ      خانلىق مادرىد
2004-2005-مۇسابىقە پەسلى      فورلان            25توپ      ۋىللارىئال
2005-2006-مۇسابىقە پەسلى      ئېيتىئو            26توپ     بارسىلونا
2006-2007-مۇسابىقە پەسلى      ۋان.نىستىرىئوي   25توپ     خانلىق مادرىد
2007-2008-مۇسابىقە پەسلى     گۇيىسا             27توپ      ماللوركا
2008-2009-مۇسابىقە پەسلى      فورلان             32توپ    مادرىد رىقابەت
2009-2010-مۇسابىقە پەسلى     مىسسى              34توپ    بارسىلونا
2010-2011-مۇسابىقە پەسلى     س.رونالدو          41 توپ   خانلىق مادرىد
2011-2012-مۇسابىقە پەسلى     مىسسى              50توپ     بارسىلونا
2012-2013-مۇسابىقە پەسلى     مىسسى              46توپ     بارسىلونا

2138304nxwhh0jno03ai4o[1].jpg

C.ronaldo  giriklar  bilan  musabikida.jpg

forlan.jpg

raol.jpg

ronaldo.jpg

romario.jpg

weri.jpg

ئىسپانىيە ئا بىرلەشمىسىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر مەرگەنلەر ئۆتكەن، مەسىلەن  دى سىتىفانو، كېمپىس ،سانچىز قاتارلىقلار،بۇ ھۇجۇمچىلار ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق چولپانلىرى ئىدى، ھازىر مىسسى بىلەن س.رونالدو مەرگەنلىك تالىشىشتا تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتلىشىپ توپ كىرگۈزۈشتە بۇرۇنقىلاردىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، بۇرۇنقى داڭلىق ماھىرلارنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرىنى تاپقان بولساممۇ كومپىيۇتىردىكى مەسىلە سەۋەبلىك يوللىيالمىدىم. بۇندىن كېيىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ  بىز مەستانىلەرنى قىزىغان مۇسابىقىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ جەلىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


laoer.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +260 تۆھپە +30 شۆھرەت +30 تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
UYGUR2 + 10 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
zidanni005 + 50 قوللاش!
nayil + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
messi-10 + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 13:51:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز..ھەقىقەتەن مول بىلىمگە تۇيۇنغان ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ..رەھمەت !داۋاملىق تىرىشىڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 14:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 14:30:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپان بىرلەشمىسى توغۇرلۇق خىلى كۆپ يىڭى مەلۇماتلارنى بىلىۋالدىم. بولۇپمۇ ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولمىغان رايۇنلانلارنىڭ توپچىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىدە مۇئەييەن چەكنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالدىم. بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق ئەتراپلىق بىر يازما يوللانغان بولسا،،،
قۇرۇق بولسىمۇ تىما يازغۇچىغا كۆپ رەھمەت،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 14:38:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرشچانلىقىڭىز تۇختاپ قالمسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 14:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 15:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرئەت تېز جۇمۇ !! ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولدى . ھارمىغايسىز ، خۇددى ‹‹ سۆز ئويۇنى ، شىئېر .... ›› لىرىڭىزدەكلا . ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-12 15:49:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2013-7-12 15:41
سۇرئەت تېز جۇمۇ !! ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بولدى . ھار ...

رەھمەت،   بەك ئالدىراش بوپ كەتتىڭلارمۇ -نېمە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 15:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق ياخشى تىما بوپتۇ، رەخمەت ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىۋالدۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 15:52:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما   رەھمەت نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 16:05:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى تىخىمۇ مۇكەمەل بولۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-12 16:14:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-12 15:49
رەھمەت،   بەك ئالدىراش بوپ كەتتىڭلارمۇ -نېمە؟

ئالدىراشچىلىقتا تورغا چىققۇدەكمۇ ۋاقىت يوق . بۇ ئىككى كۈن ماترىيال يېزىۋاتقان شۇڭا ئارسالدى ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە مۇنبەر ئارىلاپ قويۇۋاتىمەن . ھازىرغىچە شاڭخەيدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىمەن ، خۇدايىم بۇيرۇسا يېرىم يىل قالدى . ئۆزىڭىزچۇ ؟؟ خىزمەتلەر ئالدىراشمۇ يا ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش