ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 134 |
تۆھپىسى: سەر |
|
داۋامى ~
1989-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ، زىدانې گانا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپلا ياخشى ئىپادە كۆرسىتىدۇ . ئەينى چاغدا بەزىلەر ئۇنى ‹بىر پۇتلۇق› توپچى ، ئوڭ پۇتىدىلا توپ تېپىدۇ ، سول پۇت ۋە باش توپ ماھارىتى يوق دەپ ئەيىبلەيدۇ . گانا كوماندىسىدا ئۇ تېرنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ . 1992-يىلى زىدانې بوردو كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ ھەم تېخىمۇ زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشىدۇ . شەخسىي تېخنىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ يۈكسەك تالانتقا ئىگە بولۇپ ، توپ پۇتىغا چۈشسىلا ھەرگىز تارتتۇرۇپ قويمايتتى ، خۇددى سېھرىگەرلەردەك ئۆزىگە رام قىلىۋالاتتى . مۇھىمى ، ئۇ كەم ئۇچرايدىغان تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ، مەيلى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدا ياكى فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن يادرولۇق شەخس ھېسابلىناتتى . زىدانې ئىختىيارىي توپ تېپىپ نومۇر ئېلىشقا ماھىر ، تېخىمۇ تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى ئۇنىڭ قىممىتى نومۇر ئېلىشتا ئەمەس ، بەلكى سەبداشلىرىغا ناھايىتى ياخشى نومۇر ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشتا ئىدى .
1994-يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى ، زىدانې فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالەتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ، ئەينى چاغدا فرانسىيە كوماندىسى ئىككى توپ كەينىدە قالغانىدى ، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە تېرنىر ياكوت ئۇنى مەيدانغا چىقىرىدۇ ، ئۇمۇ قىسقىغىنا ئون مىنۇت ۋاقىتتا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ تېرىنىر ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدۇ ، نەتىجىدە چېخىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ ، فرانسىيە كوماندىسىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلەردە ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رېكورتى داۋاملىشىدۇ . زىدانې مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە سول پۇتىدا بىر توپ ، باش بىلەن ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزۈپ تېخنىكىسىنىڭ ئەتراپلىق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ . 1994-يىلى ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزىدۇ ھەم گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچى نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ . ترېنېر ياكوت قىلچە ئىككىلەنمەيلا 10- نومۇرلۇق كىيىمنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ ، فرانسىيەدە بۇ پلاتىنىنىڭ ئىز باسارى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى . 1996-يىلى ئېنگلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نۇختا توپ تېپىپ چېخىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، فرانسىيە كوماندىسى شاللىنىپ كېتىدۇ .
پلاتىنى زىدانې ئۈستىدە توختىلىپ : ‹‹ زىدانې بىر ئاز تاقەت قىلسا يۇۋېنتۇس كوماندىسىدا ماڭا ئوخشاش مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ ، ئۇنىڭ جۈرئىتى ئوبرازىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ›› دەيدۇ . 1996-يىلى يۇۋېنتۇس كوماندىسى زىدانېنى سېتىۋالغاندا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى ، شۇنداقلا روبېرت باگگىئو ، راۋانېللى ۋە ۋىئاللى قاتارلىق چولپانلارنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى توپ مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زىدانې دۇنياۋى چولپان ھېسابلانمايتتى ، ئۇنىڭ يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا كېلىشى كوماندىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى توپ چولپانلىرىنى قوبۇل قىلىش ئەنئەنىسىگە زىت ئىدى .
زىدانې ئەيىبلەش ئالدىدا قىلچە مەيۈسلەنمەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنى فرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماھىر پلاتىنى بىلەن سېلىشتۇرماسلىقنى ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ يېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، پلاتىنى يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا يېڭى كەلگەندىمۇ ھەرخىل ئەيىبلەش ۋە ئىتالىيە ماھىرلىرىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغانىدى . زىدانې مەيداندىكى ئەمەلىي ئىپادىسى ئارقىلىق تېزلا توپ مەستانىلىرى ھەم كوماندىدىكى سەبداشلىرىنى قايىل قىلىدۇ . زىدانې يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا كەلگەن تۇنجى يىلىلا بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ . 29 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 5 توپ ئۇرۇش بىلەن بىرگە سەبداشلىرىغا نۇرغۇن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ .
گەرچە ، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئاياكىس كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدە زىدانېنىڭ نامى پۇر كېتىدۇ . ئەينى چاغدىكى ئاياكىس كوماندىسى ترېنېرى ۋان گال : ‹‹ ھېچقانداق كوماندا بىزگە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدەك تەھدىت سالغان ئەمەس ، ھېچقانداق ماھىر زىدانېدەك ئوڭاي ۋارىتارىمىزغا توپ سالغان ئەمەس ›› دەيدۇ .
شۈبھىسىزكى ، زىدانې فرانسىيىدىكى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيداننىڭ بىرى ، 1997-يىلى ىەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۈچىنچى نومۇرلۇق ‹‹ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ›› بولۇپ باھالىنىش بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى . 1998-يىللىق فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىدا زىدانې 2 توپ كىرگۈزۈپ ، فرانسىيە كوماندىسى0:3 نەتىجە بىلەن برازىلىيە كوماندىسىنى ئۇتۇپ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدۇ . شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن زىدانې پۈتۈن دۇنياغا رەسمىي تونۇلىدۇ . 2001-2002پەسىىلىك ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خان مادرىد كۇلۇبى لېۋىرىكسون كوماندىسى بىلەن چىمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە زىدانې دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى 1- ئېسىل توپنى ناھايىتى چىرايلىق ئۇرۇپ بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە كوماندىنى ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىىغا ئېرىشتۈرىدۇ . 2006-يىلىدىكى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا فرانسىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئاران چىققان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كوماندىنى يېتەكلەپ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە ئېلىپ كىرىدۇ ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە زىدانې 1 نۇختا توپنى كىرگۈزىدۇ ، كەينىدىن ئىتالىيە كوماندىسىدىكى ماتىراجىمۇ بىر كاللا توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈرىدۇ ، ئاخىرقى مىنۇتلاردا زىدانې قىزىل كارتا يەپ چىقىرۋېتىلىدۇ ، فرانسىيە كوماندىسى نۇختا توپ جېڭىدە ئىتالىيەگە ئۇتۇرۇپ قويۇپ چىمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ ، ئەگەر زىدانې بولغان بولسا بەلكىم مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولۇشى مۇمكىن ئىدى . زىدانې شۇنداق قىلىپ ناھايىتى شانلىق ئۆتكەن كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتى بىلەن رەسمىي ھالدا خوشلىشىدۇ . تۈگىدى !!!
مەنبە: ‹‹ دۇنيا پۇتبول چولپانلىرى ›› ناملىق كىتاب ۋە قەلىمىم . |
-
-
|