- تىزىملاتقان
- 2013-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1128
- نادىر
- 0
- يازما
- 1128
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،قانداراق ئەھۋالىڭلار؟ سالامەت تۇرىۋاتامسىلەر؟ كەمىنە مۇنبەردىشىڭلار پەرۋەردىن ئوتلۇق سالام!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مۇنداق گەپ، مۇنەردە پەقەتلا ئۆزىمىز ياقتۇردىغان كۇلۇپ ۋە توپ چولپانلىرىنىڭلا مۇلاھىزىسىلا بولىدۇ. كۇلۇبلارنىڭ كىيىمى،لايىھەلىنىشى پاسونى،كۇلۇب گىربى،يەنە بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقتىكى تىپىدىغان توپلارنىڭ چىرايلىق سەتلىكى، توپچىلارغا كەيگەن كىيىمىنىڭ يارىشىدىغان ياراشمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىرە مىكرو مۇلاھىزەمۇ يوقكەن.
مىنىڭ مۇسابىقە كۆرشۈم باشقىڭلاردىن خىلى كۆپ پەرىقلىنىدۇ، قانداق دىسەڭلا مەسىلەن ئالايلۇق، مادىرىد بىلەن بارسىلونا قاتتىق تىركىشىۋاتىدۇ، رونالدو سول تەرەپتىن توپ ھەيدەپ كىلىپ پىكى بىلەن دوقۇرشۇپ قالدى،(ئاھ،،،،، نىمىدىگەن سەت كۆرۈنۈش ئۇ، بويىنىڭ ئىگىزلىكىگە مايكىنى كۇسارنىڭ ئىچىگە تىقىپ يەتمىگىنىدەك كۇسارنى بىركىم تارتىپ سالدۇرۋالدىغاندەك يىپىنى ئىككى چىگىۋىتىغان دەلتە 3-نۇمۇر) يەنە مايكا كەيسە دولىسى چۈشۈپ قالىدىغان دىمارىيا،بىر سىرىقلىقى يەتمىگىنىدەك دورتمۇندنىڭ كىيىمىنى كىيىدىغان لىۋەندوۋىسكى،،،،،،،،
بىرنەچچە ئوبرازلىق ئوخشۇتۇشلار كەتتى ئەمسە، ئىغىر ئىلىشقا رۇخسەت يوق، بولمىسا سەتلىۋىتىمەن،،،،،،
1-ھاياتىدا بىرقىتىم كەيگەن كىيىمى توپچىلارغا ئوخشاپ قالغىنى- بارسىلونا (11-12 پەسىللىك كىيىمى)
2-ھەر 2يىلدا بىر قىتىم پولەن دوخو مايكا كىيدىغىنى- مادىرىد (ئىشەنمىسەڭلار كونا بازارغا بىرىپ بىقىڭلار، مادىرىدنىڭ بۇ يىللىق كىيىمىنى ئالە 15 كوي دە سىتىۋاتىدۇ) ئىشىنىمەنكى مادىرىد چوقۇم مۇشۇيەردىن مايكا ئالىدۇ
3-ئۇخلاش كىيمىنىڭ كەينىگە نۇمۇر بىسىپ كىيىۋىردىغىنى- مانچىستىر شەھىرى. (كىيىم سەت بولا مۇشتا بولا لىكىن،،،،).
4- كونا 80-يىللارنىڭ ئاشپەز خالىتىنى يۇمايلا مۇسابىقىگە كىيىپ چىقىدىغىنى- چىلىسى (بەك مەينەت كىيىم كىيىدىغان خەق ئۇ)
5-ساراڭلار ساناتورىيەسىنىڭ ساقايماس ساراڭلاردىن سالدۇرۋالغان كىيىمىنى سالماي كىيىپ توپ ئويناپ كىتىدىغىنى- يۇۋىنتۇس (ئويلىساملا بەك غىدىقىم كىلىدۇ، ساپمۇ-ساق 11 ساراڭ....... )
6-يامان چۈپەي خەقلەركىنا بۇ، كىيىمىگە رەخ يىتىشمىسە مادىرىدنىڭ تاشلىۋەتكەن كىيىمىدىن دولىسىغا ياماق سالىدىغان- مىلەن (12-13 يىللىق كىيىمىنىڭ دولىسغا ياماق سالغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم جۇمۇ، تۆۋە دىمىسە بىكار ).
7- يىڭى ئەسىر.3018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى،زىرىكىشلىك كۆك بىلەن قارا،بىر ئەسىردىن بىرى كەيگەن مايكىسىنى ئالماشتۇرۇپ باقمىغىنى- ئىنتىر. (قارىسىنى يوغانراق كۆكىنى كىچىكرەك قىلىپ لاھىيلىسە بىريىرى كەملەپ قالامدۇ دەيمەن).
8- باشقا كۇلۇبلارنىڭ تاشلىۋەتكەن مايكىسىنى يىغىۋىلىپ كۇلۇپ بەلگىسى بىلەن كەينىدىكى نۇمۇر بىلەن ئىسىمنى سۆكىۋىتىپ ئۆزىنڭكىنى چاپلىسىلا بولىدۇ، لايىھە كەتمەيدۇ پۇلمۇ ئاز كىتىدۇ- بايرىن (ئاپتاپتا سىنچىلاپ قارىسا روبىننىڭ ئىسمىنىڭ ئاستىدىن كىرىستئان.رونالدونىڭ ئىسمى كۆرنۈپ قىلىۋاتقان، ئا ماز تازمۇ تاللىسا ئىسمى قىسقىراقنى تاللىمامدۇ دەيمەن).
9-بىزدىگەن داڭلىق سارغايغان سىرىقلار شۇڭا قەنى قايسڭ يىگەن-ئىچكىنڭنى چىرايىڭغا چىقىردىكەنسە-دورتمونىد (كەيگەن مايكىسىغا ئوخشاش بىر ناننى پۈتۈن يەپ باقمىغاندەك تۇرغىنى تۇرغان).
10-تىرىنىر، بىز قىزىلنىلام كىيەمدۇق؟
تىرىنىر- قىزلنى كەيمەي كىمنىڭكىنى كيىتىڭ كىسپۇرۇش،،،،،،،،،،- مانچىستىر بىرلەشمىسى (سوراپ قويغانمۇ تىللامدۇ دەيمەن. )
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 45
تۆھپە + 1
شۆھرەت + 1
باھا خاتىرىسى
|