- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 995
- نادىر
- 2
- يازما
- 995
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-1 18:02

بىر نەچچە كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن ، 2013-يىللىق ماشىنا ئادەم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيەنىڭ ئېيىنخوۋىندا ئاخىرلاشتى . جۇڭگو بىيجىڭ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى «سۇ كوماندىسى» بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ قارا تۇلپار بولۇپ ، شۇ كۈندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3 دە 2 نەتىجە بىلەن ساھىپخان كوماندا ئېيىنخوۋىن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپيون بولدى ، ھەمدە سۈنئىي ئەقلىي تېخنىكا جەھەتتە جۇڭگو پۇتبولىنىڭ چېمپيونلۇق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى .
بۇ قىتىملىق مۇسابىقە ماشىنا ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى سىنىشىش بولۇپ ، ماشىنا ئادەملەر سىمسىز تور ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا توپ،سەپداشلىرى ۋە رەقىپلىرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينايدۇ . قاتناشقان ئادەملەر پەقەت ئۆزى لاھىيلىگەن سېستىمىنى ماشىنا ئادەمگە قاچىلاپ قويسىلا بولىدۇ ، مۇسابىقە جەريانىدا مۇسابىقىگە ئارلىشىشقا يول قويۇلمايدۇ . مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلارنىڭ 2050-يىلىدا ماشىنا ئادەملەر بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بار ئىكەن .

http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=q0114d6cadn&auto=1
|
|