akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4458|ئىنكاس: 88

نوكەمپۇ سىنى ھەرۋاقىت ئەسلەيدۇ!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-7-10 01:25:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-6 17:19  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن..ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلى مانا بۈگۈن گەرچە بىزدىن ئايرىلغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئەمما سىماسى تېخى تۇلۇق يوقىمىغان قەلبىمدىكى شۇنداقلا بارسىلونا مەستانىلرىنىڭ قەلبىدىكى بۇ قەھرىمان توغۇرلۇق تېما يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن..ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇپ ياخشى پىكىرلەرنى بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كاردىفىن پۇتبول مەيدانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچە........
ئەڭ ئاخىرقى ھەق قىلغۇچ جەڭ،،،،،،،
شۇنداق نۇرغۇن يەنە نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بولغان ئۇنتۇلماس كېچە!!!!!!!
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە،شانلىق نەتىجىگە يۇغۇرلۇپ كەتكەن.مەڭگۈلۈك ئۆلمەس ۋە ئۆچمەس كېچە.
ئىزچىل مۇستەققىلقنى تەلەپ قىلىپ كىلىۋاتقان كاتولونلىقلارغا روھى تەسەللى ۋە مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلغۇچى.
نەچچە مىليون بارسىلونا مەستانىلىرى تاڭ ئېتىشنى خالىمايدىغان بىر كېچە.
بۇ كېچە بارسىلونا كاردىفىن پۇتبول مەيدانىدا بېربات رىقابەت كوماندىسىنى ئۈچ تە نۆل نەتىجە بىلەن يڭىپ شاھلىق لوڭىسىنى دەس كۆتۇرگەن بولسىمۇ چىرايغا تەبەسسۇم كەلمىگەن كېچە.ئۇ كۈنى شۇ يىللىق شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ نۇسابىقىسىنى مادىرىت شەھرىدىكى كاردىفىن پۇتبول مەيدانىدا ئويناپ رەقىبى بېربات رىقابەتنى يېڭىپ چىمپىيون بولغان بولسىمۇ ،،ئەمنا بۇ توھپىكار  ئۇستازنىڭ ئاخىرقى بىر مەيدان خوشلىشىش مۇسابىقىسى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولغاچ ھىچكىممۇ ئېچىلىپ كۈلەلمىدى..راستىنى ئېيتقاندا ئۇنداق قىلشقا يۈرەك چىدىمايتى..چۈنكى بارسىلونادىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇپنى قۇلىغا ئېلىپ باشقۇرىۋاتقان،زور بېسىملار ئىچىدە بۇ جايدىن ئايرىلىشنى ئويلاۋاتقان كۈنلەردە ،چېلسى تەرپىدى ئېچىنىشلىق شاللىنىش ،مادىرتقا بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى تارتقۇزۇپ قويغان گۇئاردىئولاغا ئېغىر كەلگەن چېغى ،ئىشقىلىپ ئاللىقانداق سەۋەپلەر تۈپەيلى تۇيۇقسىز كوماندىدىن ئايرىلىش خەۋىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى..نا ئۈمۈتتە ،تۈگىمەس غەم ئەندىشىگە سېلىپ قويغان بىر كېچە ئىدى.

يۈز نەچچە يىللىق ئەگىرتوقاي تەرەققىيات داۋامىدا،غەلبىنىڭ تەمىنى ھەقىقى تېتىغۇچى ۋە تېتىتقۇچى.تېتىغاندىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئاخىرغىچە كۈلگۈچى.
بۇ كېچە شۇنداق قايناق ھىسيات ،خوشاللىق ۋە ئازاپ يۇغۇرلۇپ كەتكەن،غەلبە تەنتەنىسى بىلەن ھۆرمەت ئىچىدىكى ئىپتىخارلىق يۇغۇرلۇپ كۆزلەر نەملەنگەن ھالدا تاڭ ئېتىپ كەتكەن كېچە.
مانا بۇ كېچە شۇنداق ئۇنتۇلغۇسىز كېچە..........
ئۇنىڭ كىتشىنى ھىچكىم خالىمسا كېرەك ،مەيداندا ئېغىر ئۇھسىنىش ،بىر خىل قىيالماسلىق ھىسياتلىرى ئەكىس ئەتكەنىدى...ئەمما ئۇنى ئەمدى ھىچكىم تۇسۇپ قالالمايتى..ئۇ ھەربىر قەدىمىنى ئالغىنىدا پۈتۈن مەيدان تىنىقسىز جانسىز غەيرىلىكە تولاتتى..مەيداندىن ئايرىلشقا يېقىن قالغاندا بولسا مەيدان تەۋرەپ كەتكەن ئىدى..ھىچقاچان بۇ مەيدان بۇنچىلىك تەۋرىگەن ئەمەس.ئاخىردا بولسا يەنىلا تۈگىمەس تىلەكلەر ئىچىدىكى ئالقىش ساداسى بولغان ئىدى..ئۇ ئاستاغىنە كۆزگە ياش ئالغىنىچە يۈرۈپ كەتتى.تاڭمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىلىپ بىلمەي يۇرۇپ كەتتى..سىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايمىز شىرىن شۇ كېچە..

ياۋروپالىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى بولغان بۇرۇلكا شەكىللىك قارا ئىشتان،ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىغا خاس ئۇزۇن پەلتە كىيگەن.
قىسقا ئەمما قۇيۇق قاپلىغان قاپقارا ساقاللىق،كۆزلىرىدىن ھەرۋاقىت ئېغىر كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇردىغان،پاينەكباش ئوتتۇرا بوي بۇ قەھرىمان نەچچە ئونمىڭ مەستانىلەرنىڭ ھەسرەتلىك ساداسى بىلەن مەيداندىن ئاستاغىنە ئايرىلدى.
قايسى بىر چاغلاردا ئۇ مانا مۇشۇنداق جىمجىتلا كىرىپ كەلگەن ئىدى ،ئەمما بۇ كۈن ئۇ يەنە شۇنداق جىممىدە چىقىپ كەتتى.
ئەمما پۈتۈن دۇنيا شۇنداقلا بارسىلونا مەستانىلىرىنىڭ قايىللىق ۋە ھۆرمەت ئىپتىخارىنى بىللە ئېلىپ چىقىپ كەتتى..
شۇنداق يىللار بىربىرلەپ بەزىلىرىنى ئەكەتسە يەنە بەزىلىرىنى ئەكىلىپ تۇرىدۇ..قىسقىغىنا تۆت يىلدا قولغا كەلتۈرگەن بىر تېرىنېر ئىرىشىنى ئويلايدىغان قالتىس نەتىجىلىرىنى مەستانىلەر قەلبىدە مەھكەم ساقلايدۇ..
بارسىلونا مەستانىلىرى ساڭا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇۋە ئۇتۇق تىلەيدۇ.ساڭا چىڭ كۆڭلىمدىن  رەھمەت غالىپ قوماندان گۇئاردىئولا  ........
[iئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇزىنچى يىللىرىدا ياشاپ ئۆتكەن .بارسىلونانىڭ بىر يۇقىرى قاتلام ئەربابى مۇنداق دەيدۇ:ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدەك كەسكىن رىقابەتكە تولغان مۈشكۈلات قاينىمىدا بارسىلونا مەۋجۇتلىقىنىڭ پەقەت ئىكىكىلا يولى بار.بىرى :دۇنيادا كۈچلۈك پۇتبول ئاممىۋى ئاساسىغا ئىگە قۇدرەتلىك كۇلۇب بۇلۇپ پۇت دەسسەپ تۇرۇش.يەنە بىرسى ئۈنتىنىسىز غايىپ بۇلۇش.
مانا مۇشۇ ناشاننىڭ تۈرتكىسىدە بارسىلونا بۈگۈنكى كۈندە پۇتبول ئاجايىپ تەرەققى قىلغان ماكانغا ئايلاندى.دۇنيادىكى بەش چوڭ پۇتبول تەربىيلەش بازىسىنىڭ بىرى بولغان لاماناسىيە ياشلار بازىسى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى..
بەلكىم سىز كوڭلىڭىزدە بارسىلونىقلار ياق يىغىپ كەلسەك كاتالونوقلار غەلبىگە نىمىشقا شۇنچە تەشنا؟نىمىشقا بۇنداق مۇرەككەپ لۇشىيەندە تەرەققى قىلىدۇ دەپ ئويلىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن..شۇنى بىلشىڭىز كېرەككى دەل مۇشۇ خىل تاللاشقا ئەركىنلىك ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتقان خەلىقنىڭ تۈرلۈك تۈمەن زىديەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن ھىسياتى بىرلىشىپ كەتكەن.شۇڭا بۇ جايدىكىلەر ھەر دائىم غەلبىگە مۇھتاج...بولمىسا ئۇلارغا قانچىلىك چۈشكىنلىك ئېلىپ كىلدىغىنى بەلكىم ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
ھەر بىر مەيدان غەلبىنىڭ كاتولونىلقلارنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئىزچىل سول قانات رادىكاللارنىڭ چەتكە قېقىشى ۋە خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئىتىبارسىز سىياسەتلىرى غەلبىگە، مۇستەققىلىققا تەشنا بۇلۇپ كىلىۋاتقان كاتولون رايونىدىكىلەرگە نىسپەتەن بىر قېتىملىق زور غەلبە.دۇشمەنگە قىلغان قاقشتقۇچ زەربە.ئۇلارغا قىلىنغان كۈرەشنىڭ بىر قىسمى.شۇڭا بۇ جايدىكىلەر ھەر ۋاقىت غەلبىگە ئىنتىلىدۇ.بۇ ئۇلار ئۈچۈن روھى تەسەللى. شۇڭا بۇ جايدىكىلەرنىڭ  پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ھەركىمنىڭكىدىن ئۈستۈن.

