- تىزىملاتقان
- 2011-6-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3746
- نادىر
- 6
- يازما
- 3746
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-23 11:46
6-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 1:00دە خەلقئارا بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى كەسكىن بىر مەيدان تۇتۇشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتقا قەدەم قويغاندا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بېكى دەنتى بىر توپ ئۇردى . كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بالاتېللى ئىنتايىن چىرايلىق بىر پاس چىقىرىپ ئىتالىيە كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋالدى . 54 مىنۇت بولغاندا نېيمار ئىختىيارى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ بىرازىلىيە كوماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى . مۇسابىقە باشلىنىپ 64 مىنۇت بولغاندا بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى فېرىد يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 3:1 گە ئۆزگەرتتى . 70 مىنۇت بولغاندا ئىتالىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ قايتۇرۋالدى . 87 مىنۇت بولغاندا بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى 9-نۇمۇر فېرىد يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ئىتالىيە كوماندىسىنى 4:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى ئا گۇرۇپپىدىن 9 نۇمۇر بىلەن 1-بولۇپ چىقىپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى ئەمدى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى ئاسانلاشتى .
|
|