- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3988
- نادىر
- 1
- يازما
- 3988
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-7 13:32
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
گەرچە مانچىستىر بىرلەشمىسى تەرەپ روننىنى ساتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئارسىنال يەنىلا ئۇنى يۆتكەپ كىلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى باركەن . فالكاۋنىڭ ئاللابۇرۇن موناكونىڭ ئادىمى بۇلۇپ كەتكەنلىكى ۋە كاۋانىنىڭ باھاسىنىڭ بەك يۇقۇرى بۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ چىلسى 20مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ چىقىرىپ روننى بودەكنى سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا . بىراق مانچىستىر بىرلەشمىسى بۇ توپچىنىڭ ئەشەددى رەقىبى بولغان چىلسىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كىتىشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ .
ئالدىنقى ھەپتە مەشىققە قايتىشتىن بۇرۇن روننى ئۈزىنىڭ ئۈيىدە يېڭى مەشقاۋۇل مويىس بىلەن كەلگۈسى ئىشلىرى توغرۇلۇق سۆھپەتلىشىپ ئورتاق پىكىرگە كەلگەن . گەرچە مويىس روننى سېتىلمايدۇ دىگەن گېپىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ روننى بۇرۇن كۇماندىدىن ئايرىلماقچى بولغانمۇ دەپ سۇرالغاندا مويىس ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان .
ئەگەر روننى بۇرۇن راسلا كۇلۇپ يۆتكىلىش ئىلتىماسى سۇنغان بولسا مەيلى مانچىستىر بىرلەشمىسى ساتماقچى بولسۇن ياكى ساتمايمىز دەپ چىڭ تۇرسۇن بۇ روننىنىڭ كۇلۇپ يۆتكىلىش ئۇيىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەگەر روننىنىڭ راسلا شۇنداق ئۇيى بولسا چىلسى بىلەن ئارسىنالغا يەنىلا پۇرسەت بار دىگەن گەپ . ئەگەر مانچىستىر بىرلەشمىسى روننىنى قولدىن چىقارسا روننىغا ئىرىشىدىغان كۇلۇپنىڭ چىلسى بۇلۇش ئىھتىماللىقى چوڭ .
|
|