akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 985|ئىنكاس: 32

مەن ئامراق قاپقىچىلار !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   palgan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-2 12:45  

        ۋارىتار مەيداندىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن ، شۇڭا ۋارىتارچىلار ئىنتايىن سەزگۈر ، زېرەك ، چاققان ، بولمىسا بولمايدۇ .مەن ئۆزەممۇ ۋارتادا تۇرۇشقا ئامراق ، ئەينى ۋاقىتلاردا كىچىك چاغلىرىمدا يولۋاس ۋارتا دەپ نامىم بار ئىدى ، ماللىملار ، چوڭ ئاكاشلار شۇنداق دەپ ئاتاپ قوياتتى شۇڭا ئۆزەم ياختۇرىدىغان بىر قانچە ۋارىتالارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي !
    1.بارزېس :فرانسىيەنىڭ رىۋايەتلىك قاپقىچىسى ، 1971-6-21 تۇغۇلغان،لەقىمى مايلىق قول ، تاقىرباش ۋارىتار پېشۋاسى ،ئېگىزلىكى 183 ، ئېغىرلىقى 78 كلوگرام 16-نومۇرنى كىيىدۇ ،ئۆزىمۇ بۇ نومۇرغا ئامراق ، ئاساسلىق توپ ئوينىغان كوماندىلىرى فرانسىيە دۆلەت كوماندىسى، موناكو كۇلۇبى ، مارسېل كلۇبى ، مانچېستىر بىرلەشمىسى قاتارلىقلار .زىدانې بىلەن بىر دەۋردە ، دۆلەت كوماندىسىدا سەبداش بولۇپ بىرگە توپ تەپكەن،فرانسىيەدە شۇ دەۋردە زىدانېدىن قالسىلا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن داڭلىق قاپقىچى !بەزىدە غەلىتە كېسەللىرى تۇتۇپ قالمىسىلا ئىنتايىن چاققان،چېچەن،مۇنەۋۋەر قاپقىچى .
    2.مۇسىلېرا :ھازىرقى ئورۇگۋاينىڭ داڭلىق قاپقىچىسى،1986-6-16 تۇغۇلغان ،بوي ئېگىزلىكى190،ئېغىرلىقى74 كلوگرام ،ئورۇگۋاي دۆلەت كوماندىسىدا ئاساسلىق قاپقىچى ، ئورۇگۋاي مىللەتلار كۇلۇبى ، لازىئو كۇلۇبى ، گالاتا ساراي كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن ، ھازىر تۈركىيە گالاتاساراي كۇلۇبىدا توپ تېپىدۇ .ئالاھىدىلىكى سەزگۈر ، سۈرئىتى تېز،ۋارتاغا چۇشلۇق قامىتى بار.
     3. كائېن :بۇ ۋارىتار ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتالارنىڭ بىرى ، گېرمانىيەنىڭ سابىق ۋارىتارسى ، لەقىمى شىر پادىشاھ ،1969-6-15 تۇغۇلغان ، بويى 188 ،ئېغىرلىقى 91 كلوگرام،پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاساسەن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا ۋە بەيرېن ميۇنخېن كوماندىسىدا ئۆتكەن،كاپىتانلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن،ۋارىتاردا بولۇشقا تېگىشلىك پۈتۈن ئالاھىدىلىكلەر تولۇق بار دېسىمۇ بولىدۇ ، ئۇ بىر تارىخ ، ئۇنىڭدەك مۇنەۋۋەر قاپقىچى ئاسان چىقماسلىقى مۇمكىن .
      4.نويىر : ھازىرقى گېرمانىيەنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسى ، گېرمانىيەدە پۇتبولدا كۈچلۈك ، بولۇپمۇ داڭلىق قاپقىچىلار كۆپ چىقىدىغان دۆلەتتە ئاساسلىق ۋارىتار بولماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ ،1986-3-26-تۇغۇلغان،بويى 193 ئېغىرلىق 90 كلوگرام .شارىك 04 كۇلۇبىدا ئوينىغان ، ھازىر بەيرېن ميۇنخېن كۇلۇبىدا ۋە دۆلەت كوماندىسىداتوپ تېپىدۇ.ئالاھىدىلىكى سۈئىتى چاققان ، مۇداپىئە دائىرىسى كەڭ .
