- تىزىملاتقان
- 2011-6-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4041
- نادىر
- 6
- يازما
- 4041
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-20 04:50
6-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 1:00 دە خەلقئارا بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئا گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە دۇنيادىكى زەردار كوماندىلاردىن بولغان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ . بىرازىلىيە ۋە ئىتالىيە ھەر ئىككىلىسى رەقىپلىرىنى تۇلۇق ئۇتۇپ 6 نۇمۇر ئېلىپ بولدى شۇڭلاشقا بۇلار گۇرپپىدىن مۇدەتتىن بىر ئايلانما بۇرۇن چىقىپ بولدى . گەرچە ھەر ئىككىلى تەرەپ گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان بولسىمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ كىتىشى مۇمكىن چۈنكى قايسى كوماندا ئۇتسا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىدۇ . گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقسا ب گۇرۇپپىدىن 1- بولۇپ چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان ئىسپانىيە بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇتۇشمايدۇ . شۇڭلاشقا ئا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتالىيە بىلەن بىرازىلىيە ئەڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنى مەيدانغا چىقىرشى مۇمكىن . ھازىر بىرازىلىيە كوماندىسى ساپ توپ جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە بولغاچقا ۋاقتىنچە ئا گۇرۇپپىدا 1-ئورۇندا ئەگەر ئىتالىيە بىرازىلىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالسا ئا گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىكنى بىرازىلىيەگە تاتقۇزۇپ قويۇدۇ . |
|