- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3983
- نادىر
- 1
- يازما
- 3983
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
تور ئارلاۋېتىپ يازىلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى مۇھىم بولغان يۆتكىلىشلەرنى جەدۋەللەشتۈرۈپ چىقىپتىكەن تىما قىلىپ يوللاپ قويدۇم.
1. 2013-يىللىق ياۋرۇپا يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى مۇھىم بولغان يۆتكىلىشلەر ؛
مۇھىم بولغانلىرى نېيمار ،فالكاۋ ۋە ئىسكو قاتارلىقلار.
2. 2013-يىللىقى ياۋرۇپا يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى قىززىق نوقتىلار تۈۋەندىكىچە:
1). ئېنگىلاند بىرلەشمىسى : بۇ بىرلەشمىدىكى مۇھىم بولغانلىرى روننى ، نانى ، توررېس ، داۋىد لۇيىس ۋە بىل قاتارلىقلار.
2).ئىسپانىيە بىرلەشمىسى: بۇ بىرلەشمىدىكى مۇھىم بولغانلىرى ھىگۇايىن ،دىمارىيا ،كونتىرۋا ۋە ۋىللا قاتارلىقلار.
3).ئىتالىيە بىرلەشمىسى: بۇ بىرلەشمىدىكى مۇھىم بولغانلىرى كاۋانى ،پىرلو ،روببىنخو ۋە ئەلشاراۋى قاتارلىقلار.
4).گېرمانىيە بىرلەشمىسى: بۇ بىرلەشمىدىكى مۇھىم بولغانلىرى روببېن ۋە لەيۋەندوۋىسكى قاتارلىقلار.
5).فىرانسىيە بىرلەشمىسى : بۇ بىرلەشمىدىكى ئەڭ مۇھىمى يەنىلا تۈگە.
يەنە بىر قۇشۇمچە خەۋەر؛
دىياگۇ سىلۋانىڭ ۋاكالەتچىسى بۈگۈن مۇنداق دىدى: ‹‹باسا سىلۋانى كىرگۈزمەكچى بولسا مۇۋاپىق پۇلنى ئالدىمىزغا قۇيىشى كىرەك ، ئەمەلى ھەركەت قىلماي ئېغىزدىلا سۆزلەپ قويغانغا ھېچقانداق ئىش پۈتمەيدۇ.››
بىرازىلىيەلىك بۇ بىك باشقىلار تەرىپىدىن بارسىلونانىڭ بۇيىل ياز كىرگۈزىدىغان مۇھىم نىشانى دەپ قارالماقتا ، ئۇ ئۈزىمۇ ئىلگىرى بارسىلونا باش مەشقاۋۇلنىڭ ئۈزىنى نوكەمپوغا كىلىشكە ئۈندىگەنلىكىنى ئىقرار قىىلغان.
ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى تەپسىلى قىلىپ مۇنداق دىدى:‹‹ بىلانوۋ سىلۋانى سېتىۋالغۇسى بارلىقىنى نۇرغۇن قېتىم دىدى. بىراق بىر ئادەم بىر نىمە سېتىۋالماقچى بولسا ئۆيدە ئولتۇرۇپ تىلۋۇزۇر كۆرمەيدۇ ، ئەكىسچە ھەركەت قىلىدۇ ، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئادەم بىز بىلەن ياكى پارىژ تەرەپنى ئىزدەپ سۆھپەتلەشكىنى يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە پارىژ تەرەپنىڭ سىلۋانى ساتقۇسى يوق ، ئەگەر باسا تەرەپ مۇۋاپىق باھا قۇيۇپ سۆھپەت باشلىماي ئېغىزىدىلا ئالىمەن دىسە سىلۋاغا ئىرىشەلمەيدۇ.››
|
|