       5.لورېس:فرانسىيىنىڭ ھازىرقى داڭلىق قاپقىچىسى ،1986-12-26-تۇغۇلغان،لىئون ئونۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن.ئېگىزلىكى 186 ئېغىرلىقى 74 كلوگرام.ئالاھىدىلىكى تەمكىن ،سالماق ،سەزگۈر، كاپىتانغا خاس تەشكىللەش ئىقتىدارى بار .سول پۇتتا ئاساسلىق توپ تېپىدۇ،نىس،لېئون كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن ، ھازىر توتىنخام كۇلۇبىدا ۋە فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا ئوينايدۇ .
       6.ۋان دېسار :گوللاندىيىنىڭ سابىق داڭلىق قاپقىچىسى،1970-10-29 تۇغۇلغان.ئېگىزلىكى 197 ،ئېغىرلىقى75 كلوگرام،ئاجاكس،يۇۋېنتۇس،بالېرمو،مانچېستېر بىرلەشمىسى قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن، ئالاھىدىلىكى ،سۈرئىتى چاققان،ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يوقىرى.گوللاندىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار دېسىمۇ بولىدۇ.
        7.بۇففون :ئىتالىيەنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسى ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىلارنىڭ بىرى،1978-1-28-تۇغۇلغان،ئېگىزلىكى191،ئېغىرلىقى83 كلوگرام،ئەينى ۋاقىتتا ۋارتالار ئىچىدىكى ئەڭ قىممەت بولغان يۆتكىلىش ھەققى بىلەن پارما كۇلۇبىدىن يۇۋېنتۇس كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاساسەن پارما ۋە يۇۋېنتۇس كۇلۇبلىرىدا ئۆتكەن ،بارزېسقا ئوخشاش خەتەرلىك ئەمەس،(بەزىدە شوخلۇق ،قىززىقچىلىق قىلىپ ، يېمەيدىغان توپلارنىمۇ يەپ قويىدۇ ئەمەسمۇ ) كوماندا ئەزالىرىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ،بوي ئەۋزەللىكى بىلەن ئېگىز توپلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە خەتەرلىك ئەمەس،2006-يىلىدىكى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى قالتىس بولغان،جەمئىي 27توپ قۇتقۇزۇپ ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈمى 100% بولغان .
       8.ۋىكتور ۋالدېس:ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ۋارىتارسى ، كاسىللاس بىلەن بىر دەۋردە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن دكلەت كوماندىسىدا كۆپىنچە زاپاس بولۇپ قالغان،1982-1-14 تۇغۇلغان.بويى 183،ئېغىرلىقى78 كلوگرام،پۇتبولچىلىق ھاياتىدا كۇلۇپ ئالماشمىغان ، ھازىرغىچە پەقەت بارسېلونادىلا توپ تەپمەكتە .كېلەر يىلى يۆتكىلىدىغاننىڭ گېپى بار ، ۋاقتى كەلگەندە بىلەرمىز،ئالاھىدىلىكى ئىنكاسى تېز ، كۈچلۈك ، قاۋۇل ، گەرچە يېشى بەك چوڭ بولمىسىمۇ ئارقا سەپنى باشقۇرۇشقا ماھىر قاپقىچى.ئۇنىڭمۇ بەزىدە بارزېسقا ئوخشاش سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان كەمچىلىكى بار ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا بىر مۇنەۋۋەر قاپقىچى .
     بۇلارغا ئوخشاش مەيلى تارىختا بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئۆتكەن نۇرغۇن مەشھۇر ۋارىتالار بار ،مەسىلەن :ياشىن،زوف،ھازىرقى كاسىللاس،سەيسار،خارت ،چېخ،دېھىيا دېگەندەك ، لېكىن ئۆزەم مۇشۇلارغا ئامراقراق بولغاچقا مۇشۇلارنى يازغاچ تۇردۇم.
     
9f60bd7196b20e19b4f9c7d0ff2655cc[1].jpg
54baacfb241bd6524f4aeadb[1].jpg
31402_724485_207849[1].jpg
36330135[1].jpg
200411062325340d421[1].jpg
u=638945220,753562652&fm=11&gp=0[1].jpg
u=978553151,3479751181&fm=23&gp=0[1].jpg
u=1062456820,1741773849&fm=23&gp=0[1].jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 12:51:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-2 12:53  

كائىنغا بەك قول قويىمەندە . ئۇ بىر مۇنەۋۋەر قاپقىچى بولۇپلا قالماي ، سۈرلۈك ، ئەركەكلەرگە خاس قوپال ، قەھرىلىك بىر باشلامچى . ھازىرقى گېرمانىيە كوماندىسىغا شۇنىڭدەك بىر لۈكچەك كاپىتان كەم . بەلكىم يەنە 100يىلدىمۇ كائىندەك كاپىتان چىقماسلىقى مۇمكىن ...
ماۋۇ لام دېگەن بالا بەك كەم سۆز چىقىپ قالدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 13:22:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەممىدىن بۇفىنغا قايىل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 13:34:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋارتالاردىن مۇۋۇلارغا ئامراق:1.كاسىىللاس 2.كائىن 3.دىدا 4.چىخ 5. ۋەندىرسار 6.لاخمەن.......سىز كاسىللاسنى ياختۇمامسىز؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 13:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاسىلىياس ، كائىن ، سەيسار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 13:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرۈغۇچىلار مېنىڭ نۇمۇرۇمنى خاپا بولماي تەكشۇرۇپ باقساڭلار بوپتىكەن ،  نەچچە تىما يازدىم ،
باش سۈرىتىمنىڭ ئۈستىدىكى تىما دىگەن سان  ئۆزگەرمەي شۇ پېتىلا تۇرىدىيا ؟ نەچچە كۈن بولدى ھازىر ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 13:38:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېخ نى ئۇنتۇپ قالغىنىڭلار نىمىسى، ئۇنىڭ ئىۋۇ ۋالدىز دىگەن مېڭىسى قىسقا تۇتىشىپ قالىدىغاندىن  نەرى كەم ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-2 13:56:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 13:34
مەن ۋارتالاردىن مۇۋۇلارغا ئامراق:1.كاسىىللاس 2.كائىن 3.د ...

ياختۇرمايمەنما ئەمەس، بوپ قالىدۇ`مەن مۇشۇلارغا بەكرەك ئامراق~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-2 13:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
marjanbulak يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 13:38
چېخ نى ئۇنتۇپ قالغىنىڭلار نىمىسى، ئۇنىڭ ئىۋۇ ۋالدىز دى ...

چېخمۇ ئەلۋەتتە ياخشى ، لېكىن مەن شۇ ئۆزەم شەخسىي ئامراقلارنىلا يازدىم،ئۇلارنىمۇ يەنە يازارمەن خۇدايىم بۇيرىسا~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 14:17:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋالدىسنى كىرگۈزىپسىز كاشىلياسچۇ...................... يەنە كۆپ داڭلىقلار چۈپ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 14:18:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كائىن،نويىر،چېخ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-2 14:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېرىندىشىمىز مەن ئامىراق ۋارتارلار دەو يىزىپتىغۇ .... ئۇزى ئامىراق ۋارتارنى چېقارسا كاشىلىياسچۇ دەپ يۇرسىلىغۇ .. .  مەن ئەڭ ئامىراق ۋارتارلار  كائىن . بوففىن ، نويىر . چىخ ، كاشىلىياس  .  ۋالدىس .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 11:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش