- تىزىملاتقان
- 2011-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 847
- نادىر
- 0
- يازما
- 847
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Яiwαyat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-23 09:27
مۇنبىرىمىزدە ھەر كۈنى پۇتبول توغرىلىق خەۋەرلەر، مۇسابىقىلەر توغرىلىق مۇلاھىزىلەر بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ . مەن بۇ تېمامدا ئۆزۈمنىڭ پۇتبول ئويناش جەريانىمدىكى ھېسسىياتىمنىڭ بىر قىسمىنى يېزىپ باقماقچى. ئىجادىي تېما،بەزى كۆز قاراش ۋە ئىپادىلەشتە خاتالىقلار بار بولسا توغرا چۈشىنەرسىلەر.
پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ كوللىكتىپ تەنھەركەتكە ئامراق بولۇپ، ساراڭلارچە مەستانە بولغان ۋاقتىمدا، ئەتراپىمدا ۋاسكىتبولغا قىزىقىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە پۇتبولغا ھەقىقىي قىزىقىدىغانلارنىڭ تولىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆزىڭىز يالغۇز شۇنچە كەڭرى چىملىقتا توپ تېپىۋاتقان ۋاقتىڭىز چوقۇم بولۇپ باققان. كەڭرى مەيداندا ئۆزىڭىز توپنى تېپىپ، ئۆزىڭىز قوغلاپ بېرىپ ئەكىلىپ، يەنە ئۆزىڭىز تەپكەن، ئۆزىڭىز يالغۇز بەزى ھەركەتلەرنى مەشىق قىلغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىز ئالدىڭىزدا ئادەم بار دەپ ئويلاپ تۇرۇپ ھاۋانى ئالداپ ئۆتكىنىڭىزدە،شۇنداق يالغۇز ئويناپ ھېرىپ قېلىپ پۇتبولنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ، كۆزىڭىز ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سەكرىشىپ ۋاسكىتبول ئويناۋاتقانلارنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ پۇتبول بەزىدە بەكمۇ يالغۇزلۇق.
سىزنىڭ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان قىز بالا ياكى قىز دوستىڭىز بار. لېكىن ئۇ پۇتبولنى ياقتۇرارمۇ؟ ياق، ئۇنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى سىز چوقۇم بىلىسىز، سىز شۇ بىر نەچچە دوستىڭىز بىلەن، ياكى يالغۇز توپ ئويناۋاتقان شۇ ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ كېلىپ قېشىڭىزدا كۆرۈپ بېقىشىنى ، ياكى بىرەر بوتۇلكا سۇ ئەكىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. شۇنداق كېلىپ قالسا سىز بار كۈچىڭىز بىلەن پۇتبولنى ياخشى كونتىرول قىلىپ ، بار كۈچىڭىز بىلەن ھەممە مۇداپىئەدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئاندىن ئۇ بار تەرەپكە پەخىرلىنىش ئىلكىدە قارىغان بولاتتىڭىز . ئەمما كۆڭلىڭىزگە ئايان، ئۇ كەلمەيدۇ، ئۇنىڭ قىزىقىدىغىنى توپ ئەمەس،توپقا قىزىقتى دېسەكمۇ قىزىقىدىغىنىنىڭ پۇتبول ئەمەس بەلكى ۋاسكىتبول ھەمدە شۇ ۋاسكىتبول ئويناۋاتقان ئېگىز يېگىتلەر . شۇنچە تەرگە چۆمۈپ پۇتبول تېپىۋاتقىنىڭىزدا، ئۇ بولسا سىنىپلار ئارا ئۆتكۈزگەن ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن كېتىپ قالغان ۋاقتىدا ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ پۇتبول بەزىدە بەكمۇ يالغۇزلۇق.
ئائىلە، ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ماكانى . سىزگە ۋە بىزگە بەزى مۇسابىقىلەر تولىمۇ مۇھىم بىلىنىدۇ . قېرىشقاندەك، بۇنداق مۇسابىقىلەر دىيارىمىزنىڭ كېچە ۋاقتىدا ئوينىلىدۇ،پۈتۈن ئائىلىڭىز ئۇخلاپ قالغاندا، پەقەت سىزلا تىپتىنىچ ھالدا ، پات پات يۈزىڭىزنى يۇيىۋىتىپ ئىكران ئالدىغا قايتىپ كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈۋاتقاندا، سىز ئائىلىڭىزدە بىرەرسىنىڭ سىزگە ھەمراھ بولۇپ كۆرىشىنى شۇنداق ئۈمىد قىلىسىز، ئەمما كۆڭلىڭىزگە ئايان، ئۇلار كۆرمەيدۇ . شۇنداق يالغۇز ئولتۇرۇپ كۆزلىرىڭىزگە ئۇيقۇ ئولىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا ياكى ئائىلىڭىزدىكى چوڭلار سىزنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلىمىغانلىقىڭىزدىن رەنجىسە، ھەتتا سىزگە قاتتىق گەپ قىلغان شۇ ۋاقىتلاردا، ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ پۇتبول بەزىدە بەكمۇ يالغۇزلۇق.
دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە يېغىلىشىپ تاماق يېگەن ۋاقتىڭىزدا، ئاسمان پاراڭلىرىدىن يەر پاراڭلىرىغىچە ھەممە گەپ سۆزلەر بولىنىدۇ. سىز شۇنچە ئامراق بولغان پۇتبولنىڭ پارىڭى بولسا ئاساسەن يوق دېيەرلىك . تاساددىپىي پۇتبولنىڭ كىچىككىنە پارىڭى چىققان ۋاقتىدا، سىز خۇشاللىقىڭىزدىن ئەمدى ئېغىز ئاچماقچى بولغىنىڭىزدا تۇيۇقسىز بىرەيلەن پۇتبولنىڭ نېمىسى ياخشى ؟ نېمىسىگە قىزىقىدۇ دەپ قويغان ۋاقتىدا، يۈرىكىڭىز يىڭنە سانچىغاندەك بولدىيۇ ، ئەمما يەنە ئۈن تىنسىز ئولتۇردىڭىز. ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟ پۇتبول بەزىدە بەكمۇ يالغۇزلۇق .
شۇنداق، پۇتبول ئەنە شۇنداق تەنھەركەت. بىز يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا بىز يەنە ئۈمىدسىزلەنمىدۇق. چۈنكى يېنىمىزدا تۇرغان بۇ پۇتبولنىڭ مېھرىنى بۇ پۇتبولنىڭ سېھرىنى ئۇ ياكى ئۇلار چۈشەنمەيدۇ. بىز يالغۇز ئەمەس، چۈنكى دەل بىز تېپىۋاتقان شۇ يۇمىلاق توپ بىزگە ھەمراھ ! بىزنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىمىز بىزگە ھەمراھ ! ئۆزىمىزنىڭ توپ ئۇرغان، ياكى ئۆزىمىز ئامراق كوماندىنىڭ غەلبە قىلغان ۋاقىتلىرىدىكى خۇشاللىق تۇيغۇسى بىزگە ھەمراھ ! مانا بىز مۇشۇنداق كىشىلەرمىز، مانا بىز پۇتبول مەستانىلىرىمىز!!!
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 388
تۆھپە + 21
شۆھرەت + 16
تەجرىبە + 16
باھا خاتىرىسى
|