- تىزىملاتقان
- 2011-1-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 523
- نادىر
- 4
- يازما
- 523
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-8 13:37
بۆرتالا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئوقۇش باشلىدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار مەن ئۆتكەندە بۆرتالا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوڭۈشلۇق قۇرۇلغانلىقىنى ، ھەم كىيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۋاتقانلىقىدىن سىلەرنى خەۋەردار قىلغان ئىدىم ، مانا ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ داۋامىنى خەۋەر قىلماقچى .
بۈگۈن يەنى 2013- يىلى 7- 8 - كۈنى بۆرتالا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرغان ‹ ئۈمۈت يۇلتۇزى › پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيلەش سىنىپى ئوڭۈشلۇق ھالدا دەرىس باشلىدى .
بۆرتالا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى رەپقەت ئەپەندىنىڭ ھەم قولىغۇچى دوستىلىرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇمۈت يۇلتۇزى كۇرسىغا ھازىرچە 30 نەپەردىن كۆپرەك ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچى تىزىملىتىپ بۈگۈن تۇنجى كۈنلۈك دەرىس ئاتا - ئانىلارنىڭ نەق مەيداندىن كۆرۈپ پىكىرى تەكلىپ بىرىشى ئاستىدا رەسمى باشلاندى . قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ شۇنداق يۇقىرى بولدى .
بۇ كۇرۇسقا داۋاملىق تۈردە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ ، تەتىللىك ئوقۇغۇچى تەربىلەش ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن - سائەت 10 غىچە
چۈشتىن كىيىن تۆتتىن - ئالتىگىچە ، تىزىملىتىش ھەققى 250 سوم ، كىيىم پۇلى 50 سوم ،
تىزىملىتىش ئورنى -- 7- ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدىكى ئوكيان كومپىيوتۇر مۇلازىمەت مەركىزى .
مەسئۇل مۇئەللىملەر ، ئىلھام مۇئەللىم ، مەردان مۇئەللىم .
تەتىل ئاياغلاشقاندا تەربىيلەش ۋاقتى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ،
بۇ كۇرۇسنىڭ كىيىنكى تەپسىلارتلىرى داۋاملىق يولىنىپ تۇرىدۇ .
ئۇمۈت يۇلتۇزى پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيلەش كۇرسىغا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ تەكلىپ - پىكىر بېرىپ ، بۇ كۇرۇسنىڭ ساغلام داۋاملىشىشىغا كۈچ قۇشۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،
بالىلارنىڭ ئىستىقپالى ئۈچۈن بېسىلغان يول ، چۇقۇم ئەھمىيەتلىك بولغۇسى .
سولدىن باشلاپ ، 1- پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى رەپقەت ئەپەندى ، 2- مەردان مۇئەللىم ،ئىلھام مۇئەللىم ، ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى
مەنبە--- تاڭنۇر خەۋىرى
بارلىق مۇنبەرلەرگە يوللانسا بولىدۇ .
|
|