- تىزىملاتقان
- 2008-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1872
- نادىر
- 0
- يازما
- 1872
|
بىرلەشمە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتالى كاشىلياس ، ئۆزىگە قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلانغان ، برازىلىيە ھۇجۇمچىسى نىمارغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى . ھەم سەپداشلىرىنى : بىرازىليەدە بىرلا نىمار يوق ، باشقا توپچىلارغىمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك دەپ ئاگاھلاندۇردى .
بىرلەشمە لۇڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ، بىرلەشمە ھەيئىتى ئالتۇن توپ نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى ، بۇ نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ، پۇتپۇل شاھى پىلىنىڭ ئىز باسارى دەپ تەرىپلىشىۋاتقان 21 ياشلىق برازىلىيە توپچىسى نىمارمۇ بار ئەلۋەتتە . نىمار 45 مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ئىسپانىيە بارسېلونا كوماندىسىغا يۆتكەلگەنتى ۋە كىشلەر تەرىپىدىن بارسېلونا ۋە بىرازىلىيىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىد چولپىنى دەپ قارالغانتى ، بىرلەشمە لوڭقىسى باشلىنىپ ھازىرغىچە نىمار ياخشى بولغان ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى . بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ بولسا ، نىمارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ بەك تونۇتۇشقا بىر ئەڭ ياخشى پۇرسىتى .
ئىسپانىيە بۇقلىرىغا قارشى ، قىلىچ كۆتۇرۇپ چىققان بۇ پالۋانغا قارىتا ، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتالى كاشىلياس ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : نىمار بولسا بىر كاتتا توپچى ، ھەم بىرازىليەدە نۇرغۇن ئىلغار توپچىلار بار . بىز دىققىتىمىزنى نىمارغىلا قارىتىۋالساق بولمايدۇ ، برازىلىيە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى كۈچلۈك كوماندا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ ، ئۇلار نۇرغۇن توپ ئۇردى ، ئۇلار بىز بىلەن رىقابەتلىشىشكە كېرەك مەيدان شارائىتى ، تاماشىبىن ۋە كۈچلۈك كوماندا قاتارلىق شارائىتلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلاپ بولدى دېدى .
ئالدىنقى كۈنى نىمارمۇ ئىسپانىيە كاپىتانى كاشىلياس ئۇستىدە تۇختىلىپ : مەن كاشىلياسنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ بەك ئېسل ۋارتار ، ئەگەر كاشىلياسقا توپ ئورالىسام ئۆزەمنى بەكمۇ بەختىلىق ھېساپلايتىم دەپ سايراپ كەتكەنتى .
|
|