- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3977
- نادىر
- 1
- يازما
- 3977
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى ؛
بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كۇماندىسى 3-0 بولغان زور نۇمۇر پەرقى بىلەن دۇنيا چىمپىيۇنى ئىسپانىيە كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدىن كىيىن پۈتۈن دۇنيا ئاخپىرات ۋاستىللىرى بىرازىلىيە كۇماندىسىنى ماختىدى ، ھەتتا ئىسپانىيە كۇماندىسىمۇ بىرازىلىيەگە چىن كۆڭلدىن قايىل بولدى ، بىراق بىرازىلىيە كۇماندىسى قايىل قىلالمىغان بىر كىشى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئارگىنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادوننا .
ئۇنىڭ قارىشىدا بىرازىلىيەنىڭ غەلبىسى ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن بولغان ، ئەگەر مۇسابىقە باشقا دۆلەتتە ئۆتكۈزىلگەن بولسا ئىسپانىيە كۇماندىسى بىرازىلىيە كۇماندىسىنى ئېنىق مەغلۇپ قىلالايدىكەن.
بۇ يىل 52ياشقا كىرىپ قالغان مارادوننا ھندىنوزىيەدە زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىگەن :‹‹ مىھمان مەيداننىڭ ئىسپانىيە كۇماندىسىغا بولغان تەسىرى بەك چوڭ بولدى شۇنداقلا تەلىيى كەلمىدى . گەرچە ئىسپانىيە چىمپىيۇن بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى كۇماندا بولسىمۇ مۇسابىقە بىرازىلىيەدە ئوينالغان بولغاچقا ئەھۋال بىرازىلىيە كۇماندىسىغا پايدىلىق بۇلۇپ قالدى ، ئەمىلىيەتتە مۇسابىقە بىرازىلىيەدىن باشقا ھەرقانداق بىر يەردە ئۆتكۈزىلگەن بولسا ئېنىقلا ئىسپانىيە غەلبە قىلغان بۇلاتتى .››
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە نېيمارنىڭ ئىپادىسى شۇنداق قالتىس بولغان بولسىمۇ مارادوننانىڭ قارىشىدا ھەممىدىن نوچىسى يەنىلا مېسسى.
ئۇ مۇنداق دىدى:‹‹ مېسسى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچى ، ئۇ كىرىستىيانو رونالدو ۋە نېيماردىن قالتىس . كىلەر يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى جەنۇبى ئامرىكىغا تەۋە ، مەن ئارگىنتىنانىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.››
مەنبە : http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2013-07-03/11456651621.shtml
|
|