akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 18

زىدانېنىڭ تارىخى(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   palgan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-29 14:03  

                                                       چىملىقتىكى سېھرىگەر-زىدانې

  ئىسمى:زىنېدىن يازىد زىدانې
  تۇغۇلغان ۋاقتى:1972.6.23
  دۆلەت تەۋەلىكى:فرانسىيە
  بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر
  ئېغىرلىقى:78 كىلوگرام
مەيدان ئورنى:ئالدى بەل
     توپ ئوينىغان كوماندىلار: فرانسىيە دۆلەت كوماندىسى(1994-2006)،فرانسىيە گانا كۇلۇبى(1986-1992)،فرانسىيە بوردو كۇلۇبى(1992-1996)،ئىتالىيە يۇۋېنتۇس كۇلۇبى(1996-2001 )،ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى(2001-2006).
      ئېرىشكەن نەتىجىلىرى:1994-يىلى فرانسىيە بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر بولۇپ باھالانغان؛1996-يىلى ياۋروپا كۇلۇپلىرىنىڭ بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن؛1996-يىلى ‹تويوتا›لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان؛1997-،1998-يىللىرىئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان؛1997-،1998-يىللىرى ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2- بولغان؛1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.1998،2000،2003-يىللىرى 3 نۆۋەت دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان ؛1998-يىلى ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان؛2001\2002 ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان؛2002\2003 ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر چىمپىيونى بولغان؛2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن...
ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە ماتىراجىنى كاللا قويۇپ ،قىزىل كارتا يېگەن ھەمدە شۇ مۇسابىقىدىن كېيىن پۇتبولچىلىق ھاياتىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغان، ھازىر خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ياردەمچى تېرنېرى ۋە كۇلۇپ باش نازارەتچىسى دېگەندەك خىزمەتلەرنى ئۆتىمەكتە...
        1996-يىلى،فرانسىيىنىڭ ‹11ئادەم› ناملىق جورنىلى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق خەلى رايىنى سىناشتا زىدانې 58% ئاۋاز بىلەن ئېرىك كانتونا(31.8%)ۋە پاترىك لوكو(15.6%) قاتارلىق چولپانلارنى بېسىپ چۈشۈپ،پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمغا مايىل خافبېك بولۇپ باھالانغان.
        1996-يىلى3-ئاينىڭ 19-كۈنى،ACمىلانكوماندىسى بىلەن بوردو كوماندسى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالايىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەسكىن ئېلىشىدۇ.مۇسابىقىدە زىدانې بوردو كوماندىسىنى يېتەكلەپ 0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ACمىلان كوماندىسىنى ئۇتىدۇ.ACمىلان كوماندىسى ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ چاغقىچە ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3 توپ كەتكۈزۈپ قويمىغانىدى.زىدانې بوردو كوماندىسىنىڭ قەھرىمانىغا،شۇنداقلا فرانسىيە پۇتبولىنىڭ ئۈمىدىگە ئايلىنىدۇ.96-يىلى يازدا ئېنگلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن 10- نۆۋەتلىك ياۋروپا ئەللىرى پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە،زىدانې فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمغا مايىل خافبېكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممە مۇسابىقىدە ئاساسىي ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈپ پۇتبول مەستانىلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ.ئۇنىڭ ئورۇن ئېلىش ئېڭى يوقىرى،توپ ئېلىپ مېڭىش ، تەشكىللەش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى ئىدى . شۇ نكۋەتلىك مۇسابىقىدىن كېيىن زىدانې 4 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالمىشىش ھەققى بىلەن ئىتالىيىنىڭ يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئالمىشىپ كېلىپ ، پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىگە قەدەم قويىدۇ.
       زىدانې 1972-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى مارسېل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئاددىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ بالىنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ ، 3 ئاكىسى ۋە 1 ئاچىسى بار ئىدى . زىدانېنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالجىرىيىلىك كۆچمەن بولۇپ ئەرەب قان سېستىمىسىدىن ئىدى . زىدانې تۆت يېشىدا يانداشما چاقسىز ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۆگىنىپ ئالاھىدە تەڭپۇڭلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدۇ . ئاكىلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ئويناپ يۈرۈپ پۇتبولغا قىزىقىپ قالىدۇ ، بىراق ئالتە ياشلىق بالا ئۈچۈن پۇتبول كۇلۇبىغا كىرىپ مەشىق قىلىش تېخى بالدۇرلۇق قىلاتتى . شۇڭا ، ئۇ ئاكىسى نۇردىننى دوراپ پۈتۈن زېھنى بىلەن مەشىققە كىرىشىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ ھەرىكىتى چىرايلىق ، چاققان بولۇپ قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى ، گەرچە رۇداۋچە چېلىشىش بويىچە مەشىقنى باشلىغان بولسىمۇ ، لېكىن پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئېشىپ بارىدۇ ، پۇتبولمۇ بارغانسېرى ئۇنىڭ پۇتىدىن قاچمايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ . زىدانې مەھەللىسىدىك بالىلار بىلەن دائىم مۇسابىقىلىشەتتى ، ئۇلار خىش  ، سېمونت پارچىلىرىنى  ۋارىتا قىلاتتى ، ئىككىدىن ياكى ئۈچتىن ئايرىلىپ قانغۇچە پۇتبول ئوينايتتى . ئەمەلىيەتتە ، ئاكىسى نۇردىننىڭمۇ زىدانېغا ئوخشاشلا پۇتبول تالانتى بار ئىدى ، ئۇ ئەينى چاغنى ئەسلەپ : ‹‹ مەن بالىلار ئىچىدە ھەممىدىن ياخشى ئوينايتتىم ، ۋارىتاغا كىرگۈزگەن توپۇم پېلىنىڭكىدىنمۇ كۆپ ›› دەيدۇ پەخىرلەنگەن ھالدا . زىدانېمۇ بوش كەلمەي : ‹‹ مەن نۇردىندىن ئىككى توپنى كۆپ كىرگۈزدۈم ›› دەيدۇ . نۇردىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۇتبول بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنالمىغانىدى .
       زىدانې سەككىز يېشىدىن باشلاپ ئۆز رايونىدىكى بىر كۇلۇپقا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشۈشكە باشلايدۇ ، ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇنى مۇسابىقە مەيدانىغا ئېلىپ بېرىش دادىسىنىڭ ۋەزىپىسىگە ئايلىنىدۇ . گەرچە بۇ جاپالىق بولسىمۇ ، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەت كىشىنى ئىلھاملاندۇراتتى . زىدانېنىڭ دادىسى مۇنداق دەيدۇ :‹‹ ھەر قېتىم پۇتبول مەيدانىدىن قايتقاندا ئۇ ھاياجىنىنى باسالمايتتى ، ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى ۋارىتا قىلىپ مۇسابىقە ئوينايتتى . بىر قېتىم ئۆيدىكى ئاسما چىراغنى چېقىۋەتكەنىدى . ›› پۇتبولدىن سىرت ، زىدانې رۇداۋچە چېلىشىش مەشىقىنىمۇ قولدىن بەرمەيدۇ . بەزىدە زىدانې بۈگۈنى رۇداۋچە چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشسا ، ئەتىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشاتتى . بۇنداق ئىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھارغىنلىق يېتىدۇ ، دوختۇرمۇ بالىنىڭ ئككى تۈردىن بىرنى تاللاش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ .
        زىدانې ئاكىسى نۇردىننىڭ پىكىرى بويىچە SO سېفودومو-ۋالوڭ كوماندىسىغا قاتنىشىدۇ . بۇ مارسېل شەھىرىدىكى كىچىك كۇلۇب بولۇپ ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشتە نامى بار ئىدى . تېرىنېر سانتانېرو زىدانې ھەققىدە توختىلىپ : ‹‹ ئۇ كوماندىمىزغا كەلگەندىلا مۇنەۋۋەر ماھىر ھېسابلىناتتى ، ئەمدىكى ئش ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ماھارىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئىدى . تېخنىكا ۋە بەدەن سۈپىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ ناھايىتى ئۈمىدلىك ئىدى ، مەيداندىكى تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولۇپ قۇرامىغا ماس كەلمەيتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە ئىدى›› دەيدۇ . SOسېفودومو-ۋالوڭ كوماندىسىدىكى بىر قانچە يىلدا زىدانې تېخخمۇ پىشىپ يېتىلىدۇ . 14 يېشىدا ئۇ ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان گانا كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنىدۇ ، مەيداندىكى ئورنى ئەركىن بېك بولۇپ ، سۈرئىتنىڭ تېزلىكى ، ئۆزگىچە توپ ئېلىپ مېڭىش ئۇسۇلى ۋە پىششىق شەخسىي تېخنىكىسى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىدۇ ،SO سېفودومو-ۋالوڭ كۇلۇبىدا ئۇنىڭدىن ئۈچ،تۆت يىلكۆپ مەشىق قىلغان بالىلارمۇ ئۇنىڭچىلىك ماھارەت يېتىلدۈرەلمەيدۇ .
  مەنبە : ‹ دۇنيا پۇتبول چولپانلىرى › ناملىق كىتاب . داۋامى بار ...
5664562ace176b5bd9723cdb8ec2169b[1].jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
mahbusman + 50 نادىر تېما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 14:13:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 14:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتنىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇلى بوپتۇ ......يەتتە بۆرە ئىچىدە مادىرىتتىن چىكىنگەن برىدىن بىر بۆرە دەل زىدانى ......ئەمدى ئەن دوختۇرغا ياردەملىشىپ مادىرىتنى يىڭى باشتىن قەد كۆتەرگۈزەرمىكى  بۇ .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 14:27:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 14:30:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى بىر دەۋىر ،،،  زىدانى ئىشىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 14:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قايىل بولدىغان پۇتبولچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 14:39:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئامراق   توپچى !!!!!!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 16:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىملىقتىكى سىھىرگەرنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلڭق بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 16:25:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاساپەت، يامان نىمىتى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 16:39:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا پۇتبول چولپانلىرى   مۇشۇ كىتاپتىن  مەندە بىرسى بار ئىدى . دەرىس ۋاقتى ئۇقۇپ  ئولتۇرسام  بىر خانىم بار ئىدى ئېلۋېلىپ ھازىرغىچە بەرمىدى .....بەك ئىسىل كىتاپ ئىدى ...پېلىدىن باشلىنىپ رونالدودا ئاخىرلىشىدۇ ..98 يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدىدىكى چولپانلار ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 16:39:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا پۇتبول چولپانلىرى   مۇشۇ كىتاپتىن  مەندە بىرسى بار ئىدى . دەرىس ۋاقتى ئۇقۇپ  ئولتۇرسام  بىر خانىم بار ئىدى ئېلۋېلىپ ھازىرغىچە بەرمىدى .....بەك ئىسىل كىتاپ ئىدى ...پېلىدىن باشلىنىپ رونالدودا ئاخىرلىشىدۇ ..98 يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدىدىكى چولپانلار ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-29 16:43:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2006 -يىلىدىكى ھەلقىلغۇچتا ماتىرازىنى بىر كاللا قويۇپ مەيداندىن چىقىپ كەتكەندە تارتىلغان سۈرىتى بار ، 10- نومۇر ، ئامالسىزلىق ، دۇنيا لوڭقىسى ........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 13:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش