- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 17
- يازما
- 7607
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-28 01:14
ئىسپانىيەدىكى « نوقتا توپ نوقتىسى » قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە بىرازىلىيە « يەر شارى گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،بىرازىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى بىرلەشمە لوڭقىسدا ،ئىسپانىيە كوماندىسى 3 : 0 نەتىجە بىلەن نېگىرىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ،ئىسپانىيە كوماندا ئەزالىرى مېھمانخانىغا سىرتتىن بىر تۈركۈم ساھىبجاماللارنى چاقىرىپ كۆڭۈل ئاچماقچى بولغان .بىراق مېھمانخانىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار بۇ قىزلارنىڭ كىرىشىنى توسقان .شۇنىڭ بىلەن كوماندا ئەزالىرى قاتتىق غەزەپلەنگەن .
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە ،ئىسپانىيە كوماندىسى نېگىريەنى يەڭگەندىن كېيىن ،باش تېرىنىر بوسىك ئەزالارنى بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويىۋەتكەن .بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتقا چىقىشنى خالىماي مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگەن .بىراق ياتاقتا قاتتىق زېرىكىش ھىس قىلغان بەزى دۆلەت كوماندا ئەزالىرى جىم ئولتۇرالماي قىز تەكلىپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشىپ دەرھال تېلىفۇننى قۇلىغا ئالغان .
ئۇزۇن ئۆتمەي شەھەر ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ھېسىياتچان قىزلار مېھمانخانىغا يىتىپ كەلگەن .لېكىن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بۇلارنى كىرگۈزمىگەن .قىزلاردىن تاما تارتىپ ئولتۇرغان ماھىرلار بۇنى ئاڭلاپ پەسكە چۈشۈپ قاتتىق ئاچچىقلانغان .ئاخىردا سۇپۇن ،تېلىۋۇزۇر كونترولىغۇچ ،بوتۇلكا قاتارلىق نەرسىلەرنى ياتاق سىرتىغا ئېتىپ ئاچچىقىنى چىقارغان .« يەر شارى گېزىتى » پۇتبولچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىمىغان .ۋاراتار كاسىللاس بىلەن مۇداپىئەچى پىكنىڭ يوقلۇقى ئېنىقكەن .چۈنكى بۇ ئىككى ماھىر شۇ كۈنى بىر پائالىيەتكە كەتكەن ئىكەن .
|
|