تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 662|ئىنكاس: 90

بىرازىلىيە ئۈمىد چولپىنى-نىيمار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

21

تېما

3

دوست

2309

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 2309
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 10009638
تۆھپە: 2430
ۋاقتى: 621
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-7 01:17  

چاچلىرىڭغا قاراپ دىدۇق ھۆپۈپ،
توپ ئېلىپ مېڭىشىڭ گويا سۇ يىلىنى.
پاسلىرىڭ ئۆزگىچە، سۈرئىتىڭ بوران،
جاھان ئەھلى كۆرمەكتە يېڭى پىلىنى.


نىيمار بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ بىرى،1992-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئىگىزلىكى 174 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى65كىلوگىرام،مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى،ئەمما ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا يان ھۇجۇمچى ياكى ھۇجۇمغا مايىل ئوتتۇرا مەيدان ئويناتسىمۇ تامامەن ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.
neimar3.jpg


نىيمارنىڭ دادىسى بۇرۇن بىر كەسپى پۇتبولچى بولغاچقا، شۇڭا نىيمارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى مەشقاۋۇلى دەل ئۇنىڭ دادىسى ئىدى،2003-يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى سان ۋىنىسىتتىن سانتوسقا كۆچۈپ كېلىدۇ،نىيمارمۇ سانتوس كولۇبىغا كىرىدۇ.بۇ يەردىكى پۇتبول ھاياتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئەگىشىپ نىيمار ئائىلىسىنىڭ شارائىتىمۇ ياخشىلىنىدۇ،نىيمار 16يېشىدا ھەرئايدا 25مىڭ بىرازىلىيە لىرسى ئالاتتى. 17ياشقا كىرگەندە كولۇب نىيمار بىلەن رەسمىي كەسپى توختام ئىمزالاپ نىيمار سانتوس بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا قاتنىشىدۇ.

نىيمارنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى
1. سانتۇس تەربىيلەش بازىسىدا

نىيمار2003-يىلىدىن باشلاپ سانتۇس كوماندىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا قاتنىشىپ ياخشى بولغان تەربىيلىنىش مۇھىتىدا تېخىمۇ سىستىمىلىق تەربىينى قوبۇل قىلىپ تىز ئىلگىرلەيدۇ، سانتۇس ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش ئىنىستىتۇتى ئىلگىرى بىرۇنۇ،ئەيلانو،دىگۇ قاتارلىق نامى چىققان پۇتبول چولپانلىرىنى تەربىيلىگەن ، شۇنداقلا پىلى، رۇبىنىئو قاتارلىق داڭلىق چولپانلارمۇ ئۆزىنىڭ پۇتبول ھاياتىنى مۇشۇ يەردىن باشلىغان ئىدى.

2. 2009-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە

2009-يىلى3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن نىيمار تۇنجى قېتىم كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ،گەرچە مۇسابىقە تۈگەشكە 13مىنۇت قالغاندا مەيدانغا چىققان بولسىمۇ ئىپادىسى ياخشى بولىدۇ.بىر ھەپتىدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە بولسا ئۆزىنىڭ كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزىدۇ. 2009-يىل4-ئاينىڭ 11-كۈنى نىيمار سان پاۋلو شىتاتلىق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا مەيدانغا چۈشۈپ پارمىلاس كوماندىسىغا بىر توپ ئۇرۇپ سانتوس كوماندىسىنىڭ2-1نەتىجە بىلەن ئۇتۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. گەرچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سانتۇس كوماندىسى 4كە قارشى 2نەتىجە بىلەن كىلىندىئان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ئەمما نىيمار بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى نامايان قىلىدۇ،يەنى 48قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ 14توپ ئۇرىدۇ.

neimar6.jpg


3. 2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە
2010-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرازىلىيە لوڭقىسىنىڭ بىر قېتىملىق سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە نىيمار 5توپ ئۇرۇپ سانتۇس كوماندىسى 1گە قارشى 8نەتىجە بىلەن گۇالانى كوماندىسىنى يېڭىدۇ. 2010-يىل سان پاۋلو شىتاتلىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە  نىيمار 19 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 14 توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىشىگە تۆھپە قوشىدۇ، ئۆزى بولسا سان پاۋلو بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەرنىيمارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى رۇبىنىئو ۋە گىگانىت چولپان پىلىغا  سىلىشتۇرۇشقا باشلايدۇ.
2010-يىلى سانتۇس كۇلۇبى ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چىلسى قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ ئۇنى يۆتكەش تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ، چىلسىنىڭ قويغان باھاسى 20مىليۇن فۇنىد سىتىرلىڭ ئىدى، نىيمار ئۆزىمۇ  سانتۇس كوماندىسىدا توپ تىپىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ئىدى.
2010-يىل نىيمار تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 60قېتىم مەيدانغا چىقىپ42 توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ،بىراق كوماندا مەشقاۋۇلى بىلەن بولغان زىددىيىتى كۈچىيىدۇ. 2010-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ‹جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول ئەپەندىسى›نى باھالاشتا نىيمار دالىساندىرو بىلەن ۋېرۇندىن كېيىن تۇرۇپ 3-لىككە ئېرىشتى.

4.  2011-يىل مۇسابىقە پەسلىدە

نىيمار 2011-يىلىدىكى مۇسابىقىلەردە قالتىس ئىپادىسىنى نامايان قىلىدۇ، 2011-يىللىق جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادقىلغۇچىلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە 6توپ ئۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا سانتۇس كوماندىسى بۇ لوڭقىنى ئىگىز كۆتۈرىدۇ، بۇ ھەم كوماندىنىڭ 1963-يىلىدىن كېيىن بۇ لوڭقىنى قايتا كۆتۈرۈشى ھىساپلىنىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا پىلى سانتۇس كوماندىسىدا بۇ لوڭقىنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى.
2011-يىل 9-ئايدا سانتۇسنىڭ رەئىسى لۇيىس رىبىلۇ خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەرىز قىلىپ مادرىدنىڭ نىيمارغا مەخپى يىقىنلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالىماق بولۇشىغا  نارازىلىقنى بىلدۇردى، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى نىيمار بىلەن سانتۇس كۇلۇبى كېلىشىم ئىمزالاپ  نىيمارنىڭ 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلاشقىچە كوماندىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. شۇنداقلا نىيمارنىڭ مائاشىنى ياۋروپا كۇلۇبلىرىنىڭ مائاش سەۋىيسىگە يىقىنلاشتۇرۇپ بەردى.
2011-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى نيمار دۇنيا كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىر توپ ئۇرۇپ ياپونىيىنىڭ كۇلۇبىنى يەڭگەن بولسىمۇ ، 18-چىسلا ئوينالغان بارسىلونا بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇش پۇرسىتىمۇ بولمىدى ھەمدە 4كە قارشى 0نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋىتىپ سانتۇس كوماندىسى 2-لىككە ئېرىشتى.
بۇ يىلدا نىيمار خەلقارا پۇسكاس مۇكاپاتىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە ‹جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول ئەپەندىسى ›بولۇپ باھالىنىپ پۇتبول ھاياتىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى.

neimar4.jpg


5. 2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە

2012-يىل 2-ئاينىڭ5-كۈنى 20ياشقا كىرگەن نىيمار سان پاۋلو بىرلەشمىسىدە پارمىلاس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  ئۆزىنىڭ پۇتبول ھاياتىدىكى 100-توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ. 2-ئاينىڭ 25-كۈنى  سانتۇس 6-1پورىتا كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە 2توپ ئۇرۇپ 2ياردەمچى ھۇجۇم بىرىدۇ.
2012-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرازىلىيە ئالتۇن توپ مۇكاپاتى باھالىشىدا نىيمار 42يىلدىن كېيىن بىرىلگەن بىر تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئىرىشتى، يەنى ‹خۇرس كونكىرۇس›مۇكاپاتى بولۇپ بۇ مۇكاپات مۇشۇ ۋاقىتقىچە پەقەت پىلى (1970)غىلا نېسىپ بولغان ئىدى، ئۇندىن باشقا نىيمار يەنە 2012-يىللىق ‹ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى›مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 42يىلدىن كېيىن پەقەت توپ شاھى ئېلىپ باققان مۇكاپاتقا نىيمارنىڭ ئېرىشىشى ئۇنىڭ پىلىنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەتتى.

neimaer2.jpg


6. 2013-يىلىغا نەزەر
2013-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بارسىلونا ئورگان تور بېكىتىدە نىيمارنىڭ 57مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن سانتۇستىن بارسىلوناغا رەسمىي يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، يىلىغا 7مىليۇن مائاش بىرىش توغرىسىدا 5يىللىق توختام تۈزۈلدى، ئۇندىن باشقا سۈرەت ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە نىيمارغا ئېتىبار قىلىندى.

neimar8.jpg


7. دۆلەت كوماندىسىكى نىيمار

2009-يىلى نىيمار بىرازىلىيە 17ياشلىقلار كوماندىسىغا تاللىنىپ دۇنيا لوڭقىسى (17ياشلىقلار)مۇسابىقىسىگە قاتناشتى،ياپونىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  بىر توپ ئۇرۇپ پىلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئەينى چاغدا تەنھا بۆرە رومارىئو  نىيمارنى ماختاپ توپ مەستانىلىرىنىڭ بېسىمىدىن پايدىلىنىپ نىيمارنى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق دۇنگا رەت قىلىۋەتتى، بولمىسا نىيمار جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولاتتى. 2010-يىل 10-ئاۋغۇسىت 18ياشلىق نىيمار دۆلەت كوماندىسى تەركىۋىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئۈستىگە 11-نومۇرلۇق مايكا كىيگەن نىيمار بىر توپ ئۇرۇپ 2-0ئامېرىكىنى ئۇتۇشقا تۆھپە قوشتى. 2011-يىل 27-مارت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن شوتلاندىيە دوسىتلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغاندا نيمار 2توپ ئۇرۇپ قارشى تەرەپنى 2-0نەتىجىدە ئۇتتى. 2011-يىل ئارگىنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن  ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە نىيمار ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ھەم گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىكۋادۇرغا 2توپ ئۇردى، يېرىم ھەل قىلغۇچتا پاراگۋاي كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋىتىلدى.
2012-يىل 5-ئايدا نىيمار بىرازىلىيە ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللاندى، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مىسىرنى 3-2نەتىجىدە يەڭگەندە نىيمار بىر توپ ئۇردى، بىلورۇسىيەنى 1گە قارشى 3نەتىجە بىلەن يەڭگەندە نىيمار ئىچىلىپ كەتتى،يەنى بىر توپ كىرگۈزۈپ 2 ياردەمچى ھۇجۇمنى نامايان قىلدى.
4\1ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە ئولىمپىك كوماندىسى 3-2نەتىجىدە ھۇندۇراس كوماندىسىنى يەڭدى، نىيمار بولسا بىر توپ ئۇرۇپ بىر ياردەچى ھۇجۇمنى نامايان قىلدى. ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نىيمار توپ ئۇرۇش پۇرسىتىنى تۇتالمىدى ، شۇنداقلا بىرازىلىيە مېكسىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
8. نىيمارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل
نىيمارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 174سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى پەقەت 65كىلوگىرام بولۇپ سۇرئىتى ناھايتى تېز، نىيمارنىڭ بۇنداق داڭ چىقىرىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى شۇكى  ئۇ تېز سۈرئەتتە توپ ئېلىپ ماڭالايدۇ، ئاجايىپ ئىختىيارى توپ تېپىش ماھارىتى، شۇنداقلا يېشىغا ماس كەلمىگەن كەڭ دائىرىلىك كۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدا.
ئۇندىن باشقا نىيمار ئەتراپلىق تەربىيلىنىشكە ئىگە بولغان بولغاچقا ھۇجۇم ،ئوتتۇرا مەيدان ، ئوڭ،سول ئوخشاشلا ماھارىتىنى نورمال نامايان قىلالايدۇ. شۇنداقلا نىيمار  تولۇپ تاشقان جاسارەتكە ئىگە ، زور جانلىقلىقىنى نامايان قىلالايدۇ.

نىيمارنىڭ تىخنىكا ئالاھىدىلىكىگە قويۇلغان نومۇر؛
1) قاپقىغا توپ ئۇرۇش  8.5
2)  پاس بېرىش         8
3)توپ تارتىۋىلىش       6
4)  كاللا توپ            7
5) سۈرئەت               9
6) كۈزىتىش              9
7) توپ ئېلىپ مېڭىش    9

مىسسى بىلەن سىلىشتۇرغاندا نىيمار تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، چۈنكى ئۇ يەنىلا كىچىك، ئەمما يېشىغا ماس كەلمىگەن بىر قىسىم ئالاھىدىلىكەر ئۇنى بالدۇرلا جاھانغا تونۇتىۋەتتى،  قوزغىلىش كۈچىدىن قارىغاندا مىسسىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما توپ بىلەن بىرلەشكەن سۈرئەتتە يەنىلا مىسسىغا يەتمەيدۇ. نىيمارنىڭ ئادەمدىن ئۆتۈشىمۇ مىسسىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ پۇتى ئۇزۇن بولغاچقا كۆپىنچە ئەھۋالدا توپ سەكرىتىش شەكلىدە ئادەمدىن ئۆتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق ئۆتۈشتە نىيمار بىلەن توپنىڭ ئارىلىقى مۇئەييەن دەرىجىدە يىراقلىشىدۇ،ئەمما سۇرئىتى تېز ، جانلىق بولغاچقا قارشى تەرەپتىن بۇرۇن يەنە توپ بىلەن بىرلىشىۋالالايدۇ. ئادەتتە تۈز سىزىق شەكلىدە ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.  ئەلۋەتتە نىيمار پىشىپ يېتىلمىگەن  بولغاچقا ئۇنىڭ بەدىنى تېخى مىسسىدەك كۈچلۈك ئەمەس.
مىسسى تىز سۈرئەتتە يۆنىلىش ئۆزگەرتىپ توپ ئېلىپ ماڭىدۇ، پۇتى قىسقا بولغاچقا توپنى پۇتىغا چاپلىۋىلىش شەكلىدە ئادەمدىن ئۆتىدۇ، ھەركىتى چاققان ،يۆنىلىش ئۆزگەرتىش بىلەن  سۈرئەت ئاشۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۇرىدۇ. پۇتىنىڭ سىرتقى دۈمبە قىسمى ئارقىلىق توپ ئېلىپ مېڭىشنى ئاساس قىلىدۇ،بەزىدە يۆنىلىش ئۆزگەرتىش ئىھتىياجى نۇقتىسىدىن ئىچ يىنى بىلەن توپ ئېلىپمۇ ماڭىدۇ، بۇ جەھەتتە نىيمار قەتئى ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ  توپ ئېلىپ مېڭىش ئۇسۇللىرى ، پۇت ئىشلىتىشى ھەرخىل، بەزىدە توختاش ، تۇيۇقسىز ئۆرىلىپ توپ ئېلىپ مېڭىش ،پۇتىنىڭ يۈزىدە لەيلىتىپ ئۆرلىتىپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار كۆپرەك قوللىنىدۇ.

مەيدان سىرتىدىكى تۇرمۇشى
2011-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 17ياشلىق بىر قىز نىيماردىن ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئاشكارلىدى، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى نىيمار بۇ ئىشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىقىنى توردا ئېلان قىلدى. 19ياشقا كىرگەندە نىيمار  بىر دادىغا ئايلانغان بولسىمۇ ئانا ۋە بالا ھەققىدە ھىچنىمە ئاشكارلىمىدى. 2011-يىل 8-ئايدا نىيمارنىڭ تۇنجى بالىسى داۋىي لۇكاس سان پاۋلودا دۇنياغا كەلدى. نىيمار خۇشال بولغان بولسىمۇ بالىنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ھىچنىمە ئاشكارلىمىدى.

neimar.jpg


نىيمارنىڭ شان-شەرىپى:

سانتۇس كوماندىسدا:
2010-يىل  بىرازىلىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى
سان پاۋلو بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى:  2010،2011،2012
جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادقىلغۇچىلار لوڭقىسى چىمپىيۇنى  2011
دۇنيا كولۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقسىنىڭ ئىككىنچىلىكى  2011
دۆلەت كوماندىسىدا:
جەنۇبىي ئامېرىكا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى چىمپىيۇنى2011
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى 2011
لوندۇن ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كۈمۈش مېدالى              2012
خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى                  2013
شەخسىي شان -شەرەپ:
بىرازىلىيە سان پاۋلو شىتاتلىق ئا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر مۇكاپاتى 2009
بىرازىلىيە سان پاۋلو شىتاتلىق  ئا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر  ماھىر ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى2010،2011،2012
جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادقىلغۇچىلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر 2011
بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى 2010،2011
جەنۇبي ئامېرىكا پۇتبول ئەپەندىسى  2011
خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى پۇسكاس مۇكاپاتى 2011
سان پاۋلو شىتاتلىق بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچىسى، جەنۇبىي ئامېرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچىسى 2012
خەلقارا پۇتبولچىلاربىرلەشمە لوڭقىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، مىس كەش مۇكاپاتى  2013

neimar12.jpg


neimar7.jpg


neimar9.jpg


چىقتى بىرازىلدىن يەنە بىر پىلى،
ئىسمىدۇر ئۇنىڭ ھۆپۈپ نىيمار.
بۇ كەلسە باساغا كۈچىمىز ئاشسا،
مۇنبەردە قىزىپ كېتەر تېخىمۇ قىمار.

