- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3991
- نادىر
- 1
- يازما
- 3991
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
ئارسىنال نۆۋەتتە كۇلۇپنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇلى ۋېنگېر بىلەن توختام ئۇزارتىش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەۋاتقان بۇلۇپ ئۇلار ۋېنگېر بىلەن ئاز بولغاندىمۇ يەنە 3 يىللىق توختام ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ، شۇنداق بولغاندا ۋېنگېرنىڭ كەلگۈسى يەنىلا لوندۇندا بۇلۇشى مۇمكىن .
كۇلۇپ تەرەپ ئاللابۇرۇن ئۇچۇق ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ ۋېنگېر بىلەن توختام ئۇزارتماقچى بولغان ،ئىگىلىنىشىچە قارشى تەرەپمۇ خېلى ئاكتىپ بوزۇتسىيەدە بۇلۇۋېتىپتۇ ، بىراق ئىككى تەرەپ كىلەركى ئايدىن بۇرۇن توختام ئىمزالىمايدىكەن ، چۈنكى ئارسىنال ئاسىياغا سەپەر قىلىپ ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىرىم قىلىشقا كۈڭۈل بۈلىۋاتقان بۇلۇپ ئۇزۇنغا قالماي ياپۇنيە ۋە ۋىتنامغا بېرىپ دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدىكەن . ۋېنگېرمۇ ئۈزىنىڭ سەككىز يىل لوڭقىسىز قېلىشتەك پاسسىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بۇلۇپ بارىلىق زىھنىنى يۆتكىلىش بازىرىغا سەرىپ قىلماقچى بولغان .
ئېنگىلاند بىرلەشمىسى ئالدىنقى پەسىلدىكى تۆت كۈچلۈكنىڭ ئالدىنقى ئۈچى بۇ قېتىم تىرنىر ئالماشتۇردى ، مويىس مانچىستىر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بولدى ، پىلەيگىرنى مانچىستىر شەھرىگە مەشقاۋۇل بولدى ، مورىنھو بولسا چىلسىغا ئىككىنجى قېتىم تىرنىر بولدى . پەقەت تۆتىنجى ئۇرۇندىكى ئارسىناللا تىرنىر ئالماشتۇرماي بۇ كونا تۆھپىكار تىرىنىر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ بىرلىكـتە لوڭقا ئېلىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلىمەكچى بولغان .
مەنبە : http://www.ballpure.com/detail/110819.html
|
|