- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3992
- نادىر
- 1
- يازما
- 3992
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
«بوشلۇق تەنتەربىيەسى »نىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى لىۋېرپۇل كۇلۇبىنىڭ تۈركىيە زەردارى گالاتا ساراي ھۇجۇمچىسى بۇراك يىلىمازنى سېتىۋېلىش نىيىتى باركەن .
لىۋېرپۇل ھۇجۇمچىسى سۇئارىزنىڭ بۇ يازدا كۇماندىدىن ئايرىلىش ئىھتىماللىقى چوڭ بۇلۇپ مادرېد ، چىلسى ، ئارسىنال قاتارلىق كۇلۇپلار بۇ ھۇجۇمچىغا قىزىقىۋاتىدۇ ، سۇئارىز كۇماندىدىن ئايرىلسا ئۇ كەتكەندىن كىيىنكى بوشلۇقنى يەنە بىر داڭلىق ھۇجۇمچى سېتىۋېلىپ تولدۇرۇش ئۈچۈن لىۋېرپۇل مەشقاۋۇلى سۇئارىزنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق ھۇجۇمچىدىن بىرنى ئىزدەۋېتىپتۇ .
يىلىمازنىڭ ئالدىنقى پەسىللىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ياۋرۇپادىكى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا . لىۋېرپۇل مەشقاۋۇلىنىڭ بۇ تۈركىيە ھۇجۇمچىسىنى كۇماندىغا قۇشۇۋالغۇسى بار . 27ياشلىق بۇ ھۇجۇمچى ئالدىنقى پەسىل گالاتا سارايغا قۇشۇلغان بۇلۇپ 39قېتىم مەيدانغا چىقىپ 32 توپ كىرگۈزگەن ، توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقۇرى .
گالاتا ساراي رەئىسى Unal Aysa يېقىندا باھا مۇۋاپىق بولسا يىلىمازنى بۇ يىل يازدا قولدىن چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : ‹‹بىز ئاللابۇرۇن يىلىماز ئۈچۈن باھانى بىكىتىپ قويدۇق ، بىز پەقەت ئەڭ مۇۋاپىق كۇلۇپ ۋە ئەڭ پايدىلىق باھانىلا ئويلىشىمىز . ئەگەر يىلىمازنىڭ كۇماندىدىن ئايرىلغۇسى بولسا ھەمدە بىز بىكىتكەن باھانى قۇبۇل قىلالايدىغان كۇلۇپ بولسا بىز ئۇنىڭ ئايرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايمىز .›› دىدى .
مەنبە : http://voice.hupu.com/soccer/1458847.html |
|