- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3983
- نادىر
- 1
- يازما
- 3983
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
ئابلاباينىڭ چىلسىنى قۇلىغا ئالغانلىقىغا 10 يىل ۋاقىت بولدى ، كۆك ئارمىيە چىلسى كاپىتانى تېررى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە شۇ چاغدا ئابلاباينىڭ چىلسىغا كىلىشى ئۈزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئېيىتتى .
ئابلاباي چىلسىغا كەلگەندە تېررى 22 ياشتا بۇلۇپ ئۇ مۇنداق دىدى :‹‹ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشتىن ئۆيدە تىلۋۇزۇر كۈرۈپ ئولتۇرۇپ خەۋەردار بولغانلىقىم ھىلىمۇ ئىسىمدە ، شۇ چاغدا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم . ھازىر قارايدىغان بولساق بۇ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان بىر ئىشكەن . مىنىڭچە توپ مەستانىللىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ كۈڭۈل بۆلگەن مەسىلىسى كۇماندىغا قايسى توپچىلارنى يۆتكەپ كىلىش ، رەھبەرلىك قاتلىمىدا قانداق ئۆزگىرىش بۇلۇش قاتارلىقلار بۇلىشى مۇمكىن ، بىراق بىز توپچىلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۈزىمىزنىڭ كۇماندىدىكى ئورنى مۇقۇم بۇلامدۇ يوق مۇشۇ مەسلە ئەڭ مۇھىمتى . كىيىن كۇماندىغا نۇرغۇن يېڭى توپچىلار قۇشۇلدى ، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىسىل توپچىلاركەن ، بارغانسىرى كۇماندىنىڭ سەۋىيىسىمۇ ئۆستى .››
تېررى ئۈزىنىڭ قانچىلىك تىرىشقانلىقىنى مەستانىلەرنىڭ كۈرۈپ يىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ يەنە : ‹‹ ماڭا نىسپەتەن ئېيتقاندا مەن ئىزچىل چىلسىدا بولغاچقا توپ مەستانىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئالاھىدىرەك بۇلىشى ئېنىق . ئابلاباي شۇ چاغدىلا كۇلۇپنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇشنى ، نىمىشلارنى قىلىش كىرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى ، ئۇ بىر يىل ئىچىدىلا لوڭقا ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمىگەن ، 3 يىلدىن كىيىن ئۇ ھەربىر لوڭقىغا ئىرىشىشنى ئويلايدىغان بولدى ، ھازىر بولسا ھەربىر لوڭقىغا ئىرىشىش ھەر بىر پەسىللىك نىشان .››
مەنبە : http://voice.hupu.com/soccer/1455051.html |
|