- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7608
- نادىر
- 17
- يازما
- 7608
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-23 22:07

6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ،بارى توپ ئويناۋاتقان جىياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى مېھمان مەيداندا شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىنى 2 : 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى .يېقىندىن بۇيان مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان بارى بۇ مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى .37 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ۋاڭ يۇڭپو قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلاپ بارىنى يىقىتىۋەتكەن .بۇ ئەمەلىيەتتە نورمال بولغان قائىدىگە خىلاپ تاكتىكا بولۇپ ،ئادەتتە كۆپ كۈرىلىدۇ .جازا بەرسىمۇ بۇلىدىغان ، بەرمىسىمۇ بۇلىدىغان ھەرىكەتكە تەۋە ،بىراق بارى رېپىرىدىن نارازى بولۇپ ۋاڭ يۇڭپوغا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ ئارقىدىن قۇلىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆرسەتكەن .نەق مەيدان چۈشەندۈرگۈچى :بۇ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ، شۇنداقلا نەق مەيداندىكى بارلىق توپچىلارغا نىسبەتەن ئېغىر ھاقارەت دېگەن .
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پۇتبولچىلىقى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قوپال ئوينايدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن .خۇددى جۇڭگو توپچىلىرى مۇسابىقە جەريانىدا دائىم قوپال ھەرىكەت ئىشلەيدىغاندەكلا ..يېقىندا ئوينالغان گوللاندىيە دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ،جاڭ لىنفەن روبېننى يىقىتىپ قۇيۇپ بىۋاسىتە قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى .شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو پۇتبولى يەنە بىر قېتىم ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ بەردى .بۇ قېتىمقى ئىشنىڭ پېرسۇناژى بارى خاڭجۇ يېشىل شەھەردە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتنى كۆپ ئىشلەپ نامى چىققان پۇتبولچى ئىدى ...
ئەمدى جىياڭسۇغا كەلگەندىمۇ بۇ ئادىتى نېمىشقا ئۆزگەرمەيدۇ ؟ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىيالمايۋاتقان بارى مۇشۇنداق قىلىپ قانداق ئالغا ئىلگىرلەيدۇ ؟ بوپتۇ ، بۇرۇنقى ئادىتىنى ئۆزگەتمىسۇن .بىراق ئۇتتۇرا بارمىقىنى چىقارغىنى بۇ قانداق ئش ؟ شۇ چاغدا ئېھتىمال باش رېپىر بۇ ھەرىكەتنى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن .ئەگەر خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ قالسا ھەرقانداق رېپىر دەرھال قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ .بارىنىڭ بۇ ئىشىغا قارىتا پۇتبول ئىنتىزام كومىتىتى چوقۇم جازا بەرمەي قالمايدۇ دېگەن .( نۇرغۇنلىغان تور بەتلەر بارى توغرىلىق خەۋەر ئېلان قىلغان )
 |
|