elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 999|ئىنكاس: 19

ئەنچىلوتتىنىڭ خان جەمەتى مادىرىدتىكى كەلگۈسى ھەققىدە پاراڭ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-25 22:03  



ئەنچىلوتتى مادىرىدنى ئاخىرى قولىغا ئالدى. ئۇ مادىرىد تارىخىدىكى 5-ئىتالىيلىك تېرنىر.
ئۇنىڭ مادىرىدقا ئىلىپ كىلدىغىنى كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان پۇتبول دۇنياسىدىكى «(1-0) ئىزم» بولۇپ قالارمۇ ياكى بۈگۈنكىدەك غەلبە قىلىشتا نوقۇل شەخىسنىڭ ئىپادىسىگە تايىنىشتىن كوللىكتىۋىزملىق تەكىتلىندىغان ھەمدە كوماندىنىڭ ئويناش ئۇسۇلى سېستىمىلاشقان ھالدىكى مۇسابىقىلەرنى مەستانىلەرگە، جۈملىدىن مادىرىد توپخۇمارلىرىغا تەقدىم ئېتەلەرمۇ ؟ تۆۋەندە توردىشىڭلار كالتەك يۇقارقى مەسىلىلەر ئۈستىدە قىسقىغىنە ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچى.

خاتالاشمىسام كۆپىنچە تورداشلار بۇ ئىتالىيلىك تىرنېر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بىلمەسلىكى مۇمكىن، بىز تۆۋەندە بۇ ئىتالىيلىك مەشقاۋۇلنىڭ قىسقىغىنە تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى .

كارلو ئەنچىلوتتى 1959-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ روججىئورو دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان، بۇ يىل 54 ياش، ئوينايدىغان ئورنى ئوتتۇرا مەيدان، ئۇ توپچىلىق مەزگىلىدە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 1976-يىلىدىن 1979-يىلغىچە پارما كۇلۇبىدا، 1979-يىلدىن 1987-يىلغىچە رىم كۇلۇبىدا، 1987-يىلىدىن 92-يىلغىچە ئا س مىلان كۇلۇبىدا توپچىلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ھەمدە يۇقارقى كۇلۇبلاردا 338مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 35 توپ كىرگۈزگەن ۋە 1981-يىلىدىن 91-يىلىغىچە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 26 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1 توپ كىرگۈزگەن. 86-يىلدىكى 90-يىلدىكى دۇنيالوڭقىسىغا قاتناشقان .

ئەنچىلودى 1995.يىلى تېرنىرلىق ھاياتىنى باشلاپ تۇنجى قىتىم لۇجىنا كۇلۇبىنى 1پەسىل يىتەكلىگەن ،ئۇنىڭدىن كىيىن 96.يىلىدىن 99.يىلغىچە پارما كۇلۇبىنى ،99.يىلدىن 2001.يىلغىچە يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنى ،2001.يىلدىن 2009.يىلغىچە ئا س مىلان كۇلۇبىنى يىتەكلىگەن ھەمدە ئا س مىلان كۇلۇبىنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا بىر مەھەل ياۋروپانىڭ غوجىسىغا ئايلاندۇرغان ،2009.يىلدىن 2011يىلغىچە چىلسى كۇلۇبىنى ،2011دىن مادرىدقا كەلگۈچە بوغان ئارلىقتا پارىژ كۇلۇبىنى تۇتقان .


ئەمدى بىز ئۇنىڭ توپچىلىق ھايتىدا ئىرىشكەن شان شەرەپلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى .
ئۇ رىم كۇلۇبىدا توپ تىپىۋاتقان  مەزگىلدە 4قىتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ 1قىتىم بىرلەشمىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،مىلان كۇلۇبىدا توپ تىپىۋاتقاندا بولسا 2قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ،1قىتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،1قىتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،2قىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،1قىتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ،1خەلقارا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ئىرىشكەن .



ئەمدى بۇ كىشىنىڭ تېرنىرلىق مەزگىلىدىكى ئىرىشكەن شان شەرەپلىرىگە قاراپ باقايلى .

ئۇ يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنى تۇتقان تۇنجى يىلى تۇتۇ لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولغان ، ئاس مىلان كۇلۇبىنى تۇتقان 9پەسىل جەريانىدا ئۇ مىلان كۇلۇبىنى يىتەكلەپ 8تۈردىكى لوڭقىغا ئىرىشكەن ،يەنى 2قىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا ،1قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،1قىتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،1قىتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،2قىتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ،1قىتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئىرىشتۈرگەن . چىلسى كۇلۇبىنى تۇتقان 2پەسىلدە بولسا 1قىتىم ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا 1قىتىم ھەممە بىرلەشمىلەر لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا 1قىتىم رايونلار قالقىنى لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئىرىشتۈرگەن ، پارىژ تۇتقان 2پەسىلدە 2.يىلى پارىژ كۇلۇبىنى فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقىغا ئىرىشتۈرگەن .