شۇڭا ئۇلار بۇجايدا پۇت دەسسەپ تۇرالىغان.شۇنداق ئېيتىشقا بۇلىدۇكى :تارىختىكى نەتىجىلىرى مادىرىتقا يەتمىسىمۇ گەرچە.ئەمما يېقىنقى زاماندىكى نەتىجىلىرى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر كۇلۇبتىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
ئويلاش قىيىن بولغان ئالتە لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈش ،بۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى بىر مۆجىزە .سەنئەتلىك پۇتبولنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى.ئەمما كاتولونلىقلارغا نىسپەتەن سىياسى رەقىبلىرىگە قىلىنغان ئېغىر ئاھانەت.
مانا مۇشۇنداق كۈرەشكە كۈچ قوشقۇچى،ھەر دائىم غەلبە قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر قوماندان گۇئاردىئولا دەل مۇشۇ جايدا ئورنىدىن دەس تۇرغان. مانا مۇشۇ شانلىق تارىخنى كەلگۈسىگە ئۇلاپ .غەلبىگە باشلاش ئۈچۈن ئۇ بۇ يەرگە كەلگەن.تېرىنېرلىق ھاياتىدا ئىرىشىشكە تىگىشلىك بولغان 19لوڭقىنىڭ 14نى قولغا كەلتۈرۈپ بىر بۈيۈك ئابىدە تىكلىدى.
ئۇ تىكتاك قىسقا پاسنىڭ ۋايىغا يەتكۈگۈچىسى،كىرويىف نەزىرىيىسىنىڭ ئەمىليىتىگە مۇستەھكەم ئاساس سالغۇچىسى.بارسىلونا تارىخىدا ھىچقانداق بىر تېرىنېر قىلىپ باقمىغان ،قىسقىغىنە تۆت يىلدا مۇشۇنداق زور نەتىجە ياراتقان بىر قەھرىمان.
ئۇبۇيەردە ئۆزىگە خاس ئوبراز تىكلىدى،ئۇسلۇپ ياراتتى.

