بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-23 03:19
گېرمانىيە ‹‹دۇنيا گېزىتى›› نىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھازىرقى يۈرگۈزىلىۋاتقان ئوفسايىت قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. يېڭى قائىدە كېلەركى پەسىلدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىدۇ.
يېڭى قائىدە:مەلۇم بىر ھۇجۇم تەرەپ ئەزاسى ئوفسايىت ئورنىدا بۇلۇپ، ئەگەر ئۇ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ھۇجۇمغا قاتناشمىغانلا بولسا رېپپىر بۇنىڭغا ئوفسايىت دەپ ھۆكۈم قىلمايدۇ. مۇسابىقە نورمال داۋاملىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى يۈرگۈزىلىۋاتقان ئوفسايىت قائىدە-بەلگىلىمىسىدە، ئەگەر مۇداپىئەچى ئەزا خاتالىق سادىر قىلىپ توپنى ئوفسايىت ئورنىدىكى ھۇجۇم تەرەپ ئەزاسىغا بېرىپ قۇيۇپ، ھۇجۇم تەرەپ ئەزاسى توپنى ئالغاندىن كېيىن ھۇجۇم قىلىپ نۇمۇرغا ئېرىشسە بۇلاتتى. بىراق يېڭى قائىدىدە شۇنى بېكىتتىكى، ھۇجۇم تەرەپ ئەزاسى مەيلى ئۆز تەرەپ ئەزاسىدىن بولسۇن، ياكى قارشى تەرەپ ئەزاسىدىن توپ قوبۇل قىلغان بولسۇن، ئوفسايىت ئورنىدىلا بۇلىدىكەن، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا ھۇجۇم تەرەپ ئەزاسى قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقى بىلەن پايدىلىق شارائىتقا ئېرىشەلمەيدۇ.
|