- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3985
- نادىر
- 1
- يازما
- 3985
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئاخپىراتچىلارنىڭ بۇ تەرەپتىكى خەۋەرلىرى بېسىققىنى يوق . «ماركا گىزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندە بىرازىلىيەنىڭ قاپقىچىسى سەيسار مۇكاپات ئالغېلى سەھنىگە چىققاندا ئۈستىگە ئىسپانىيە كاپىتانى كاسسىلاسنىڭ كىيىمىنى كىيىپ مۇكاپات بۇيۇمىنى قۇبۇل قىلغان . ئۇ ئىشتىن كىيىن زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا چۈشەندۈرۈپ بۇنداق قىلىشىم كاسسىلاسقا ھۆرمەت بىلدۈرىش ئۈچۈن دىگەن .
ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن : ‹‹ مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن كاسسىلاس بىلەن كىيىم ئالماشتۇرشىم مېنىڭ شەرىپىم ، مەن ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن ، ئىزچىل ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىمەن . مەن مەيداندا غەلبىنى تەبرىكلەۋاتقان چاغدا بىرەيلەن كىلىپ ماڭا كاسسىلاسنىڭ مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ، مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولدۇم ، مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئايرېم كۈرىشىپ باقمىغان ، بۇ قېتىم 10مىنۇتتەك پاراڭلاشتۇق . ئۇ بىر مۈنەۋەر قاپقىچى .››
«كۈندىلىك پوچتا گىزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە مادرېد تەرەپ ھىگۇايىننىڭ دادىسىنىڭ ئارسىنال كۇلۇبى بىلەن سۆھپەت ئۆتكۈزىشىگە قۇشۇلغان . ھىگۇايىننىڭ دادىسى :‹‹ھەممەيلەن ئوغلۇمنىڭ بالدۇراق ئارسىنالنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز .››دىگەن .
ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن : ‹‹ مادرېدنىڭ رۇخسىتىگە ئىرىشىشتىن بۇرۇن بىز ھېچقانداق كۇلۇپ بىلەن سۆھپەت ئۆتكۈزمەيمىز ، ئەمدىلىكتە بولسا مادرېد بىزنىڭ باشقا كۇلۇپ بىلەن سۆھپەت ئۆتكۈزىشىمىزگە يىشىل چىراغ يېقىپ بەردى . ئوغلۇمنىڭ ئېنگىلاند پۇتبول سەھنىسىدە پەيدا بۇلىشىغا ئازلا قالدى.››
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹‹قۇياش گىزىتى›› سۇئارىز بىلەن ئارسىنالنى چېتىشلىق قىلىپ خەۋەر تاقاتقان بۇلۇپ خەۋەردە ۋېنگىر 25مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ باھا بىلەن سۇئارىزغا ئىرىشىشنى خالايدۇ دىيىلگەن . مادرېد بىلەن سۇئارىز ئىزچىل قۇيۇق ئالاقە ساقلاپ كەلگەن بۇلۇپ سۇئارىز ئارسىنالغا قۇشىلىدۇ دىگەن خەۋەرنىڭ چىقىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
|
|