گۇئاردىئولانىڭ ئورنى بارسىلونالىقلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتتى.ئەمدى ھىچكىم ئۇنىڭ ئورنىنى باسالماسلىقى مۇمكىن.
ئۇ كەتتى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بارسىلونانىڭ بىر دەۋرىمۇ تۇلۇق ئاخىرلاشتى..
لىكىن مەستانىلەر داۋاملىق مۇشۇ زىمندا ،مۇشۇ تۇپراقتا ،ياق مۇشۇ نوكەمپۇ مەيدانىدا داۋاملىق ھۇررا توۋلاپ قالدى.شۇنداڭ يۈرەكنىڭ چۇڭقۇر بىر قاتلىمى ئۇنى ھەر دائىم سېغىنماقتا.بۇ قېتىملىق ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتتىن كىيىن بۇنىڭ تەمىنى تېخىمۇ بەك تېتىغاندەك بولدى..سىنى ھەرۋاقىت ئەسلەيدۇ نوكەمپۇ،سىنى ھار دائىم سېغىنىدۇ نوكەمپۇ.سىنىڭ كىلىشىڭنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتىدۇ نوكەمپۇ..
يۇقارقىسى ئۇنىڭ بارسىلونا تېرىنېرلىق ھاياتىدا ئىرىشكەن نەتىجىلىرى...[img]3قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى..2008-2009..2009-2010..2010-2011.
2قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلىقى ..2008-2009..2010-2011
2قېتىم شاھلىق لوڭقىسى...2008-2009...2011-2012.
3قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى...2009-2010....2010..2011...2011-2012..
2قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى..2009-2010...2011-2012.
2قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى.2009-2010..2011-2012
داۋامى داۋاملىق تەھرىرلىنىپ ماڭىدۇ ..بۇ يازمىنى تىلفۇندا يوللىغاچقا بەزى خاتالىقلاردن خالى بۇلالمىغان بۇلىشىم مۇمكىن ..دوسلارنىڭ تۈزۈتۈپ كىتىشىنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن..يارىغان بولسا ياخشى تىلەكلەر بىلەن رىغبەتلەندۇرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىپ ..
ئېھتىرام بىلەن سەبرى 22دىن.،،
            چىللە ئېيىنىڭ 10كۈنى.
  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +270 تۆھپە +46 شۆھرەت +16 تەجرىبە +16 يىغىش سەۋەبى
8899kaysar + 10 + 10 + 1 + 1 قالتىس!
~virus~ + 50 + 5 + 5 + 5 بەك پەيزى
nayil + 10
jasur316 + 10 قالتىس!
messi-10 + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
missi2 + 10 + 1 قالتىس! رەھمەت
بىلگىيار + 50
ماھىرچاق + 50
باشئەگىم + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 01:47:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنى ھەرۋاقىت ئەسلەيمىز ۋە ئۇنتۇمايمىز.........
ئەڭ گۈزەل پۇتبولغا ئۇل سالغۇچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 01:51:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما شۇ ئوخشىمامدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 01:51:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە 10 نەچچە لوڭقا كۈتۈرىمەك ھەقىيقەتەن  ئاسان ئەمەس ! ئىقتىدارلىق تىرنىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-10 01:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2013-7-10 01:51
نادىر تىما شۇ ئوخشىمامدۇ

شۇنداقتەك قىلامدۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 02:06:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 02:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 04:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 05:19:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارساغا ھازىرقىدەك تېرنىرنىرنىڭ تېرنىرلىق قىلشى گوديولاغا بولغان سېغىنشمىزنى نەچچە ھەسسە كۈچەيتىۋەتتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
bora818 + 10

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 10:18:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغىنىغا ئىشىنىمەن .......بۇ بار چاغدا بىردە نۆل ئۇتساقمۇ ئۇتقاندەك بولمايتتۇق،بىرەركىمگە ئەمدىلا ئاياقلاشقان پەسىلدىكىدەك بۇزەكمۇ بولمايتتۇق!!خەير!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-10 10:23:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مامۇنبەردە مىسسىچىلار ۋە باساچىلار خېلە جىقتى ..سېخىلىق بىلەن ئۈرۈم پۈرۈم بىرەيمۇ دىمەيدا جاپا تارتىپ يازسام..قوينىڭدىن تۈكۈلسە قونجۇڭغا دەپ ھەممىز بىر كوماندىنىڭ مەستانىسى بولغانكىن ئۇنداق قىلماڭلا دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-10 10:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كوماندىنىڭ ئۆزىنى ھەقىقى ئىسپاتلاش ئۈچۈن داڭلىق چولپانلار ئەمەس تاكتىكىسى مۇكەممەل تېرنېر مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدۇ! گو سۇمبۇل مو ئاقباشلار پۈتۈن تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ ئىسپان بىرلەشمىسىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش