- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3986
- نادىر
- 1
- يازما
- 3986
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
ئالدىنقى پەسىل ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن ئايىغىنى ئالغان ئۇراگىۋايلىق ھۇجۇمچى كاۋانى بۇ يىل يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدكى ئەڭ قىززىق نوقتىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى. دۈشەنبە كۈنى پارىژ تەرەپ كاۋانىغا 43مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ باھا قويغان بۇلۇپ بۇنىڭ كاۋانىنى سېتىۋالماقچى بولغان باشقا زەردارلارنىڭ ئىشىغا تەسىرى چوڭ بۇلىشى مۇمكىنكەن. ئېنگىلاند «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە چىلسى تەرەپ بۇ باھا تالىشىش جېڭىدىن زىرىككەن ھەمدە ئەگەر 48 سائەت ئىچىدە بۇ سودا پۈتمىسە نىشاننى مىلەندىكى ئەل شاراۋىيغا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بىراق بۈگۈن مىلەن تەرەپ بۇ ياش ھۇجۇمچىنىڭ كۇماندىدا قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن چىلسى روننى ۋە لەيۋەندوۋېسكىنى سېتىۋېلىشقا تەييارلانغان.
پارىژنىڭ كاۋانىغا قويغان باھاسىنىڭ نابېلىس چىقارغان توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى بىلەن بولغان پەرقى تەخمىنەن 10مىلىيۇن فوندېستىرلىق بۇلۇپ ، پارىژنىڭ بۇ ھەركىتى چىلسى تەرەپنى بۇ سودىدىن چىكىنىش ئويىغا كەلتۈرۈپ قويغان.
بۇ سودىغا پارىژنىڭ قول تىقىشى بىلەن چىلسىنىڭ بۇ توپچىنى قولغا كىرگۈزىشى تېخىمۇ تەسلىشىدىكەن، «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى»نىڭ دىيىشىچە 2011-يىلى توررېس ئۈچۈن 50مىلىيۇن خەجلىگەن ئابلاباي بۇ قېتىم يېشى 26گە بېرىپ قالغان بۇ توپچى ئۈچۈن ئۇنچىلا كۆپ پۇل خەجلەشنى خالىمايدىكەن.
ئېنگىلاندنىڭ بۇ گىزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە چىلسى تەرەپنىڭ روننى ۋە لەيۋەندوۋېسكىغا بولغان قىزىقىشى كاۋانىدىن ئېشىپ كەتكەن . ئەگەر بۇلارنى سېتىۋالماقچى بولسا كاۋانىغا قارىغاندا بۇ سودا باھا ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە كۆپ ئاسانلىشىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ بەزى تۇسالغۇلارغا ئۇچرايدىغان گەپ ، يەنى مانچىستىر بىرلەشمىسى روننىنى بىر بىرلەشمىدىكى ئەشەددى رەقىبىگە سېتىپ بىرىشنى خالىمايدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا لەيۋەندوۋېسكىنىڭ بەيرېندىن باشقا كۇلۇپكا بېرىشقا تازا رايى يوق ، ئۈزىنى ئاللابۇرۇنلا بەيرېنغا ئاتىۋەتكەندەك قىلىدۇ.
مەنبە: http://sports.163.com/13/0703/09 ... #p=92LKG4LP00D80005
|
|