- تىزىملاتقان
- 2010-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 44
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
|
بارى لۇنىڭ ماھىرى ۋاڭ يوڭپونى ئائىلەمدىكىلەرگە ھاقارەت قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى 24-ئىيۇن خەۋىرى
تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئايلانمىسىدا جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى مېھمان مەيداندا شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدىن كىيىن تاراتقۇلار بارىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا لۇنىڭ ماھىرى ۋاڭ يوڭپوغا ئوتتۇرا بارمىغىنى چىقىرىپ مەدەنيەتسىز قول ئىشارىتى قىلغانلىغى ھەققىدە بەس-بەستە خەۋەر بەردى.
بۈگۈن بارى «پۇتبول» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنى ئاقلاپ ۋاڭ يوڭپو مۇسابىقە جەريانىدا كۆپ قىتىم ئۇنى ھاقارەتلىگەچكە ئۆزىنى تۇتۋالالمىغانلىغىنى بىلدۈردى.
لۇنىڭ بىلەن شۈنتىيەن كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى بۇ مۇسابىقىدە بارى كۆپ قىتىم قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىىڭ «قارا پۇتى» غا دۇچ كەلدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 37 مىنۇت بولغاندا ۋاڭ يوڭپو بارىنى پۇتلاپ يىقىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئازراق سۈركىلىش كۆرۈلدى. بارى بۇ جەرياندا ئوتتۇرا بارمىغىنى چىقىرىپ قارشى تەرەپنى ھاقارەتلىدى، بىراق بۇنى رىپىر كۆرمىگەن بولسىمۇ، نەقمەيداندا كۆرسىتىلۋاتقان تېلۋىزىيە سىگىنالى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشى كۆردى.
بۇ ھەقتە بارى مۇنداق دېدى:«ئۇ ناھايىتى سەت گەپلەر بىلەن مىنى ھاقارەتلىدى، مىنىڭ بۇ گەپلەرنى ئىغىزغا ئالغۇم يوق، ئۇ مىنى ھاقارەتلىگەن بولسىغۇ مەيلىتى، لىكىن ئۇ ھەتتا ئائىلەمدىكىلەرنى قوشۇپ ھاقارەتلىدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىپىر شۇنچە كۆپ قائىدىگە خىلاپ ھەركەتلەرنى كۆرمىگەن تۇرسا، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارىتىنى قانداقمۇ ئاڭلىسۇن».
گەرچە مۇسابىقىدىن كىيىن ۋاڭ يوڭپو :« بارى تېخى كىچىك، مۇسابىقىدە بۇنداق قىلىشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ» دىگەن بولسىمۇ، بارى بۇنىڭغا قايىل بولماي :«سالاھيەت ۋە باشقا جەھەتتە ئۇ مەندىن چوڭ، مەن ئۇنى ئاكا دەپ چاقىرساممۇ بولىدۇ، بىراق بىر دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى تۇرۇپ ئۇنىڭ يەڭگىللىك بىلەن ماڭا قىلغانلىرىدىن مەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم» دېدى.
بارى يەنە ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ بىرلەشمىنىڭ ۋە كوماندىنىڭ ئوبرازىغا ئەپكەلگەن سەلبى تەسىرى ھەققىدە كەڭ مەستانىلەر ۋە سەبداشلىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى. بىراق يەنە ئەينى چاغدا ئۆزىنى پەقەتلا تۇتۋالالمىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلدى.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە بارى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز.
مەنبە : نۇر تورى
|
|