- تىزىملاتقان
- 2012-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 90
- نادىر
- 0
- يازما
- 90
|
ئىپادىلىشى بەلكىم خاتادۇ،ئەمما بەزىدە شۇنداق بوپمۇ قالىدۇ،ئۇمۇ ئىنسان،ئۇنىڭدىمۇ غۇرۇر بار،ئۇنى تىللىسىمۇ ئوخشاشلا يۈرىكى ئاغرىيدۇ،بارىنىغۇ ئۇنى بۇنى دېدۇق،ئەجەبا ئاشۇ ماڭلۇرنىڭ قىلغانلىرىنىڭ سورىقى يوقما،ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولماسما،ئەلۋەتتە بولىدۇ،ئېغىز ھەرركىتىنى تەھلىل قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ،ئەمما بارى ئۈچۈن بۇنى ھېچكىم تەكشۈرۈپ بەرمەيدۇ،بوپتۇ،ئۇمۇ بىر ئىنسان بولغاندىكىن،ئەركەك بولغاندىكىن،ئويلىغىنى باردۇ.يامىنى كەلسە كۇلۇپتىن ھەيدىلە،نىم بوپتۇ.ئۇ ئاچ قالامدىكەن،مەنمۇ ئايلەمدىكىلەرنى ئاغىزىنى بۇزۇپ تىللىغان ساقچىنىڭ تۇمشىقىنى چېچىۋېتىپ 2 يىل تۈرمىدە ياتقان.ئۆكۈنۈپ باقمىدىم.كىم ئۇنى ئىچكىردە ئۇيغۇرغا ۋەكىل قىلىپ قويدى.ئۇ ئۆزى مەن سىلەرگە ۋەكىل دېدىما؟ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىگە ۋەكىل،غۇرۇرىغا،كىشىلىك ئىززەت ھۆرمىتىگە ۋەكىل.ئاندىن ئۇ خالىسا،بىز خالىساق بىزگە ۋەكىل.ھېلىمۇ ئاسانمۇ،نەچچە مڭليون بەسەينىڭ ئارىسىدا،نەچچە ئونلىغان بەسەي كوماندا ئەزاسى ئارىسىدا يىگانە ياشىماق،ئۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى سېغىنمىغانمىدۇ.يەكلەشلەرگە،كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىمىغانمىدۇ؟غۇرۇرى ئازار يېمىگەنمىدۇ؟ئۇ چىداشلىق بېرىپ باقمىغانمىدۇ؟ئادەمنىڭ چىداشلىق بېرىش كۈچى قانچىلىك؟بۇلارنى كىم تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتى؟نەچچە مىڭ نەق مەيدان تاماشىبىنى ئالدىدا،نەچچە مىليون تېلۋىزىيە تاماشىبىنى ئالدىدا ھاقارەتلەنسە،قەستەن پۇتلاپ يىقىتىلسا،قائىدىگە خىلاپلىقى ئېنىق ھەركەت تۇرۇپ ھېچكىم پەرۋا قىلمىسا،ھەتتا بىر كۇلۇپتىكى سەبداشلىرىمۇ پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلسا،ئۇ غەزىبىنى ئىپادىلەشكە ھەقلىق ئەمەسما.ئۇ نىمە ئۈچۈن،كىم ئۈچۈن بۇنچە خورلانغۇدەك؟مەنچە ئۇنىڭ مۇشۇ قىلالىغىنى ئەڭ ئاجىز قارشىلىق.ئەگەر ياۋروپادا بولغىنىدا زىدانىغا ئوخشاش شەرەپلىك كاللىدىن بىرەرنى سوۋغا قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.بوپتۇ.سېنى سىغدۇرمىسا،يەكلىسە،كەمسىتسە قايتىپ كەل بارى،مېھرى ئىسسىق ئەزىز دىيار سېنى باغرىغا باسىدۇ.بۇ يەردە جوڭچاۋ يوق،نەچچە يۈز مىڭ مائاش يوق،بىراق بۇ يەردە قېرىنداشلىرىڭ بار،ئەل ئاغىنە،قەۋم قېرىنداشلىرىڭ بار،كۆڭلۈڭگە ھېچكىم ئازار بەرمەيدۇ.يەنىلا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر سېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ.ئەركەك دىگەن غۇرۇر ئۈچۈن ۋاز كېچەلەيدىغان،غۇرۇر ئۈچۈن ياشىيالايدىغان بولىشى كېرەك.بارىنى تولا ئەيىپلەۋەرمەڭلا.شۇنداق ئىشلار بېشىڭلارغا كەلگەندە بىلىپ قالىسىلەر.
ئۇيغۇرلار خاراكتىر جەھەتتىن ھاقارەتكە ئۇچرىسا مال دۇنيا،نام مەنپەئەت ئۈچۈن غۇرۇرنڭ قايرىپ قويىدىغان مىللەت ئەمەس.ئائىلىسىدىكىلەر ھاقارەتلەنگەندە تېخىمۇ شۇنداق.................. |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50
باھا خاتىرىسى
|