ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-26 14:52

6-ئاينىڭ 26-كۈنى ،جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتى جىياڭسۇ شۈنتىيەندىكى شىنجاڭلىق ماھىر ئابدۇل بارىغا بېرىلگەن جازانى ئېلان قىلدى .يەنى : بارى بەش مەيدان مۇسابىقىدىن توختايدۇ .25 مىڭ سوم جەرىمانە تۈلەيدۇ .بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 13-ئايلانمىسىدا ، جىياڭسۇ شۈنتيەن مېھمان مەيداندا شەندوڭ لۇنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان .مۇسابىقە 37 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ،شەندۇڭدىكى ۋاڭ يوڭپو قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ بارىنى يىقىتىۋەتكەن .بىراق بارى تىلىنى ۋە قۇلىنىڭ ئۇتتۇرا بارمىقىنى چىقىرىپ غەيرى ھەرىكەت ئىشلىگەن .بۇ كۈرۈنۈش نەق مەيدان سىگنالى ئارقىلىق بايقاپ قېلىنىپ ،ئاخىردا ،بارىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە نوقسان يەتكۈزگەنلىك ۋە مەدىنيەتسىز قىلمىش دەپ قارالغان .
ئالدىنقى كۈنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتى مەخسۇس يىغىن ئاچقان بولۇپ ،يىغىندا بارىنىڭ بۇ ھەركىتى قايتا قاراپ چىقىلغان .ھەمدە بۇ ھۆكۈمنى ئېلان قىلغان .ئىگىلىنىشچە ،بارى ھەم كۇلۇب بۇ جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .( بۇ جازا پەقەت بارىغا بېرىلگەن ) ۋاڭيۇڭپوغا ھېچقانداق جازا بېرىلمىگەن .
 |
|