- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3986
- نادىر
- 1
- يازما
- 3986
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-4 19:09
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
7-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كىيىن چىلسى ئورگان تورى گوللاندىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋەن گنكېلنى(؟) قۇشىۋالغانلىقىنى ئىلان قىلدى . مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ تەمىنات جەھەتتە بىرلىككە كەلگەندىن كىيىن بەدەن تەكشۈرتىۋەتسىلا بۇ ياش ماھىر ھەقىقى تۈردە چىلسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدىكەن .يۆتكىلىش سوممىسى BBCنىڭ خەۋىرىدە 8 مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ دىيىلگەن ، ‹‹كۈندىلىك پوچتا گىزىتى››نىڭ خەۋىرىدە بولسا 9مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ دىيىلگەن . بۇ چىلسى كۇلۇبىنىڭ بۇ يىل يازىدىكى ئىككىنجى سودىسى .
تۈۋەندىكىسى بۇ ماھىرنىڭ بىرقىسىم كۈرىنىشلىرى ھۇزۇرلانغايسىلەر
خەۋەرلەرگە قارىغاندا روما كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بارىلىق توپچىلارنى بازارغا سېلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ، سېتىلماس توپچى يوق بۇلۇپ يىتەرلىك باھا تاپشۇرىۋالسىلا سېىۋىتىشى مۇمكىنكەن . بۇ خەۋەر مو تەلۋىنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتكەن ، ئۇ 10مىلىيۇن چىقىرىپ بۇ دېروسسىنى سېتىۋېلىشقا تەييارلانغان .
چىلسى كۇلۇبى نۆۋەتتە ئارقا بەل توپچىدىن بىرنى تۇلۇقلاشقا جىددى ئىھتىياجلىق بۇلۇپ ئىتالىيەلىك بۇ توپچى ئەڭ مۇۋاپىق نامىزات دەپ قارالغان . مورىنھو ئېنتىر مىلەن ۋە خانلىق مادرېدغا مەشقاۋۇل بولغان ۋاقىتتىمۇ بۇ توپچىنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان بۇلۇپ بۇ خەۋەرنىڭ چىقىشى مورىنھونى بەكلا خۇشال قىلغان ھەمدە بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ جىددى ھەركەتكە كەلگەن . روما تەرەپنىڭ تەنتەربىيە نازارەتچىسى ئۇزۇنغا قالماي لوندۇنغا بېرىپ چىلسىدىن بىرازىلىيەلىك ئوتتۇرا مۇداپىيەچى (Wallace)نى ئىجارىگە ئېلىش ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىكەن . بۇ ئىش چىلسىنى ناھايىتى ياخشى بولغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن بۇلۇپ بۇ توپچىنى يۆتكەپ كىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭكەن.
|
|