بىرلەشسە مىسسى بىلەن نىيمارلار،
بولۇپ  باسانىڭ ئۆتكۈر خەنجىرى.
ئۆتكەندە ئۇلار شۇنداق ھۇجۇمغا،
ۋەيراندۇر رەقىبلەر توساق زەنجىرى.

f6d6abbbdd.jpg









neimar5.jpg
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12891
يازمىسى: 55
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 171
تۆھپە: 55
ۋاقتى: 12
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل    تىما  بوپتۇ   ..

2

تېما

0

دوست

885

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9379
يازمىسى: 885
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10001117
تۆھپە: 158
ۋاقتى: 365
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىرىنىڭ  دەردىنى  كۆتىرەلمەيۋاتقاندا  ماۋۇ  پەيدا  بوپ  قالدىدە  ئەمدى.....

بارچۇق

63

تېما

8

دوست

2132

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 2132
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 457
تۆھپە: 2564
ۋاقتى: 504
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىينچە مۇنبەردىمۇ نېيمارلار كۈپىيىپ كىتەمۇ
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن ياپراق.

2

تېما

1

دوست

204

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11953
يازمىسى: 204
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 723
تۆھپە: 215
ۋاقتى: 44
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىغىنىمدىنمۇ  ياشكەنغۇ  نىيمار ...  دىمەك   بۇ  شان شەرەپنىڭ   ئەمدى  باشلىنىشى دىگەن  گەپ

==ئارسېنال==

129

تېما

5

دوست

3470

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7817
يازمىسى: 3470
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 232
تۆھپە: 808
ۋاقتى: 1400
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئارسىنال لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن..پەقەت...سېنىڭ...مەستانىلەر...ئارىسىدىكى...جىدەلنىڭ...ئوت..پىلتىسى..بولۇپ..قالماسلىقىڭنىلا..ئۈمۈت
قىلىمەن.

ئىستىقباللىقلار بازىسى-بىرمىن

313

تېما

15

دوست

4684

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  440
يازمىسى: 4684
نادىر تېما: 13
ياۋرۇ: 418
تۆھپە: 19424012
ۋاقتى: 655
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپانى سوراپ كىتشىدە گەپ يوق! نادىر تىما بۇلۇپتۇ ماۋۇ تىما
ئەڭ مەينەت ئادەم---دەل چىقمچىلارىدۇر

ياخشىلىققا ياخش

6

تېما

1

دوست

844

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10830
يازمىسى: 844
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 1575
تۆھپە: 101038
ۋاقتى: 232
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇ نىيمار، مادرىد ئەمدى بۇ پەسىل مۇداپىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمىسە بولمىدى. بىراق ئويلاپ باقسام بۇ پەسىل ئەگەر بارسىلونا ياخشىراق مۇداپىيەچىدىن بىر نەچچىنى كىرگۈزمىسە، مۇداپىيە سېپى تولىمۇ ئىشەنچىسىز. بۇ مادرىدقا نىسپەتەن بىر ئاز پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. كۈچلۈك مۇداپىيە، قايتۇرما ھۇجۇم.
ياخشىلىققا ياخشىلىق ئىنسان ئېشىدۇر، يامانلىققا ياخشىلىق ئەرنىڭ ئېشىدۇر.

0

تېما

0

دوست

70

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11715
يازمىسى: 70
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 250
تۆھپە: 103
ۋاقتى: 15
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلا ماڭا چ چ توپڭلھنى ئەۋەتىپ بېرىڭلا  

6

تېما

3

دوست

82

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12556
يازمىسى: 82
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 299
تۆھپە: 119
ۋاقتى: 46
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ

7

تېما

3

دوست

187

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12806
يازمىسى: 187
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1639
تۆھپە: 205
ۋاقتى: 39
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىملىق يوللىغان ۋاقتى  2013-7-7 01:42
بىرىنىڭ  دەردىنى  كۆتىرەلمەيۋاتقاندا  ماۋۇ  پەيدا  بو ...

ۋاي قانداق قىلاي ما گەپنى،،،،،،

ئۆمۈرۈمدە كۆرگەن ئەڭ نادىر ئىنكاسنىڭ بىرى
بۇ يەرنىڭ مەيدانى جىمجىت!

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

21

تېما

3

دوست

2309

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 2309
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 10009638
تۆھپە: 2430
ۋاقتى: 621
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2013-7-7 01:57
كىينچە مۇنبەردىمۇ نېيمارلار كۈپىيىپ كىتەمۇ

قورقۇۋاتامسىلەر بۇرادەر
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )