بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-28 16:31
ئەنچىلۇتى بارسېلونا توپچىسى ئالكانتىرانىڭ مادرىتقا قوشۇلىشى ئۇچۇن يېشىل چىراق يېقىپ بەردى
ئەنچىلۇتى مادرىتقا رەسمى تېرىنىر بولغاندىن كېيىن ، مادرىتتا ئوتتۇرا مەيدان تايانچى كۈچلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى . (ماۋۇ ئادەمدە بىر گەپ بار . مېنىڭ نەزىرىمدە مادرىتتا ئۇتتۇرا مەيدان توپچىلىرى ئەڭ كۆپ ، ئەگەردە كاكا ، دىمارىيا ، ھىدرالارنى ئىچكى جەھەتتە يەڭ سودىسى قىلۋەتمىگەنلا بولسا ) ۋە مادرىد رەئىسى پىرىزغا بىرەر ياش ئۇتتۇرا مەيدان توپچىسى يۆتكەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ۋە ئۇچ نامزاتنى كۆرسەتتى ئۇلار ، فىراتى ، ئەلرامىدى ، تىياگۇ ئالكانتىرا .
ئەنچىلۇتى بۇ ئۇچ نامزاتنىڭ ئىچىدىكى ، بارسېلونا توپچىسى ئالكانتىرانى يۆتكەش ئىشىدا چىڭ تۇردى ، چۈنكى فىرادىنى يۆتكەش ئىشىدا ، مادرىد بىرىنچى قېتىمدىلا مەغلۇپ بولدى ، ئەنچىلۇتىنىڭ قارىشىچە ئەلرامدى تىياگۇ ئالكانتىراغا قارىغاندا ئانچە بەك ئىشەنچىلىك ئەمەس .
ئالكانتىرا بۇ قېتىملىق 21 ياشلىقلاردىن تۆۋەنلەر ياۋرۇپا لۇڭقىسىدا ، مادرىدنىڭ كەلگۈسى يۇلتۇزلاردىن بولغان مۇراتتا ، ئىسكولار بىلەن ياخشى ماسلىشىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى . مادىرد يېراق كەلگۈسىدىكى چىمپيۇنلۇققا ئېچىرقىغان كۆز بىلەن قاراش كېرەك . يەنى ياشلارنى تەربىيلەپ ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك .
تىياگۇ ئالكانتىرانىڭ يۆتكىلىش ھەققىدە مادرىد ئانچە بەك قېينىلىپ كەتمەيدۇ ، تياگۇنىڭ ھازىرقى باھاسى 18 مىليون ياۋرۇ .
لېكىن تىياگۇنى يۆتكەش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ، چۈنكى تىياگۇ بارسېلونا ياشلار بازىسىدىن چىققان ، تەبىئىيكى مادرىتنى دۇشمەن دەپ قارايدۇ ، ھەم ھازىر ئۇنىڭغا قىزىقىۋاتقان كوماندىلاردىن ، بەيرىن مۇنىخ ، مانچىستېر بىرلەشمىسى ، قاتارلىق زەردارلار بار . ھەم تىياگۇمۇ مادرىتقا يۆتكىلىپ ، خائىن دېگەن نامنى ئالغۇسى يوق .
مادرىد رەئىسى پىرىز ئاخىرىدا مۇنداق دېدى : بارسلۇنادىن ھەرقانداق توپچى يۆتكىلىش خىيالىدا بولسا ، بىزگە مۇناسىپ كەلسىلا بىز ئەڭ ئاۋال كەڭ قوينىمىزنى ئاچىمىز .
|