- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 622
- نادىر
- 1
- يازما
- 622
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-22 13:23
رېئال مادرىد يېڭى پەسىلدىكى ئۈچىنچى توختامنى(كارۋارخال ۋە كاسېمىرودىن كېيىن) پۈتتۈردى . زىدانىنىڭ تەكلىپى ئاستىدا ، ئىسكو مالاگادىكى ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ مادرىدنىڭ ئەزاسى بولدى .

ئىسكو رېئال مادىردنىڭ يېڭى ئەزاسى بولۇپ بولدى . مادرىد تەرەپ تۈنۈگۈن مالاگا بىلەن بىرلىككە كەلدى . ھازىر كام قالغىنى پەقەتلا بۇ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ كەلگۈسى 5 يىلدا مادرىد ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان ئاخىرقى بىر نەچچە قەدەم . فلورىنتىنو پېرېز ، خوسې ئەنخىر سانچېز (رېئال مادرىد مۇئاۋىن رەئىسى) ۋە ۋىسېنتې كاسادو (مالاگا رەئىسى) مادرىدتا كۆرۈشكەن بولۇپ ، ئىسكونىڭ 30 مىليون ياۋرۇ يۆتكىلىش باھاسى بىلەن يۆتكۈلۈش ئىشىنى مۇقىملاشتۇردى . (ئىككى تەرەپ بۇندىن بۇرۇن 5-ئاينىڭ 22-كۈنىلا بىر قىتىم ئۇچراشقان .)
يۆتكىلىش خەۋىرى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ ، ئىسكو مادرىدقا 7-ئايدا رەسمىي يىتىپ كېلىدۇ . توختامدا بىر رېئال مادرىد ئەزاسىنىڭ ئىجارە كىلىشىم ماددىسىمۇ بولىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يىقىن (بۇ ئەزا چېرشېف بولۇشى مۇمكىن) . ئىسكو ھازىر ئىبىزادا ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بولۇپ ، ئۇ بۇ خوش خەۋەرنى دادىسىدىن ئاڭلىدى . بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى خەۋەرنى SER رادىئو ئىستانسىسى سەھەردىلا ئىگەنلىگەن .
ئىسكونىڭ U21 ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى ۋە زىدانىنىڭ كۈچلۈك تونۇشتۇرىشى فلورىنتىنونىڭ بۇ ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ ئۈمۈدلۈك دەپ قارىلىۋاتقان ياش چولپىنىنى قوشۇۋىلىشىغا تۈرتكە بولدى . مانچسىتېر شەھىرى رېئال مادرىدنىڭ بۇ قىتىملىق توختامدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى . بۇ ئەنگىلىيە كۇلۇبى ئىسكونىڭ «ئاس گېزىتى» گە ئاشكارلىغان يەنە بىر تاللىشى . «مەن ھەقىقەتەن مانچىستېر شەھىرى ۋە رېئال مادرىدنىڭ قويغان باھاسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم .» گەرچە داۋاملىق پېللېگىرىنى (ئۇنىڭ «پۇتبول ئاتىسى») غا ئەگىشى ئويى بولسىمۇ ، بۇ 21 ياشلىق ماھىر يەنىلا رېئال مادرىدنى تاللىدى . ئۇنىڭ U21 دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلىرىدىن موراتا ، كارۋارخال ۋە ناچو (بۇلار كېلەر پەسىلدە رېئال مادرىد بىرىنچى كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ) قاتارلىقلارنىڭمۇ ئىسكونىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىغا بەلگىلىك تەسىرى بولغان . «مەن پات-پات ئۇنىڭغا بىسىم ئىشلىتىپ تۇرىمەن ، ئۇنىڭغا رېئال مادرىدنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىمەن .» موراتا ئىسرائىلىيەدىن قايتىپ كەلگەندە شۇنداق دېدى .
مەنبە : «ئاس گېزىتى» |
|