يۇقارقى ئەل-ئېھرامچە سەپ شەكلى بولسا ئەنچىلوتىنىڭ ۋەكىل خاراكتىردىكى ئەنئەنىۋى سەپ شەكلىدۇر ،خاتالاشمىسام پارىژدىمۇ مۇشۇ سەپ شەكلىنى ئىشلىتىدۇ ،يەنى 4-3-2-1  


تۆۋەندىكىسى بولسا ئەنچىلوتىنىڭ تۇتقان كوماندىلاردا ئىشلەتكەن ئادەملىدۇر .




بۇ بولسا ئەنچىلوتى نىڭ مادرىدتا ئىشلىتىدىغان تەسۋىرى سەپ شەكلى ۋە ئادەملىرى ....



خەۋەرلەرگە قارغاندا ئەن دوكتۇر مادرىد بىلەن 2016.يىلغىچە توختاملاشقان .



ئەنچىلودى نىڭ مادرىد كوماندىسىكى ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ...

1.كاكا مەسىلىسى

ئەجىبا بۇ تېرنىرنىڭ كىلىشى ھەمدە مۇسابىقە ئورۇشلاشتۇرۇشى  10مىليونلۇق مۇئاش ئىلىۋاتقان شۇنداقلا كىلەريىلى دۆلىتى ئۈچۈن توپ تىپىشكە تىرشىۋاتقان كاكا ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەتمۇ ياكى رىئاللىق يەنىلا رەھىمسىزمۇ ؟



2.كاسىللاس مەسىلىسى
مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۋاتقانلار ھىس قىلسا كىرەك ، ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە پەسىلدە مادرىد نىڭ  ۋاراتاسىغا چۈشكەن توپلار ئىچىدە 2ياندىن تاشلانغان باش توپلار ۋە بۇلۇڭ توپلار خىلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ ،لىكىن دىگو لوپېز ئاساسلىق قاپقىچى بولغاندىن باشلاپ بۇلۇڭ توپ شۇنداقلار ھاۋادىن چەكلەنگەن رايونغا تاشلانغان باش توپلارنىڭ چۈشۈشى راۋۇرۇس ئازايغان ئىدى ،ئەنچىلودى كاسىللاسنى ئاساسلىق قىلارمۇ ياكى دىگو لوپېزنىمۇ ؟



3.مۇداپىئە مەسىلىسى
مادرىدنىڭ ئۆتكەنكى 3--4  پەسىلدىكى ئارقا سەپ مۇداپىئە  ئومومى ھالىتى يامان ئەمەس بولسىمۇ ، لىكىن ياخشى دىگىلى بولمايدۇ ،  ھەممىدىن مۇھىمى سول بىك مەسىلىسى بولۇپ ،مادرىدنىڭ مۇھىم مۇسابىقىلىرىدە  چاتاق چىقىدىغان مارسېلو قانۇنىيتى تۈگەمدۇ  يوق؟



4.مادرىدنىڭ ئويناش ئۇسۇلى جەھەتتە يىڭى ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەمدۇ ؟
مانا بۇ ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ ،نەچچە يىلدىن بىرىقى نۇمۇر ئىلىشتا قايتارما ھۇجۇم ئاساس شەخىسلەرنىڭ ئىپادىسى قوشۇمچە بولغان غەلبە قازىنىش ئەندىزىسى تۈگەپ كوللىكتىپلاشقان شەخىسكە يۆلىنىش بولمىغان ئەھۋالدىكى (توپنى رەقىبىگە كۆپ ئۇرمىسىمۇ )لىكىن غەلبە قازىنىش ھالىتىنى ئۇزاققا داۋاملاشتۇرالايدىغان ۋەزىيەت يارتالامدۇ يوق ؟



5. توپچىلارنىڭ كەلگۈسى مەسىلىسى
ئەنچىلودى بولسا مىنىڭ بىلىشىمچە ئورۇندۇق تەڭپۇڭلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە ياش نوتىلارغا پۇرسەت بىرىپ چىنىقتۇردىغان ھەمدە توپچىلار بىلەن ياخشى بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان مەشقاۋۇل ، ھەمدە تىپىك ئىتالىيە مەشقاۋۇللىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە توپچىلارنىڭ سۈرئەت ئەۋزەللىكى ،ئالاھىدە يۇقۇرى شەخسىي ماھارىتى غا ئەمەس بەلكى ھەر بىر توپچىنىڭ تاكتىكىلىق رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىردىغان مەشقاۋۇل ، شۇنداق بولغاندا بازار تاقىلىپ  بىرلەشمە باشلانغۇچە كىملەر كىتىپ كىملەر قالىدۇ ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
22kaka22 + 100 + 10 + 10 + 10 ئىجادىي تىما ، ياخشى ت.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 21:49:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلودى بولسا مىنىڭ بىلىشىمچە ئورۇندۇق تەڭپۇڭلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە ياش نوتىلارغا پۇرسەت بىرىپ چىنىقتۇردىغان ھەمدە توپچىلار بىلەن ياخشى بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان مەشقاۋۇل ، ھەمدە تىپىك ئىتالىيە مەشقاۋۇللىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە توپچىلارنىڭ سۈرئەت ئەۋزەللىكى ،ئالاھىدە يۇقۇرى شەخسىي ماھارىتى غا ئەمەس بەلكى ھەر بىر توپچىنىڭ تاكتىكىلىق رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىردىغان مەشقاۋۇل ، شۇنداق بولغاندا بازار تاقىلىپ  بىرلەشمە باشلانغۇچە كىملەر كىتىپ كىملەر قالىدۇ
     ماگەپنى مەن ياقتۇردۇم ،مادىرىبنىڭ يىڭى بىر دەۋرىنى يارتالىسا بولىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 22:06:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەستىمۇ تەھرىرلەپ بولدۇم، تېما ئىگىسى، بۇنىڭدىن كېيىن تېما يوللىغاندا سەل ئەستايىدىلراق بولارسىز.
بىر مۇنچە ئىملا خاتالىقى باركەن، ھەممىنى تۈزۈتۈپ بولالمىدىم، ئۈستىدىكى ئىككى ئابزاستىن تارتىپ ئىمكان بار ئىملانى تۈزىتىۋېتىڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 22:07:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئەمدە مادرىدنىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرى تۇگەيدۇ،  بۇ ئادەم مۇداپىيەگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 22:30:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-3-3سەپ شەكلىنى ئىشلەتسە مەيلىتى 4-3-2-1نى ئىشلەتمەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 22:39:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرىنيۇنىڭ يېڭىلگەن مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇچ ئارقا بەل چىقىرغان . مادرىتتا تۇپچىلارنىڭ ئالاھىلىگدىن پايدىلانمىسا نېمە قىلىدۇ چۇلپان يېغىپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 22:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكانىڭ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ، مادرىد شاراۋىي غا پۇل قوشۇپ كاكا بىلەن تېگىشىدىكەن دېگەن خەۋەر بار يېقىندا ... مېنىڭچە بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 23:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكاغا پۇرسەت بولماسلىقى مۇمكىن ،،،، لوپىزنىڭ بۇ ھالىتىدە كاشىلىياسنىڭ چۇشەلىشى ناتايىن ،،،  كاشىلىياس يەنىلا زاپاس بولسا بولىدۇ ،،  لوپىزنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس ،،،،   مىنىڭچە ئەنچىلودى ئالدىراپلا قايتارما ھۇجۇمنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ ،،،  ئەمما بارا بارا كوللىكتىپ ئويناشقا ئوتىشى مۇمكىن ،،،   رونالدوغا تايىنىش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بولىۋاتقان بۇ كۇنلەردىن قوتۇلۇشنىڭ يولى دەل كوللىكتىپ كۇچىگە بولغان تايىنىشنى تېخىمۇ كۇچەيتىش ،،،  ئەنچىلودى مەن ياختۇرىدىغان تېرنېرلارنىڭ بىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-25 23:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى كۆرۈپ باقايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-26 00:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارىس يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 23:20
كاكاغا پۇرسەت بولماسلىقى مۇمكىن ،،،، لوپىزنىڭ بۇ ھالى ...

پىكىرلىرى توغرا ،،،لىكىن  شەخسى تېخنىكىغا ھېرىسمەن نۇمۇر ئېلىشقا ئامراق رونالدونى كوللىكتىپقا مايىل قىلىش سەل تەسمىكىن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-26 01:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5. توپچىلارنىڭ كەلگۈسى مەسىلىسى
ئەنچىلودى بولسا مىنىڭ بىلىشىمچە ئورۇندۇق تەڭپۇڭلىقىغا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە ياش نوتىلارغا پۇرسەت بىرىپ چىنىقتۇردىغان ھەمدە توپچىلار بىلەن ياخشى بولغان مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان مەشقاۋۇل ، ھەمدە تىپىك ئىتالىيە مەشقاۋۇللىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە توپچىلارنىڭ سۈرئەت ئەۋزەللىكى ،ئالاھىدە يۇقۇرى شەخسىي ماھارىتى غا ئەمەس بەلكى ھەر بىر توپچىنىڭ تاكتىكىلىق رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىردىغان مەشقاۋۇل ، شۇنداق بولغاندا بازار تاقىلىپ  بىرلەشمە باشلانغۇچە كىملەر كىتىپ كىملەر قالىدۇ ؟

ئەنچىلودىنى ياخشى چۈشىنىدىكەنسىز.ئەڭ قورقىدىغىنىم (1-0)مۇشۇنداق غەلبىسى بار جەلىپ قىلىش كۈچى يوق مۇسابىقە ئوينايدىغان مادرىدنى كۆرۈش.ياخشى يېرى ئەنچىلودى توپچىلار بىلەن ئاتا-بالىدەك ئىناق بولالايدىغان تېرىنىر.بۇ تەرىپى مادرىدنىڭ ھازىرقى زىدىيەتلىرىنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق.مادىرد ئويناپ كۆنگەن سەلتەنەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم ئويناش ئۇسۇلى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ ناتايىن.ئەنچىلودىنىڭ تىرىشىپ،جەلىپ قىلىش كۈچىنى يوقاتمىغان،كوللىكتىپچانلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان كۈچلۈك مادرىدنى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-6-26 02:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 22:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش