- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 995
- نادىر
- 2
- يازما
- 995
|
19-نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار (20 ياشتىن تۆۋەن) پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ تۈركىيەدە پۈتۈنلەي ئاياغلاشتى . ئىككىنچى كۈندىكى مۇسابىقىلەردە گانا ، چىلى ، كورىيە ، ئىراق كوماندىلىرى 8 كۈچلۈككە كىردى . بۇنىڭ بىلەن بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدىكى 8 كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ھەممىسى ئايان بولدى . يەنى ئىسپانىيە ، ئۆزبىكىستان ، فرانسىيە ، ئۇرۇگۋاي ، گانا ، چىلى ، كورىيە ، ئىراق قاتارلىق سەككىز كوماندا چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى گورۇپپىدىن چىققان ئۈچ ئاسىيا كوماندىسىنىڭ ھەممىسى 8 كۈچلۈككە كىردى . چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-7-كۈنلىرى كەچ تۈركىيەدە داۋاملىشىدۇ .
1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە : پورتۇگالىيە 3:2 گانا
1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە : كرودىيە 2:0 چىلى
1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە : كولۇمبىيە 1:1 كورىيە (نوقتا توپ : كولۇمبىيە 8:7 كورىيە)
1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە : ئىراق 0:1 پاراگۋاي
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى تىركىشىش ئەھۋالى
چارەك ھەل قىغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى (بىيجىڭ ۋاقتى)
مەنبە : FIFA ئورگان تورى
http://www.fifa.com/u20worldcup |
|