- تىزىملاتقان
- 2012-9-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1341
- نادىر
- 1
- يازما
- 1341
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-2 02:33

2013-يىللىق خەلىقئارا بىرلەشمە لوڭقسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم ياۋرۇپا چېمپىيونى ، بىر قېتىم دۇنيا چېمپيۇنى بولغان ئىسپانىيە كوماندىسى بىرازىليەگە 3 دە 0 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتتى.
ئىسپانيىلىكلەرگە ، ئىسپانىينىڭ توپ مەستانىلىرىگە نىسبەتەن بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن ئازاپلىق ئەمەلىيەت بولدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 2 مىنۇت بولغاندا توپ كەتكۈزۈشكە باشلاپ ، ئۆزنىڭ مەغلۇبىيتىگە تۇنجى قەدىمىنى ئالدى ، ئىسپانىيە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيەگە ئىنتايىن ئاسان ئۇتتۇرپ قويدى ، ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە ئۆزنى نامايەن قىلدى ، بىراق ئىسپانىيەگە تەلەي ئامىلىمۇ تەتۈر قارىدى، ئىسپانىينىڭ مۇداپئەسىلا ئەمەس بەلكى ھۇجۇمىمۇ ئۈنۈملۈك بولمىدى،داۋىد لۇيىس پېدىرونىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى ۋارتار سىزىقى ئۈستدە تۇسۇپ چىقىرۋەتتى، رامۇس نوقتا توپنى ئۇرالمىدى، تەلەي بۇ قېتىم ئىسپانىيەدىن ھەقىقەتەن يۈزىنى ئۆردى.
ئىسپانىينىڭ بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. دەسلەپ ئۇراگۋاي بىلەن ئوينىغاندا ئىسپانىيە ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئوينىغان، لېكىن كېيىنكى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلاردىكى مەسىلە ئاشكارلىنىپ چىقىشقا باشلىدى، نېگىرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقدىن باشلاپ ئىسپانينىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى ئاجىزلىقى ئاشكارلىنىشقا باشلىغان ، ئوتتۇرا مەيداندا ئالونسۇنىڭ كەملىكدىن بۇسكىس ئۆزى يالغۇز قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمنى تۇسۇشنى ئۈستىگە ئالدى، ‹‹ئىسپان بۇقىلىرى›› رەقىپلىرنىڭ ئۆزلىرنىڭ ئاجىزلىقلىرنى بايقۋېلىشلىردىن بارا-بارا چېكىنىشكە قاراپ يۈزلەندى. ئىتاليىە بىلەن بولغان مۇسابقىدە 120مىنۇتنى بەك تەستە توشقۇزدى، كاشىلىياس ئىسپانيىنى نەچچە قېتىم قۇتقۇزۇپ قالدى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتىپ ئاشاتتى، ئەپسۇس بۇسىك ئۇنداق قىلمىدى.يۇقىرى تېمپىراتۇرا كالىلارنىڭ ئۈلۈشنى تېزلەتكىنىگە ئوخشاش ، سىكۇلارىنىڭ ئىسپانىينىڭ ئاجىزلىقلىرنى بايقىۋېلىشى ئىسپان بۇقىلىرنىڭ بۇ مەيدان ھالاكىتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ ‹‹بۇقىلار›› ئاللىقاچان رەقىبىنىڭ مەغلۇبىيتى ئالدىدا مۇغرۇر سەھنىگە چىقىپ چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرۈشكە، پۈتۈن دۇنياغا بىز ئەڭ نوچىسى دېىيشكە كۆنۈپ كەتكەن.ئەپسۇس تۆنۈگۈن سەھنىنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ، بىرازىليەنىڭ غەلبە تەنتەنىسگە قاراپ تۇۇشقا مۇيەسسەر بولدى.پۈتۈن مەيداننى بىر ئالغان سېرىق دېڭز ئىچىدە ئىسپانىينىڭ قېنىق قىزىل رەڭگى كۆرۈنمەي قالدى. كىشلەر ئىخىيارسىز ھالدا: ‹‹ئىسپان پادىشاھلىقى›› ئاخىرلاشتىمۇ؟ دەپ سوراشتى.
ئىسپانىيە دەۋىرى راستىنلا ئاخىرلاشتىمۇ؟
بۇنداق دېيىشكە تېخى بالدۇر.3 يىل بۇرۇنقى دۇنيا لوڭقىسى ۋە بۇلتۇرقى ياۋرۇپا لوڭقسىغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ئىسپانىيە خېلى ھالسىرىغان ھالەتتە شاۋىدەك كوماندىنىڭ مېڭىسى بارا-بارا قېرىدى، ۋىللادەك قاتىل ھۇجۇمچى بارا-بارا ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئىنستا بىلەن كاشىلىياسنىڭ ئىپادىسى ھەر ھالدا مۇقىم، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ‹‹دۇنيانىڭ غوجىسى››بۇلۇپ جاھان سورىغان بارسېلوناننىڭ ‹‹باسا ئۇسلۇبى››نى ھەممە بىلىپ كەتتى.يەنە بىر تەرەپتىن بىرلەشمە لوڭقسى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە بىر پەسىللىك مۇسابىقىنى بېشدىن ئۆتكۈزگەن توپچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا نەپىسى يېتىشمىدى. يەنە ئىسپانىيە بىلەن بىرازىليەنىڭ رەسمى مۇسابقىدە تۇتۇشۇپ باققان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز، ‹‹بۇقىلار›› نىڭ ‹‹دېدەكلەر››نى چۈشنىشى چەكلىك، بۇ قېتمقى مۇسابىقنى ئىسپانىينىڭ دۇنيا لوڭقىسغا كىرىشدىكى بىر قېتىملىق مانۋىر دەپ چۈشنىش ئەڭ ئاقىلانىلىك.ئىسپانيىنىڭ يەنە ۋاقتى بار، كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇڭا ھازىر ‹‹ئىسپان پادىشاھلىقى›› ئاخىرلاشتى دېيىشكە تېخى بالدۇر.
پېك مۇسابىقدىن كېيىن ئېتىراپ قىلىپ: ‹‹بۇمەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن ئېچىنشلىق بولدى، لېكىن مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەت يوق››دېدى. كاپىتان كاشىلياس:‹‹ بىز مەغلۇبىيەت بولغاندا ئاندىن ئورنىمىزدىن قايتىدىن تۇرالايمىز ھەم ئالغا ئىلگىرلىيەلەيمىز››دېدى. رامۇس ئىنتايىن ئازاپلانغان ھالدا:‹‹بۇ مەيدان مۇسابىقە بىزگە بىر قائىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى:دۇنيادا بىر كوماندىنىڭ مەڭگۈ غەلبە قىلىش ناتايىىنكەن،بىز بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق يېڭى نەرسە ئۆگىنۋالدۇق››دېدى.
كونىلاردا:‹‹مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى›› دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار، ئىسپانينىڭ بۇ قېتىم خەلىقئارا بىرلەشمە لوڭقىسدىكى مەغلۇبىيتى، كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقسدىكى غەلبىسنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. |
|