akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 8271|ئىنكاس: 60

خان مادرىت تارىخىدىكى رىۋايەتلىك 7-نۇمۇرلۇق چولپانلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاھانگىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-1 01:42  

     پۇتبول ھەركىتىنىڭ دۇنياۋىلىشىشغا ئەگىشىپ ،پۇتبولچىلارنىڭ كىيىم نۇمۇرى بۇرۇن كوماندىدىكى توپچىلارنى بىر بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنلغان بولسا ،بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە توپچىلارنىڭ كىيىم نۇمۇرى شۇ توپچىنىڭ كوماندىدىكى ئورنى ۋە دەرىجىسىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە . خانلىق مادرىت كولۇبىڭ 7-نۇمۇرى بولسا بو كوماندىنىڭ روھى تۈۋرۈكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇمۇر بۇلۇپ ، يېقىنقى يېرىم ئەسىر داۋامىدا ئوخشاش بولمىغان پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئۇچىسىدا ئۆز ئەكسىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ كەلمەكتە . بىز بۈگۈن مادرىت تارىخىدىكى رىۋايەتلىك 7-نۇمۇرلۇق چولپانلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز .

1. رويمان كوپا 0.jpg
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى : فىرانسىيە
بوي ئىگىزلىكى :168سانتىمىتىر
مەيداندىكى ئورنى : ئالدى بەل
مادرىتتا توپ تەپكەن ۋاقتى : 1955-يىلدىن 1958-يىلغىچە  
توپ تىپىدىغان پۇتى : ئوڭ پۇت
    رويمان كوپا فىرانسىيەدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ،كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان بۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ تۇغما تالانتى بىلەن 10ياشقا كىرگەندە پۇتبولچىلىق كىنىشكىسى ئالغان .18 ياشقا كىرگەن يىلى يۇرتىدىكى بىر كۇلۇبقا قۇشۇلغان ھەم بۇيىنىڭ پاكار بۇلۇشىغا قارىماي قالتىس ئىپادىسى بىلەن باش تېرنىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ  شۇ كۇلۇبنىڭ يادروسىغا ئايلىنىدۇ ،ھەمدە فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىدۇ . 1955-يىلى مادرىتقا كېلىدۇ ،ھەم شۇ ۋاقىتتا ئىسپانىيە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان دوسلۇق مۇسابىقىسىدە كوماندىنىڭ كاپىتانى سالاھىتىدە مەيدانغا چىقىپ ئىسپانىيە كوماندىسىنى چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يېڭىپ پۇتبول مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىكى قەھىرمانغا ئايلىنىدۇ . شۇ ۋاقىتتىكى ‹‹كۈندىلىك تىز خەۋەرلەر گېزىتى›› نىڭ مۇخبىرى دىموند بۇنى ‹‹چىملىقتىكى ناپالىيون ››  دەپ تەرىپلەيدۇ .
     رويمان  مادرىت كوماندىسىغا قۇشۇلغان ۋاقىتتا دىسىتىفانو كوماندىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىپ بولغان ۋاقىت بۇلۇپ ، بۇ ئۆزىنىڭ شەخسىيەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئىسىل پاسلارنى دىسىتىفانو ، پۇسكاش قاتارلىق ماھىرلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن .ئەمما ‹‹بىر تاغقا ئىككى يوۋاس پاتماپتۇ››دىگەندەك  1958-يىلغا كەلگەندە مادرىت كوماندىسىدىن ئايرىلغان .  ئۇ مادرىتتا توپ تەپكەن ئۈچ پەسىلدە 3قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چىمپىيونى ، 2قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى قاتارلىقلارغا ئىرىشكەن بۇلۇپ 1958-يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇپ باھالانغان .

2.  ئامانسىئو   
1.jpg
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1939-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى : ئىسپانىيە لاكرۇنىيا
بوي ئىگىزلىكى :176سانتىمىتىر
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى
مادرىتتا توپ تەپكەن ۋاقتى : 1962-يىلدىن 1976-يىلغىچە  
توپ تىپىدىغان پۇتى : ئوڭ پۇت
      ئامانسىئو ئىسپانىيەنىڭ لاكرۇنىيە شەھرىدە تۇغۇلغان ، ئۇ پۇتبولچىلىق ھاياتىدا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 42مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 11توپ كىرگۈزگەن . ئۇ 1962-يىلدىن 1976-يىلغىچە مادرىتقا ۋاكالىتەن 471مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 155توپ كىرگۈزگەن بۇلۇپ بۇ جەرياندا 9 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپيونلۇقى ، 3قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپيونى ، 1قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغانلىق چىمپيونى لوڭقىسىغا ئىرىشكەن . بۇ ئەڭ دەسلەپتە دىسىتىفانو ، پۇسكاش قاتارلىق چولپانلار بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلىپ  مادرىتنىڭ 7-نۇمۇرنى ياراتقان .

3. خۇنىتىلا 2.jpg
  تۇغۇلغان ۋاقتى : 1954-يىلى11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى : ئىسپانىيە مالاگا
بوي ئىگىزلىكى : 169سانتىمىتىر
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى
مادرىتتا توپ تەپكەن ۋاقتى : 1977-يىلدىن 1987-يىلغىچە
    خۇنىتىلا ئىسپانىيەنىڭ مالاگادا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان ، ئۇ كىچىگىدىن باشلاپ پۇتبولغا بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقى بىلەن مەھەلىسىدىكى باللار ئارسىدا خېلى نام قازانغان ، ئەمما 18ياشقا كىرگۈچە ئۆز يۇرتىدىكى مالاگا كۇلۇبى تەرپىدىن ئىككى قېتىم رەت قىلىنغان ،شۇنداقتىمۇ بۇ زەربىلەر بۇنىڭ توپ تىپىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىغان . 1972-يىلى ئۇ 18 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا 1500 ياۋرۇ ھەق بىلەن مادرىت رىقابەت كۇلۇبىغا قۇشۇلغان ،ئەمما 1973-يىلى بىنفىيكا كۇلۇبى بىلەن مادرىت رىقابەت كۇلۇبى ئوتتۇرسىدىكى خەيىر-ساخاۋەت مۇسابىقىسىدە يارلىنىپ،ساقايغاندىن كېيىن مادرىت رىقابەت مەشقاۋۇلى بۇنىڭ ئىپادىسى بۇرۇنقىدەك ياخشى بولمايدۇ دەپ ئىشلىتىشتىن ۋاز كىچىدۇ، ھەم شۇ ۋاقىتتا سەرۋىلىيا كۇلۇبى تەرپىدىنمۇ رەت قىلىنىپ ، ئىسپانىيە ب بىرلەشمىسىدىكى خانلىق بۇرگوس كوماندىسىغا قۇشۇلىدۇ ھەم بۇ يەردە 4يىلنى ئۆتكۈزىدۇ .بۇ ماھىر ئەسلى سارگۇزا كولۇبىنىڭ مەستانىسى بۇلۇپ ،لىكىن ئىزچىل مادرىتتەك چولپانلار ماكانىدا توپ تىپىش ئارزۇسى بار ئىدى ..1977-يىلغا كەلگەندە بارسىلونا ،خانلىق مادرىت قاتارلىق زەردار كولۇبلار بۇ تالانت ئىگىسىنى بايقايدۇ ،بىراق بارسىلونا بۇنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 300مىڭ ياۋرونى كۆپ كۆرۈپ ئويلىنىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقاندا  خانلىق مادرىت بۇ ماھىرنى سېتىۋېلىش سودىسىغا ئارلىشىدۇ ،ئاخىردا بارسىلونا بۇنىڭ يۆتكىلىش باھاسىنى قۇبۇل قىلىپ ، مادرىتتىنمۇ كۆپ مۇئاش بېردىغانلىقىنى ئېيتقاندا بۇ ماھىر بارسىلونانى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ مادرىتتا توپ تىپىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ .
1977-1978    يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە خونىتىلا رەسمىي ھالدا خانلىق مادرىتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ ، شۇ يىللىق دۆلەت دىربىيسىدا مىھمان ھالەتتە نوكەمپۇ مەيدانىدا قان رەقىبى بارسىلونانى 2:3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى قەھرمانغا ئايلىنىدۇ . 80-81-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە كىلىنتلىقلار بىلەن مىھمان مەيداندا 2:0 ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەھۋالدا ساھىپخان مەيداندا بۇنىڭ تىرشىشى بىلەن 3:0 كىلنتلىقلارنى يېڭىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ‹‹ خونىتىلا روھى ››بارلىققا كىلىدۇ ۋە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئىنتىر ،مىنشىنلاباخ قاتارلىق كوماندىلار بىلەن نەتىجە ئارقىدا قالغان شارائىتتا بۇرلۇش ياساپ بۇ روھنى قايتا-قايتا نامايان قىلىدۇ .
   ئۇ مادرىتتىكى 10يىللىق پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 284مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 153توپ كىرگۈزگەن ، جەمىئى 5 قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى ،ئىككى قېتىم شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ،1قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ،2قېتىم ياۋروپا ئىتپاق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى قاتارلىق شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .
     ئۇ 1992-يىلى بىر قېتىملىق قانتاش ۋەقەسىدە 38 يېشىدا قازا قىلغان ، گەرچە خۇنىتىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تىز پۈكمەس قەيسەر روھى بىرنابۇ ئاسمىنىدا ھەر ۋاقىت مادرىتقا مەدەت ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كەلمەكتە . ھەر قېتىم مۇسابىقىدە كوماندا كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا مەستانىلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹‹ خونىتىلا بىر رىۋايەت ›› دەپ ۋاقىراپ  توپچىلارنى غەلبە قىلىشقا تىز پۈكمەسلىككە ئۈندەيدۇ .

4. بۇتىراگېنىئو
5.jpg   
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1963-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى : ئىسپانىيە مادرىت
بوي ئىگىزلىكى :170سانتىمىتىر
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى
مادرىتتا توپ تەپكەن ۋاقتى : 1984-يىلدىن 1995-يىلغىچە  
توپ تىپىدىغان پۇتى : ئوڭ پۇت
   بۇتىراگېنىئو مادرىتتا تۇغۇلغان بۇلۇپ ، مادرىت ياشلار بازىسىدا تەربىيلىنىپ چىققان . دەسلەپتە كۇلۇب ئۇنى توپ تىپىشكە ماس كەلمەيدۇ دەپ كاستىللاغا بېرۋەتكەن . كىيىن ئۇ كاستىللادا ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان ، 1984-يىلغا كەلگەندە كۇلۇب ئۇنى 1-سەپ كوماندىسىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ مادرىتىكى رىۋايىتى باشلانغان ، ئەينى چاغدا مىكسىكىلىق قاتىل ھۇجۇمچى سانچىس بىلەن بىللە مادرىتنىڭ قورقۇنۇشلۇق ھۇجۇم سېپىنى ھاسىل قىلىپ ،مادرىت ئۈچۈن نۇرغۇن شان شەرەپلەرنى كەلتۈرگەن .  ئۇنىڭ ئەڭ نامى چىققان ۋاقىت بولسا 1986-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇلۇپ ،شىمالىي ئېرلاندىيە بىلەن بولغان گۇرۇپا مۇسابىقىسىدە 69 سىكوننتا قاپقىغا توپ كىرگۈزگەن بۇلۇپ ،دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ توپ كىرگۈزۈش رىكوردىنى يارتىدۇ ھەم ئالتۇن سائەت مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ . شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىدا دانىيە كوماندىسىغا 4توپ ئۇرۇپ ئىسپانىيەنىڭ 5:1نەتىجە بىلەن دانىيەنى شاللىۋىتىشىگە تۆھپە قۇشىدۇ . ئۇنىڭ شۇ مەيداندا ئۇراغان 4توپى ھازىرغىچە دۇنيا لوڭقىسىدا تاق مەيداندا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان رىكورت بۇلۇپ قالىدۇ .
s2010186224643528.jpg
      بۇ چولپان كەسپىي ھاياتىدا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 69مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 26 توپ كىرگۈزىدۇ . مادرىت كوماندىسى ئۈچۈن 341مەيدان مۇسابىقىگە چىقىپ 123 توپ كىرگۈزىدۇ . كەسپىي ھاياتىدا 5 قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ،2 قېتىم شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ،2قېتىم ياۋروپا ئىتپاق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ، شەخسى شەرەپلەردىن بىر قېتىم ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىلىكىنى باھالاشتا 3-لىككە ، 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا كۈمۈش توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .
   
5. ئىسىنارد
6.jpg
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1973-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى : ئارگىنتىنا  ماردىلپىلات
بوي ئىگىزلىكى :165سانتىمىتىر
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى
مادرىتتا توپ تەپكەن ۋاقتى : 1991-يىلدىن 1993-يىلغىچە ۋە 1995-يىلدىن 1996-يىلىغىچە  
توپ تىپىدىغان پۇتى : ئوڭ پۇت
     بۇ چولپان ئارگنتىنادا تۇغۇلغان بۇلۇپ ،مادرىت ياشلار تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ياراملىق ئۇقۇغۇچىلىرنىڭ بىرى ،ئۇ ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ئىككى قېتىم مادرىت 1-سەپ كوماندىسىغا قاتناشقان بۇلۇپ ، بۇنىڭ مادرىتتىكى كۈنلىرى تازا ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،مادرىتتا باشتىن ئاخىرى ئىپادىسىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالمىغان.مادرىتقا ۋاكالىتەن 30 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئاران 2توپ كىرگۈزگەن ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى سارگۇزا كوماندىسىدا ئۆتتى دىيىشكە بولىدۇ . 1994-1995مۇسابىقە پەسلىدە غالىبيەت لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 16 توپ كىرگۈزۈپ شۇ يىللىق مەرگەن بۇلۇپ باھالانغان .

6.  رائۇل 7.jpg
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1977-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى : ئىسپانىيە مادرىت
بوي ئىگىزلىكى :180سانتىمىتىر
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى
مادرىتتا توپ تەپكەن ۋاقتى : 1994-يىلدىن 2010-يىلغىچە  
توپ تىپىدىغان پۇتى : سول  پۇت
    رائول ئىسپانىيەنىڭ مادرىت شەھرىدە تۇغۇلغان، ئەسلى مادرىت رىقابەت كۇلۇبىنىڭ ياشلار بازىسىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ياش ماھىرى ئىدى . ئەپسۇس ئەمدى كۆزگە كۈرۈنۋاتقان ۋاقىتتا مادرىت رىقابەت رەئىسى خىراجەتنى تىجەش ئۈچۈن ياشلار بازىسىنى تارقىتىۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن رائۇل ئامالسىز مادرىت رىقابەت كۇلۇبىنىڭ بىر شەھەردىكى رەقىبى خانلىق مادرىتقا كىلىپ توپ تىپىشكە مەجبۇر بولىدۇ ھەمدە مادرىتنىڭ س كوماندىسىدا توپ تىپىشكە باشلايدۇ  ھەمدە ناھايىتى تىزلا توپ مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىدۇ .
    1994-يىلى 10 -ئايدا باش تېرنىر بالدانو بۇ ياش تالانت ئىگىسى بايقاپ، مادرىت 1-سەپ كوماندىسىغا ئېلىپ كىلىدۇ ،شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن بۇ ماھىر ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن مادرىت تارىخىدىكى رەسمىي مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەڭ ياش ماھىر بۇلۇپ قالىدۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ رائۇل مادرىت ۋە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ،كوماندىنىڭ روھى تۈۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ .
     رائۇل 17 يېشىدىن باشلاپ 16يىللىق مادرىت ھاياتىدا ئىسپانىيە ئا دەرىجىكلەر بىرلەشمىسىدە 550مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ،228توپ ئۇرۇپ،83ياردەمچى پاس بەرگەن .مادرىتقا ۋاكالىتەن رەسمىي مۇسابىقىدىن  741مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ،323 توپ كىرگۈزگەن بۇلۇپ ،مادرىتنىڭ 7-نۇمۇرنى ھەقىقى نامايەن قىلغان .

     ئىرىشكەن شەرەپلىرى :
   6قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى ،4قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ،3قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىنىڭ چىمپىيونى ، 2قېتىم خەلىقارا تويوتا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى ، 1قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى قاتارلىقلار.
     شەخسى شەرەپ :
   1997-يىللىق ئىسپانىيە يىللىق ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بۇلۇپ باھالانغان
  1998-يىلى تويوتا لوڭقىسىنى تالىشىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بۇلۇپ باھالانغان
  1999-1998مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بۇلۇپ باھالانغان
  1999-2000يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى ۋە ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بۇلۇپ باھالانغان
  1999-يىلى خەلىقارا پۇتبولچىلار ۋە سىتاستىكا بىرلەشمىسىنىڭ باھالىشىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچى
  2000-يىلى ئىسپانىيە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ كۆزگە كۈرۈنگەن شەخىس
  2000-يىلى ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى
   2000-2001مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بۇلۇپ باھالانغان
  2000-2001يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى
2001يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىنى تاللاشتا مىس مۇكاپاتقا ئىرىشكەن
2001يىللىق ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسىنى تاللاشتا كۈمۈش توپ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن
2001-2002يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى
2003-2004يىللىق شاھلىق لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى
2004-يىلى دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باھالىشىدىكى مۇنەۋەر 100توپچىنىڭ بىرى
2007يىلى asنىڭ باھالىشىدىكى يىللىق ئەڭ ياخشى ماھىر
2007-2008يىللىق ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھىر

7. كىرىستىيانو رونالدو 8.jpg
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1985-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى : پورتىگالىيە مادىرا
بوي ئىگىزلىكى :186سانتىمىتىر
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمچى
مادرىتتا توپ تەپكەن ۋاقتى : 2009-يىلدىن ھازىرغىچە
توپ تىپىدىغان پۇتى : ئوڭ پۇت
كىرستىيانو رونالدو پورتىگالىيەنىڭ چەت بىر ئارال رايونى بولغان مادرا ئارىلىدا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان . كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن نامراتلىق، قىيىنچىلىق ئالدىدا قىلچە باش ئەگمەي مەشىق قىلىپ 15ياشقا كەلگەندە پورتىگالىيەنىڭ لىسىبىن رىقابەت كۇلۇبىغا قۇشۇلىدۇ ، ھەم قالتىس بولغان ئىپادىسى بىلەن كوماندىدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشىدۇ. ھەمدە 2003يىلى قېرى سىرنىڭ كۆزى چۈشۈپ بۇ ماھىرنى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كىلىدۇ، كىرىستىيانو رونالدو مانچىستىردىكى 6يىل جەريانىدا قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئىرىشىشكە تىگىشلىك شەرەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىرىشىدۇ . 2009-يىلى 96 مىليون ياۋرۇلۇق يۇقىرى باھا بىلەن مادرىت كۇلۇبىغا يۆتكىلىدۇ .
    2009-يىلى 6-ئايدا مادرىتقا قۇشۇلغان 4 پەسىلدىن بويان 199مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 201توپ كىرگۈزۈپ ،49قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن بۇلۇپ بۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى مادرىت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ماھىر بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .
    بۇ ماھىر توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق ، 7-نۇمۇرلۇق بۇ كىيىم رونالدونىڭ ئۇچىسىدا تېخىمۇ ياخشى رولىنى جارىي قىلدۇرماقتا .


  
  
  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 11مۇنبەر پۇلى +341 تۆھپە +51 شۆھرەت +17 تەجرىبە +21 يىغىش سەۋەبى
muhammad·97 + 5 قالتىس!
UYGUR1 + 10
visal320 + 50 قالتىس!
بارچۇق + 50 + 10 قالتىس!
ۋەتەنجان + 10 قالتىس!
ئۈلكەر + 100 + 10 + 10 + 10 نادىر !
باشئەگىم + 30 + 10 تاغتۇرا
missi + 1 قوللاش!
ئەلكۈيى + 25 + 5 + 1 + 5 قالتىس!
ئەلقۇت + 20 + 5 + 5 + 5 قوللاش!
tagderem + 50 + 1 + 1 + 1 ماتىريال تىما !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-1 01:58:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇانىتو روھى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخمۇ تىرىشقىن ،7 -نۇمۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:29:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېكخام كىيەلمەپتىكەندە 7-نۇمۇرنى ، راھول بولمغان بولسا كىيىپ قېلىشى مۇمكىنتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:30:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز ، نادىرلىغۇدەك تېما ئىكەن !
ئەمما مەن خان مادرىتنىڭ روھىي تۈرۈكىنى 5-نۇمۇر دەپ ئويلايتتىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەر قىتىم كىم كىيەر بۇ7-نومۇرنى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:41:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ رائۇل ماڭا بەك ياقىدۇ ئېغىر بىسىق مەيداندىمۇ ئانچە قوپال ھەركەتلىرى يۇق ھەمىسىدىن قارىغاندا بونىڭ ئالغان شان-شۆھرىتى كۆپمۇ نىمە.

رائۇلدىن باشقىسى ھەمىسى ئوڭ پۇتكەن.

تېمىنى خىلى تەپسىلى يىزىپسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:57:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدومۇ بىر مادىرتتا ئۇزغۇنلۇقىنى ئالسا ياخشى بۇلاتتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:58:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدومۇ بىر مادىرتتا ئۇزغۇنلۇقىنى ئالسا ياخشى بۇلاتتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:58:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېما راۋۇرۇس بوپتۇ قېرىندىشىم...ھەممىدىن  مۇشۇ خۇنتۇلارنى ياقتۇرىمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 23:59:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ئالغا رونالدو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-1 01:33:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-1 01:34  

ئىسىنارد ماڭا قۇرام تاش سامۇئىل دەكلا كۆرۈندى   كىيىم نوسخىلىرىغىچە  
تىرىنىرلار ئىچىدە 7 - نۇمۇرنىڭ قىممىتىنى يىللاپ يىللاپ سۇسلاتماي ساقلاپ  قالغىنى قىرى سىركەن ئويلاپ باقسام .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش