akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 26

بىرمىنغا بىغىشلانغان 41 يىللىق ھايات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەنتەربىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-30 18:54  

1972-يىلى بىرمىن ياشلار بازسىغا كىرىپ مەشىق قىلغان كۈندىن تارتىپ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرمىننىڭ تىرنىرلىقدىن ئىستىپا بەرگەنگە قەدەر 41 يىللىق ھاياتىنى بىرمىنغا بىغشلىغان تىرنىر توماس.شاف

ئالدى بىلەن شافىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ئىسم-فامىلسى : توماس . شاف
تۇغۇلغان ۋاقىتى : 1961-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
دۆلەت : گىرمانىيە (مانخىھام شەھىرى)
بوي ئىىگىزلىك ۋە ئىغىرلىقى : 1.76 مىتىر، 76 كىلوگىرام
كەسىپى : پۇتبول ( پۇتبولچىلىق ۋە تىرنىرلىق)
خىزمەت قىلغان ئورۇن : گىرمانىيە بىرلەشمسى بىرمىن كۇلۇبى (پۇتبولچى ھەم تىرنىر ) بولغان
ئاساسلىق شەخسى شۆھىرتى: 2004-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمسى ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرنىر›› مۇكاپاتى
ئالغان ئەڭ ياخشى نەتىجسى : 2004-يىلى قوش چىمپىيونلۇقىقا ئىرىشش ( گىرمانىيە بىرلەشمسى چىمپىيونى ، گىرمانىيە لوڭقسى چىمپىيونى)
قىزىقشى : پىكىر ئالماشتۇرۇش ، مۇزىكا ئاڭلاش ، تىياتىر كۆرۈش ، پۇتبول

مۇقەددىمە
تۇماس.شاف 1961-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى گىرمانىيەنىڭ مانخىھام شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىچىكدىن باشلاپ قىززىقىش ، ئەتىراپىدىكى مۇھىت ۋە ئائىلە تەربىيەسى ئاستىدا پۇتبولغا قىززىقىش باشلانغان . 1972-يىلى 11 يىشىدا بىرمىن ياشلار بازسغا تاللانغان.
1972-يىلدىن 1987-يىلغىچە 15 يىل بىرمىن كۇماندسىدا رەسمىي توپ تەپكەن . 1987-يىلدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن توپ تىپىپ بىر تەرەپتىن بىرمىن ياشلار بازسىنىڭ تىرنىرلىق ۋەزىپسىنى ئۈستىگە ئالغان.1995-يىلدىن 1999-يىلغىچە بىرمىن ئىشتىن سىرتىقى كۇماندسىنىڭ تىرنىرلىق ۋەزپسىنى ئۈتىگەن.1999-يىلدىن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بىرمىن 1-سەپ كۇماندسىنىڭ رەسىمى تىرنىرلىق ۋەزپسىنى ئۈتىگەن. تۇماس . شاف  بىرمىن كۇماندسىدا توپ تەپكەن ھاياتىدا 262 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقسى ئوينىغان . 1999-يىلى 8-ئايىدا بىرمىن تىرنىرى ماجادنىڭ ئورنىغا بىرمىننىڭ تىرنىرى بولغان . 1998-1999-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بىرمىن كۇماندسىنىڭ يىتەكچى تىرنىرى سۈپىتىدە گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى بولغان.2004-يىلى گىرمانىيە بىرلەشمسى چىمپىيونى ۋە گىرمانىيە لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بولغان.2006-يىلى گىرمانىيە بىرلەشمە لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە بەيرىن-مىيونخىننى يىڭىپ گىرمانىيە بىرلەشمە لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بولغان .2009-يىلى گىرمانىيە لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە لىۋىركسۇن كۇماندسىنى يىڭىپ گىرمانىيە لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بولغان . 2004-يىلى بىرمىن كۇماندسىنى يىتەكلەپ گىرمانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە گىرمانىيە لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بۇلۇشتەك قوش چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ 2004-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمسدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرنىر بۇلۇپ باھالانغان.2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىستىپا بىرىپ بىرمىن كۇلۇبىدىكى 41 يىللىق كەسپىي ھاياتى بىلەن خوشلاشقان.

