پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 749|ئىنكاس: 28

ئابلاباينىڭ 10يىلدىن بۇيانقى 10 چوڭ سودىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

15

دوست

3983

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 3983
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 450841
تۆھپە: 4663
ۋاقتى: 813
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 00:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
2003-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 36ياشقا كىرگەن ئابلاباي 130مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ خەجلەپ چىلسى كۇلۇبىنىڭ 50.9%پايچېكىنى سېتىۋالدى .چىلسى شۇنىڭدىن باشلاپ يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم قويدى. ئابلاباي ئۆتكەنكى 10يىلدىن بۇيان چىلسى ئۈچۈن 1مىلىيارد 400مىلىيۇندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى . بۇنىڭ ئىچىدە 713مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ چىقىرىپ 72نەپەر توپچى كىرگۈزگەن ،ئۇنىڭدىن باشقا توققۇز نەپەر تىرىنىر ئالماشتۇرغان بۇلۇپ بۇ 81ئادەمنىڭ ئىچىدە چىلسىنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان 10چوڭ سودىسى تۈۋەندىكىچە:

1.مورىنھو ؛
0321062L1W.jpg


ئابلاباي دەۋرىدىكى 10يىل ئىچىدە چىلسىنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان سودىسى ئېنىقلا مورىنھو .  بۇ تىرىنىر كۇماندىنى باشلاپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى شۇنداقلا ئىككىنجى يىلى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە بولغان ھۈكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ،  شۇنىڭدىن باشلاپ چىلسى زەردارلىق يۇلىغا قەدەم قويدى . بۇ يىل مورىنھونىڭ چىلسىغا ئىككىنجى قېتىم كىلىشى چىلسىنىڭ يەنە بىر شانلىق دەۋىرنى يارىتىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بۇلۇپ قالغۇسى.

2.دىروگبا ؛
032110336432.jpg


2004-يىلى دىروگبا چىلسىغا قۇشۇلغاندا 26ياشتا بۇلۇپ ئۇنىڭ باھاسى 24مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ بولغان .چىلسىغا كەلگەن تۇنجى پەسىلدە 41مەيدان مۇسابىقىدە 15توپ كىرگۈزگەن ، ئۇنىڭ چىلسىدىن ئايرىلغاندىكى نەتىجىسى بولسا 341مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 157توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 71 ياردەمچى پاس چىقارغان . بۇ ئارلىقتا چىلسى 3قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى ، 4 قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 2 قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيۇنى ۋە 1 قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بولغان . ئۇنىڭ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدىكى بەيرېننى بۇغۇزلىشى چىلسى تارىخغا مەڭگۈ پۈتۈلگىسى.

3.چىخ ؛
032111461434.jpg


2004-يىلى يازدا چىلسى 9 مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ سەرىپ قىلىپ شۇ چاغدا 22 ياشقا كىرگەن بۇ تالانتلىق قاپقىچىنى سېتىۋالغان بۇلۇپ  چىخ ھازىرغا قەدەر ئىزچىل چىلسى كۇلۇبىنىڭ  ئاساسلىق قاپقىچىسى بۇلۇپ ئوينىماقتا ، ئۇ ھەتتا نۇرغۇن ئاخپىرات ۋاستىللىرى ۋە پۇتبول دۇنياسىدىكى نۇپۇزلۇق زاتلار تەرىپىدىن ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ ئىسىل ۋاراتار دەپ تەرىپلەنگەن.

4.ماكېلېلې (马克莱莱مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىش توغرا بولدىمۇ يوق بىلمىدىم)
0321135353G.jpg


2003-يىلى يازدا ئابلاباي 16مىلىيۇن خەجلەپ ئەينى ۋاقىتتا 30 ياشقا كىرىپ قالغان بۇ توپچىنى سېتىۋالغاندا نۇرغۇن ئېنگىلاند ئاخپىراتچىلىرى رۇسىيەلىك بۇ باينى كاللىسى ئىششىپ قالغان دەپ مەسخىرە قىلغان . بىراق بۇ توپچى ئۈزىنىڭ  ياخشى بولغان  ئىپادىسىگە
تايىنىپ خۇجايىننىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىغان . تاكى 2008-يىلى كۇماندىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۇ ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ 217 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ، كۇماندىنىڭ 2 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى ، 1 قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنى ۋە 2 قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيۇنى بۇلۇشقا تۆھپە قوشقان.

5.ئاشىلى-كۆل ؛
032114416323.jpg


2006-يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرى تاقىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە چىلسى ئارسىنالدىن بۇ توپچىنى يۆتكەپ كەلگەن بۇلۇپ كەتكەن چىقىم تۇلىمۇ ئاز بولغان ، يەنى 5 مىلىيۇنغا بىر توپچىنى قۇشۇپ بەرگەن . بۇ سودىدا كۇلۇپ ۋە بۇ توپچى ھەرئىككىلىى تەرەپ چوڭ مەنپەئەتكە ئىرىشكەن دىيىشكە بۇلىدۇ . ئۇ ئۈزىنىڭ ئىسىل ئىپادىسىگە تايىنىپ تا ھازىرغىچە چىلسى كۇلۇبىغا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشماقتا .

6. روببېن ؛
20050123003j.jpg


2004-يىلى 20ياشلىق روببېن 12مىلىيۇنلىق باھا بىلەن چىلسى كۇلۇبىغا قۇشۇلغان . چىلسى ئۈچۈن توپ تەپكەن 3 پەسىلدە ئۇ ئىزچىل يارا ئازابىنى تارتىقان بولسىمۇ يەنىلا 105مەيدان مۇسابىقىدە 19توپ كىرگۈزگەن . شۇ يىللىرى چىلسىنىڭ  «4-0»نى بارلىققا كەلتۈرىشىگە شۇ دەۋېىردىكى س.رونالدودىن كۈچلۈك بولغان روببېن كۆپ كۈچ چىقارغان (ئەسلى مەنبەدە شۇنداق دەپتۇ  ، رونالدوچىلار مېنى تىللاپ كەتمەڭلار . ئۇنىڭدىن سىرىت مەن چىلسىغا يېڭىدىن ئامراق بولغاچقا «4-0 主义» دىگەننىمۇ تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ، شۇ چاغلاردا چىلسىدا شۇنداق ئىشلار بولغانلىقىنى كونا چىلسى مەستانىللىرى ئېنىقراق بىلىدىغۇ دەيمەن ).

7.ئېسسىن ؛
03211S933O.jpg


ئەگەر يارلىنىش سەۋەپ بولمىغان بولسا بەلكىم ئالدىنقى پەسىل ئېسسىن مادرېدقا ئىجارىگە بىرىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىنتى . ھىلىھەم ئۇنى ئېنگىلاندىكى ئەڭ ياخشى ئارقا بەلنىڭ بىرى دىيىشكە بۇلىدۇ . 2004-يىلى ئۇنىڭ ئۈچۈن خەجلەنگەن 24مىلىيۇن 400مىڭ فوندىستىرلىڭ ھەقىقەتەن ئارتۇقلىق قىلمىغان .

8. كارۋالىھو (卡瓦略) ؛
032119532013.jpg


2004-يىلى يازدا مورىنھو پورتودىن قېزىپ كەلگەن بۇ توپچىنىڭ باھاسى 19مىلىيۇن 800مىڭ فوندىستىرلىڭ بولغان .  ئۇ چىلسى ئۈچۈن توپ تەپكەن  6 يىل جەريانىدا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە 210مەيدان مۇسابىقىدە 11توپ كىرگۈزگەن .

9.ماتا ؛
0321213451T.jpg


2011-يىلى يازدا چىلسى 23مىلىيۇن سەرىپ قىلىپ ماتانى سېتىۋالغان چاغدا نۇرغۇنلىغان ئاخپىراتچىلار بۇنىڭ ئاجىز بولغان بەدەن ساپاسىنى ئېنگىلاندنىڭ رىتىمغا ماسلىشالمايدۇ دەپ قاراشقان . بىراق ماتانىڭ كۆزگە كۈرىنەرلىك بولغان ئىپادىسى ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغان . ئۇ  ئىككى يىلدىن بۇيان چىلسى ئۈچۈن 118مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 32توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 59ياردەمچى پاس چىقارغان .

10.خازارد ؛
0321225955D.jpg


بۇلتۇر يازدا چىلسى 32مىلىيۇن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان بۇ توپچىنىڭ «بىلگىيەلىك س.رونالدو»دەپ نامى بار . ئۇ ئالدىنقى پەسىل ھەرقايسى تۈرلەردىكى مۇسابىقىدە 62 قېتىم  مەيدانغا چىقىپ 13توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 25قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان . ئۇ تېخى 22 ياش بۇلۇپ بۇندىن كىيىن خېلى ئۇزۇنغىچە چىلسى بۇ توپچىغا تايىنىشى مۇمكىن .

ئەسكەرتىش : يۇقارقى پۇل بىرلىكلىرى بىردەك فوبدىستىرلىڭ ؛

قۇشۇمچە :  تىما تەرجىمە قىلىشتا ئەڭ قىينالغان يىرىم  ئىسىملارنى تەرجىمە قىلىش بولدى  ، بۇ تىمىدىكى خاتا تەرجىمە  قىلىنغان ئىسىملارنى كونا چىلسى مەستانىلىرىنىڭ كۆرسىتىپ بىرىشنى سۇرايمەن .

مەنبە :http://www.ballpure.com/detail/109405.html
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن ياپراق.

كىمدىن كىم قورقا ..

62

تېما

1

دوست

1121

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10605
يازمىسى: 1121
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1043538
تۆھپە: 475
ۋاقتى: 544
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 00:36:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jabran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-4 00:48  

ھەي چېلسى ھەيى چېلسى سېنى قانداقمۇ ياقتۇرۇپ قالغان بولغۇيتۇم .
پادىشاھ قايتىپ كەلدى !
204639qmqy53n1a665vya3.jpg

ab1090bdgw1e0vofz2cfgj.jpg

0

تېما

1

دوست

34

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12867
يازمىسى: 34
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 138
تۆھپە: 39
ۋاقتى: 12
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 00:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ چوڭ سودىسى تورىس 50مىليون ياۋرۇ بۇ بالىمۇ چىلسىدا تازا ياخشى ئويناۋاتىدۇ  

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 00:49:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك ئارمىيە باش كۆتۈرۈپتۇ،
رۇسىيىلىك ئابلاباينىڭ پۇلىدا.
ئىزچىل ئېلىپ ياخشى ماھىرنى،
تىرىشماقتا شان-شەرەپلەر يولىدا.
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

200

تېما

15

دوست

3983

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 3983
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 450841
تۆھپە: 4663
ۋاقتى: 813
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 00:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jabran يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 00:36
ھەي چېلسى ھەيى چېلسى سېنى قانداقمۇ ياقتۇرۇپ قالغان بول ...

ئىمزانىڭ ئەسلى نۇسخىسى‹‹ سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ  ›› دىگەن گەپتىغۇ ئەسلى ،
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن ياپراق.

0

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12808
يازمىسى: 262
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50935
تۆھپە: 379
ۋاقتى: 193
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسىنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلىردىكى ئەڭ چوڭ يادرۇ خازارد بوپ قىلىشى مۇمكىن

مەن كەلدىم .نىرى تۇر

55

تېما

11

دوست

3401

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  84
يازمىسى: 3401
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 14567200
تۆھپە: 2247
ۋاقتى: 2432
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر قىززىقچىسى چېلسىي لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:02:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 00:49
كۆك ئارمىيە باش كۆتۈرۈپتۇ،
رۇسىيىلىك ئابلاباينىڭ پۇلى ...

ئابدۇل تىرە.....مۇشۇ بالا  مۇنبەردە تاققا- تۇققۇ سۆزلەپ يۇرۇپ بىركۇنى شائر بولۇپ كىتىدۇ

200

تېما

15

دوست

3983

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11712
يازمىسى: 3983
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 450841
تۆھپە: 4663
ۋاقتى: 813
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختىم يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 01:02
چېلسىنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلىردىكى ئەڭ چوڭ يادرۇ ...

مورىنھونىڭ قارىشىدا ئوسكاركەن ، مىنىڭچىمۇ شۇ بۇلۇپ قالامىكىن
ئېغىر بولغاچ غەم يىمەيدۇ كەلكۈندىن تاغ ، يەڭگىللىكتىن تۇزۇپ كىتەر قامغاقتىن ياپراق.

كىمدىن كىم قورقا ..

62

تېما

1

دوست

1121

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10605
يازمىسى: 1121
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1043538
تۆھپە: 475
ۋاقتى: 544
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 01:02
ئابدۇل تىرە.....مۇشۇ بالا  مۇنبەردە تاققا- تۇققۇ سۆزلەپ  ...

ما ئىدەم بامۇ ھوي ! قانداراق ئەھۋالىڭ ئاكاۋويى يوقاپلا كەتتىڭغۇ تاشقا ئايىلىنىپ كەتمىگەنسەن ؟

كىمدىن كىم قورقا ..

62

تېما

1

دوست

1121

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10605
يازمىسى: 1121
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1043538
تۆھپە: 475
ۋاقتى: 544
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:08:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 01:04
مورىنھونىڭ قارىشىدا ئوسكاركەن ، مىنىڭچىمۇ شۇ بۇلۇپ ق ...

ئوسكارنىڭ توپ كونتۇرۇل قىلىش ۋە مۇداپىيەدە تەڭ بار . كاساپەت نانى بىلەن يەكمۇيەك چۈشكەن تۇرسا .

14

تېما

5

دوست

2589

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10430
يازمىسى: 2589
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 105007
تۆھپە: 1294
ۋاقتى: 200
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مەن چىلسىنى ئەڭ ئوچ كوردىغان كوماندا ئىدى، كىيىن (2012يىلدىكى بەيرىن بىلەن بولغان مۇسابىقدىن كىيىن) ياقتۇرۇپ قالدىم...
بىكھام،كىرىستيانو رونالدو،ئوۋىن،جىرراد، ئالغا ئىنگلاند .......

سْـبـــــــــــــــــــــمﷲِار

42

تېما

8

دوست

1442

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12608
يازمىسى: 1442
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 14158103
تۆھپە: 1660
ۋاقتى: 693
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:18:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكارنى كاكاغا ئوخشىتىمەن..كىيىنچە ئوسكارغا مەستانە بۇلۇپ كەتسەك..چېلەك بۇلۇپ.
تارىخ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ ئىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )