ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4956 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-24 16:20
مېسسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان ، يەنى 9-ئايدا سوتقا چىقىدۇ . سوت نەتىجىسى قانداق بولىدۇ ، بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . لېكىن بىزدەك پۇتبول مەستانىللىرى بۇنداق ياخشى توپچىنىڭ بىزدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى خالىمايمىز ئەلۋەتتە . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېسسىنىڭ دۇنيادا قانچىلىك شۆھرىتى بار ؟ پۇتبول دۇنياسىدىكى ھەرقايسى داڭلىقلىقلارنىڭ ئېغىزىدا مېسسى قانداق تەرىپلىنىدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە توردىن توپلىغانلىرىمنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم :
داڭلىقلار مېسسىنى نېمە دەيدۇ ؟
مارادونا : ناھايىتى ئېنىقكى مېسسى بولسا ھازىرقى دەۋىردىكى «مەن» .
كىرۇيۇف : ئۇ بىر تەڭدېشى يوق چولپان ، ئۇنىڭ توپ تېپىشىنى كۆرۈش كىشىگە بىر خىل ھوزۇر بېغىشلايدۇ .
بىلاتىر : ئۇ پۇتبولنى تېخىمۇ گۈزەللىككە ئىگە قىلدى .
بىكىنبور : مارادونا ئەڭ ياخشىسى ، ئۇنىڭ تۇغما تالانتىنىڭ ۋارىسلىق ھوقوقى مېسسىغا تەۋە .
ۋالدانو : مېسسى بولسا بىر مۆجىزە .
ساچى : مېسسى بارسلونانىڭ قوغدۇغۇچى ئىلاھى ، ئۇنىڭ توپ ئوينىشى ئادەمدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ .
كاپېللو : مەن مەشقاۋۇللۇق قىلغان 20نەچچە يىلدىن بېرى مېسسىدەك بۇنداق تۇغما تالانتقا ئىگە توپچىنى كۆرۈپ باقمىدىم ، ئەگەر بىرى مەندىن بارسلونادىن بىر توپچىنى تاللاپ ئېلىپ كەت دېگەن بولسا ، مەن شەك-شۈبىسىز مېسسىنى تاللىغان بولاتتىم .
فورگىسىن : ئۇ رونىغا ئوخشاشلا تالانتلىق ماھىر .
رىجىنكارد : ھېچكىم مېسسى بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ . چۈنكى مېسسىنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى بار .
بېللا : مېنىڭچە مېسسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلىق شەرت-شارائىتىنى ھازىرلاپ بولدى . ئۇنىڭ مەستانىلەرگە دائىم ئېلىپ كېلىدىغىنى ئالاھىدە بولغان نەرسىلەر ، ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپى باشقا پۇتبولچىلاردىن پەرقلىنىدۇ .
لېپى : بۇ ئارگىنتىنالىق زېرەكچاق يەنە ئالتۇن توپ ئېلىشى مۇمكىن . بۇ بىر تالاند ئىگىسى .
مورىنىئو : كەلگۈسى يۈز يىلدىمۇ ئۇ يەنىلا بىر .
پىلى : ئۇنىڭ تالانتىغا ھېچكىم ھەۋەس قىلمايدۇ . بىراق ئۇ ھەممە كشىىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى،
رومارىئو : ئۇ ئىنتايىن مۇكەممەل ئىكەن .
دونگا : ئۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى گىگانت چولپان ، پۇتبول مەيدانىدىكى تالانت ئىگىسى .
چارلىتون : دۇنيا پۇتبولچىلىقى ئۇنىڭدەك بىرىگە ئېھتىياجلىق . چۈنكى ئۇ بىزگە تېخىمۇ كۆپ ھاياجان ، قايناق ھېسيات ئېلىپ كېلىدۇ .
زىكو : مېسسى يېقىنقى يىللاردىكى ئارگىنتادا پەيدا بولغان ئەڭ مۇكەممەل پۇتبولچى . ئۇ چوقۇم پۇتبول مەستانىللىرىگە تېخىمۇ چۇڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ .
بارېسى :مەن مېسسىنىڭ بۆسۈپ كىرگەندە ھېچكىمنىڭ توسىيالمىغىنىغا قاراپ ھوزۇرلىنىمەن . مەن ئۇنىڭ مىلانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
كانىگىيا : پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ بولدى .
زىدانى : مېسسى ھەرتەرەپتىن يىتىلگەن قالتىس توپچى ، ئۇ بىر مۆجىزە خاراكتىرلىك چولپان .
باگىيو : مەن مېسسىدىن ئۆزۈمنىڭ سىماسىنى كۆردۈم . ئۇنىڭ پۇتىغا توپ چۈشكەندە ، چوقۇم مەلۇم بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ كەتتى .
كامپېس : ھازىر مېسسى پۇتبول مەيدانىدا نەتىجىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ھالىقلىق توپچى بولۇپ قالدى .
يىئۇرات : سىلەر مېسسىنى كىرويۇف ھەم چوڭ رونالدولارغا سېلىشتۇرۇپ ئاۋارە بولماڭلار . چۈنكى مېسسى ياش ، كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . بۇ ئۇنىڭ يەنە بىر قورقۇنۇچلۇق تەرىپى .
بوسىك : ھەممە كىشى مېسسىنىڭ ئۆزىنىڭ كوماندىسىدا توپ تىپىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
بىنتىس : ئەگەر مەن مېسسىنىڭ كوماندىسى بىلەن قارشى ئويناپ قالسام ، 11 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى مېسسىگە قاراشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولاتتىم .
گۇئاردىئولا : ئەگەر مېسسى بولمىغان بولسا مەن ھازىرمۇ ئىسپانىيە Bدەرىجىلىك بىرلەشمىدە مەشقاۋۇللۇق قىلغان بولاتتىم .
شۈستىر : مەن پەقەت ئۆيۈمدىكى ئىتىمنى باغلايدىغان زەنجىردە مېسسىنى باغلاپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى تىنچلاندۇرالايمەن . باشقا ھەرقانداق ئامالدا ئۇنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ .
ھازىرقى دەۋىردىكى توپچىلارنىڭ مېسسىگە بەرگەن باھاسى :
مالدىنى : مەن ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تاپالمىدىم . يەنە بىر قورقۇنۇچلۇق يېرى ئۇ يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ .
چوڭ رونالدو : ئەگەر مەن ئۆز ۋاقتىدا مېسسى بىلەن ھەمكارلاشقان بولسام مېنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرىم ساناقسىز بولار ئىدى .
رىۋالدو : ئۇنىڭ مەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە خوش بولدۇم ، ئۇ چوقۇم بەشىنچى قېتىملىق ئالتۇن توپنى ئالىدۇ .
رونالدىنخو : ئۇنىڭ بىلەن بىرگە توپ ئويناش ئىنتايىن ھوزۇر . ئۇ بىردىنبىر بىرازىليەلىكلەر ئىتراپ قىلىدىغان ئارگىنتىنالىق . مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا دېگەن : « مېسسى سەن مەندىنمۇ بەك مۇنەۋۋەر ».
لىكورمىي : مارادونا ئىلگىرى ئارگىنتىنالىقلارغا گۈزەل چۈش ئاتا قىلغان . كېيىن چۈشتىن ئويغاندى . ھازىر مېسسى يەنە بىر گۈزەل چۈشنى ئارگىنتىنالىقلارغا ئاتا قىلماقتا .
زانىتتى : توپ ئۇنىڭ پۇتىدا بولسىلا ھەرقانداق ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن .
ۋېرون : ئۇنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىشى كىشىگە مارادونانى ئەسلىتىدۇ . ئۇ يەنە كۆپ مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاج .
ئەيمار : مېسسى بەك كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئوينايدىغان بىر زېرەك توپچى . مېنىڭ قارىشىمچە ئۇنىڭ چېكى يوق . ئۇ نېمىنى ئويلىسا شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ .
ئاگۈيرو : يەنە ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ مېسسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولىدۇ .
رائول : مېسسى تاراتقۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ، ئۇ باشقا پۇتبولچىلارغا پەقەت ئوخشىمايدۇ .
رونى : ئۇ ھەممىدىن مۇنەۋۋەر ، ئۇ توپ ئويناپ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگەن ئىشلارنى قىلالايدۇ .
باردېس : ھەركۈنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بىلەن بىر سەپتە جەڭ قېلىش مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەشىق .
لارسون : راستىمنى ئېيتسام ، مەن مېسسىنى نېمە دەپ تەرىپلەشنى بىلمىدىم .
بىكخام : تېخنىكا تەرەپتىن ئېيتقاندا مېسسى دۇنيادا ئەڭ يامىنى ...
تۇرام : ئىقتىدارى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى ، ھەممە كۇلۇب بۇ پۇتبولچىغا ئېھتىياجلىق .
دىكو : پەقەت ئىككىلى توپچى بىرگە-بىر كېلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ھېچكىمگە يېڭىلمەيدۇ . ئۇنىڭ بىرى رونالدىنخو يەنە بىرى مېسسى .
ئارۋىس : مېسسى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر توپچى ، ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق .
مىلىتتو : ئۇ ھەرقانداق بىر مۇنەۋۋەر ماھىردىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ . ئۇنىڭ دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا كۆرسەتكەن تۆھپىسى زور .
ئېدىمىسون : مەن قولۇمغا توقماق ئالسام ئاندىن ئۇنى مۇداپىيە قىلالايمەن . ئۇنى مۇداپىيە قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى مۇشۇ شۇ .
كاكا : كىرىستىيانو بىلەن ئىككىسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلار .
ۋانىستىرلوي : مېسسىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ . ئۇ بارساغا كۆپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى .
جۇنىنخو : مەن بارسلونادا توپ ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن . چۈنكى بۇ يەردە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بار .
سىنىيدىر : مېنى مېسسىدىن كۈچلۈك دىسەڭلار مەن كۈلۈپ كېتىمەن . مېنىڭچە مېسسىگە سېلىشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان پۇتبولچى يوق .
روبىن : مېسسى مەندىن كۆپ يامان . دۇنيادا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كاتتا پۇتبولچىلارمۇ بار . مەسىلەن : رونالدو
فابرىگاس : ئەمەلىيەتتىكى مېسسى پۇتبول مەيدانىدا PES ئويۇنىدىكى تەقىلىدىي مېسسىدىن كۆپ يامان .
پېدرو : بىز مېسسىنى ھەقىقىي تەرىپلەيدىغان سۆزنى ئىسپانىيە لوغىتىگە كىرگۈزمەپتىمىز .
پۇيۇل : مەندەك مۇداپىيەدە تۇرىدىغان توپچىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ، مەن ناھايىتى بەختلىك . نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى مەن مېسسىنى مۇداپىيە قىلىش باش قېتىنچىلىقىدىن خالىي .
ھەرقايسى تەنتەربىيە ساھاسىدىكىلەرنىڭ مېسسىگە بەرگەن باھاسى :
كوبى : مەن پۇتبولنى بەك ياخشى كۆرىمەن . ئەگەر مېسسىنى ئۇچىرىتىپ قالساڭلار مەن ئۈچۈن ئۇنىڭغا سالام دەپ قويۇڭلار .
مانو گىلوبنى : مەن ۋاسكىتبول ساھەسىدىكى مېسسى بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن .
گاسول : مەن مېسسىنى ياقتۇرىمەن ، گەرچە ئۇ مەندىن ئۇستىخان جەھەتتە كۆپ تۆۋەن تۇرسىمۇ .
نادال : مېسسى مېنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى مەبۇدەم .
تۆۋەندە پۇتبول مۇنبىرىدىكى ھەرقايسى داڭلىق ئەربابلارنىڭ مېسسىغا بەرگەن باھاسى :
..........
|
|