شەخسىي باھا

شاف .1972-يىلى 1-ئايىدا بىرمىن ياشلار بازسىغا كىرىپ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلايىدۇ.ئۇ ياشلار بازسىدا توپ تەپكەن كۇندىن باشلاپ ئۇدا 1987-يىلىغىچە بىرمىن كۇماندسى ئۈچۈن 262 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 13 توپ كىرىگۈزىدۇ. شافنىڭ مەيداندىكى ئورنى گەرىچە مۇداپىئە بولسىمۇ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى بىلەن ھۇجۇمىغا ئاكىتىپ ماسلىشش ئىىقتىدارى ئۆزىگىچە .1988-يىلدىن باشلاپ 1995-يىلغىچە بىر تەرەپتىن توپ تىپىپ بىر تەرەپتىن بىرمىن ياشلار بازسىغا تىرنىر بۇلۇپ يۈرۈپ 1988-يىلى ۋە 1995-يىلى گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ،1991-يىلى ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.1995 -يىلى تۇماس . شاف پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىرمىن ئىشتىن سىرتىقى كۇماندسىنىڭ تىرنىرلىق ۋەزپسىنى ئۈتەيىدۇ. 1999-يىلى 8-ئايىدا شۇ ۋاقىتتىكى بىرمىن تىرنىرى ماجادنىڭ ئورنىغا چىقىپ رەسمىي ھالىدا بىرمىن 1-كۇماندسىنىڭ تىرنىرلىق ۋەزپىسىنى ئۈتەيىدۇ.ئۇ توپ تەپكەن ھاياتىدا 1988-يىلى ، 1993-يىلى ، 1994 -يىلى ئۈچ قىتىم گىرمانىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرمىن كۇماندسىدا پۇتبولچىلىق ، يىتەكچى تىرنىرلىق ۋە رەسمىي تىرنىرلىق بىلەن ئۈتكەن 41يىللىق كەسپىي ھاياتى بىلەن خوشلىشىدۇ.
پۇتبولچى ۋاقىتتكى شاف[img=475,356]

پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئىرشكەن شان -شەرەپىلىرى
1988-يىلى ،،،1993-يىلى ئىككى قىتىم گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى
1991-يىلى،،،1994-يىلى ئىككى قىتىم گىرمانىيە لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
1991-يىلى ياۋرۇپا غالىپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
1988-يىلى ،،،1993-يىلى،،،1994-يىلى ئۈچ قىتىم گىرمانىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بولغان.

تىرنىرلىق ھاياتىدا ئىرشكەن شان-شەرەپلىرى
2004-يىلى گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى
1999-يىلى ،،،2004-يىلى ،،،2009-يىلى ئۈچ قىتىم گىرمانىيە لوڭىقسىنىڭ چىمپىيونى
2004-يىلى ،،، 2005-يىلى ،،،2006-يىلى ،،،2011-يىلى تۆت قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ئويناش سالاھىتىگە ئىرشىش
2009-يىلى ياۋرۇپا ئىتتىپاقلىق لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىگە كىرىش
2004-يىلى گىرمانىيە ‹‹توپ تەپكۈچىلەر›› ژورنىلى تەرەپدىن ‹‹2004-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمسدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرنىر›› مۇكاپاتى

تىرنىرلىق ھاياتدىكى ئالاھدىلىكى
تالانىتلىقلارنى بايقاش ۋە تەربىيەلەش
20-ئەسىرنىڭ 80-يىلى (1980-يىلى) داڭلىق تىرنىر لىخاگىر ، شافىنى بىرمىن 1-كۇماندسىغا ئىلىپ چىقىدۇ شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا شاف باش تىرنىر لىخاگىر بىلەن ياشلار بازسدىكى ياش پۇتبولچىلار تۇغىرسىدا كۆپىنچە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى ھەم قايسى پۇتبولچىنى بىر مەزگىل ياشلار بازسىغا چۈشۈرۈپ چىنىقتۇرۇش، قايسى پۇتبولچىنى 1-سەپ كۇماندسىغا ئىلىپ چىقىپ ئىشلىتىش تۇغۇرلۇق مەسلىھەتىمۇ بىرەتتى، دەرۋەقە لىخاگىر شافىنىڭ كۆرسەتمسىنى سىناپ خىلى ئۈنۈمىنى كۆرىگەندىن كىيىن  تەۋسىيە ئارقىلىق 1987-يىلى شافىنى بىرمىن ياشلار بازسىنڭ تىرنىرى ۋە بىر تەرەپتىن بىرمىن 1-سەپ كۇماندسىدا داۋاملىق توپ تىپىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
دەرۋەقە شافىنڭ ئىلگىرى -كىيىن بۇلۇپ بايقىغان پۇتبولچىلىرى دۇنيا پۇتبول ۋە ياۋرۇپا مۇسابىقە سەھنىسىدە يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
مەسلەن. بىرازلىيەلىك بومباردىمانچى -ئىرىدون ،،، كاللا توپ ماھىرى -- كىلوز،،، گىرمانىيە بىرلەشمسدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش تارىخىنى ياراتقان--پىرولۇق ماھىر پىسسارو ،،، ئالتۇندەك پاس تاشلاش ماھىرى--دىيىگو ،،، ھازىرىقى خانلىق مادىرىد كۇماندسىنىڭ ئۇتتۇرا مەيدان يادىروسى--مەسئوت.ئۆزىل ... گىرمانىيە كۇماندسى تارىخدىكى يەنە بىر تۈمۈر بىك--مونىدىرساك قاتارلىق نۇرغۇن تالانىتلىق ماھىرلارنى بايقاپ يىتشتۈرۈپ چىققان ھەم مۇشۇنداق ماھىرلار ئارقىلىق كۇلۇپ يۇقىرى قاتلىمغا نۇرغۇنلغان ئىقىتسادى كىرىم ئىلىپ كەلگەن.

تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش
شافىڭ ئەنئەنىۋى تاكتىكسى بولسا--تىغمۇ-تغ قايتۇرىما ھۇجۇم ئويناش.
مەيلى كۇمانىدا ئالدىغا ئۈتكەن ۋاقىت بولسۇن ياكى ئارقىدا قالغان ئەھىۋال ئاستىدا بولسۇن بىرمىن كۇماندسنىڭ ئەنىئەنىۋى تاكتىكسى تىز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۈتۈش ئارقىلىق رەقىبىنى تەمتىرتىش ۋە ھالسىزلاندۇرۇش. بىرمىننىڭ بۇ خىل ئويناش ئۇسولى ھەر قانداق بىر كۇماندىنىڭ پىشانسدىن قارا تەر چقىرۋىتەلەيىدۇ..مەيلى قىسقا پاس بولسۇن ياكى ئۇزۇن پاس ئويناش بولسۇن بىرمىننىڭ تاكتىكا ئوسولغا مۇجەسسەملىشىپ كەتكەن.. بىرمىننىڭ تاكتىكسىدا بىكىنىپ ئويناش ماھيتى ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس .. ھەقىيقى ئەركەكتەك ئويناش ئۇسولىنى ئۆزلىرىگە مۇجەسسەملىگەن.

شاف ئستپا بەرگەندىن كىين ھەر قايسى داڭلىق شەخسلەرنىڭ بەرگەن باھاسى
كائىن--- ‹‹مانچستر بىرلەشمسىگە فورگسن قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈپ چىكىنگەن بولسا ، شافنىڭ بىرمىنغا سىڭدۈرگەن ئەجىرى فورگسىندىن كەم ئەمەس››
بۇلۇخوۋسكى --- بىرمىن كۇماندسنىڭ يىرىم قىسمى بىرمىندىن ئايىرىلدى دىيىشكە بۇلىدۇ.
ئىرىدۇن--- مۇسابىقىدە ھەر قانداق ئەھىۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھەرقانداق ئەھىۋال ئاستىدا شافىتەك ئۆزىنى تۇتۋالغان تەمكىن تىرنىرنى كۆرۈپ باقىمدىم.
بىرمىن يۇقىرى قاتلىمى ---شاف بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بىر تەركىبىمىز ئىدى..41يىل بىر كۇماندا ئۈچۈن خىزمەت قىلماق ھەقىيقەتەن تەس . ئۇنىڭ كۇلۇپ ئۈچۈن ياراتقان روھى قىممتى ۋە ئىقتسادى  قىممتى بىز ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسدىن قىممەتلىك
لىخاگىر --- شاف بىرمىن كۇماندسىدىلا ئەمەس پۈتكۈل گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ روھى تۈۋرۈكى بۇلۇشقا ئەرىزگۈدەك تىرنىر.

