- تىزىملاتقان
- 2011-6-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3750
- نادىر
- 6
- يازما
- 3750
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-26 20:45
6-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى 1:00دە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئۇراگىۋاي دۆلەت كوماندىسى خەلقئارا بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچراشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا ئۇراگىۋاي دۆلەت كوماندىسىغا نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى . نۇقتا توپنى ئۇراگىۋاي كوماندىسىدىكى فورلان تەپتى لىكىن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى سەيسار بۇ نۇقتا توپنى ئىنتايىن چىرايلىق توسۇۋالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 40 مىنۇت بولغاندا بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى 9-نۇمۇر فېرىد بىر توپ ئۇرۇپ بىرازىلىيە كوماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى . 48 مىنۇت بولغاندا ئۇراگىۋاي كوماندىسىدىكى كاۋانى بىر توپ ئۇرۇپ ئۇراگىۋاي كوماندىسى مۇسابىقە نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى . 86 مىنۇت بولغاندا بىرازىلىيە كوماندىسىغا بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتى كەلدى بۇلۇڭ توپنى نېيمار باشلىدى 18-نۇمۇر باۋلىنىو بۇلۇڭ توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ 2:1 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئۇراگىۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ قېتىملىق خەلقئارا بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ كەتتى . 6-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 1:00دە بۇ قېتىنلىق خەلقئارا بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
|
|