توماس.شافىنڭ بىر قىسىم رەسمىلىرى





توماس . شافقا مۇناسىۋەتلك فىلىم


ئەسكەرتىش: توماس . شافىقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-ماتىرىياللار  مۇشۇنچىلىككەن. ئەسلى تىخمۇ ئۇزۇن قىلىپ يىزىپ تىخىمۇ مۇكەممەل نادىر تىما قىلىپ يازاي دىگەن ماتىرىيال چەكلىك بولغاچىقا مۇشۇنچلىك قىلالىدىم .. ئەلىۋەتتە بىر كۇماندا ئۈچۈن 41 يىل ئەجىر قىلىش ئاسان ئەمەس..مەن ئۆزۈم مىلان ۋە بىرمىن كۇلۇبىنىڭ مەستانسى بولغاچىقا بۇ تۆھىپىكار  تىرنىرنىڭ بىرمىن ئۈچۈن سەرىپ قىلغان 41 يىللىق كەسپىي ھاياتىغا رەھىمەت ئىيتىش يۈزسدىن بۇ تىمىنى يازدىم ، خۇشياققانلار ئۇقۇپ قۇيارسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 15:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            مۇشۇ شۇما ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 15:38:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  يىزىپسىز.مەن دەل مۇشۇ مەسلنى يەنى  رەسىم  قىستۇرۇشنى  ئەلالاشتۇرۇشنى ئۇمۇد  قىلىمەن..شۇنداق  ياخشى  يىزىلغان  ئەسەرگە  ياخشى رەسىم  قىستۇرالمىسا  پەقەت  مەززىسى  بولمايدۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 15:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-30 15:40  

ياخشى تىرنىر ئىكەنتۇق ... لىكىن بۇ يىللىق بىرلەشمىدە بىرمىننىڭ ئىپادىسى تازا دىگەندەك ياخشى بولمىدى ، تاس قالدى دەرىجە چۈشۈپمۇ كەتكىلى ... شۇڭا رەھبەرلەرمۇ تىرنىر ئالماشتۇرۇپ بىقىشنى ئويلىغان گەپ ...
بۇنداق ياخشى تىرنىرغا يەنە ياخشى كوماندا چىقىدۇ ...  ( لوڭقا تۇتۇپ ئولتاغان رەسىمدىن باشقا رەسىملەر چىقماپتۇ ، تەھىرلىۋىتەسىز )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 15:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نادىر تىمىدىن بىرنى پۈتتۈرۈپسىزغۇ مانا . سۈرئەت دىگەن بار ھە .بەزى رەسىملەر نورمال چىقماپتۇ تەھرىرلەپ قويارسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 15:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسېل تىما بوپتۇ....رەسىملەرنى قايتا بىر تەھرىرلەپ قويۇڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 16:02:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرىشكەن نەتىجىللىرىمۇ  ھەقىقەتەن  كۆپكەن .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 16:54:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئەسەر  بوپتۇ    ........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 17:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاف كىينكى ئېشلىرىڭ ئوتۇقلۇق بولسۇن ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 19:25:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغۇ يىزىلىپتۇ ئەمدى گەپ دادۇيجاڭلارنىڭ تامغىسىدا قالدى شۇ تامغا بىسىلغان زامان 10 مېليۇننى كارتاڭغا ئۇرمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-30 19:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-6-30 19:25
تىمىغۇ يىزىلىپتۇ ئەمدى گەپ دادۇيجاڭلارنىڭ تامغىسىدا ق ...

بۇ تىمنى ئاللىبۇرۇن نادىرلاپ  بولدىغۇ      يەنە تامىغا باستۇردىغان رەسمىيەتلەرىمۇ بارما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-30 19:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-6-30 19:31
بۇ تىمنى ئاللىبۇرۇن نادىرلاپ  بولدىغۇ      يەنە تام ...

ئەمسە بانكىدىن ھىساپ ئېچىپ تەييار بول  ھىساپ ئاچمىساڭ پۇل يۆتكىگىلى بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 10:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش