- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7607
- نادىر
- 17
- يازما
- 7607
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-19 23:50

بىز ئادەتتە مۇسابىقە جەريانىدا بەزى پۇتبولچىلارنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ يۈز-كۈزى قانغا مىلىنىپ كەتسىمۇ يەنە بەرداشلىق بېرىپ مۇسابىقە ئوينىغىنىنى كۆرۈپ تۇرىمىز .بىراق باش قىسمىغا ئوق تەگسىمۇ يەنىلا 90 مىنۇت مۇسابىقىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرغان پۇتبولچىنى سىز كۆرگەنمۇ ؟ سىز چوقۇم ھەيران قالىسىز ،ھەمدە نەدىمۇ مۇشۇنداق ئىش بولسۇن دېيىشىڭىز مۇمكىن ! توغرا ، بۇ ئادەمنىڭ بېشى ! ماشىنا ئادەمنىڭ ئەمەس !
قارا تاغ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىشتىن سىرتقى مۇسابىقە جەريانىدا 51 ياشقا كىرگەن تالىكا ئىسىملىك بىر ۋاراتار توپ توسۇش جەريانىدا قاپقا تۈۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كېتىپ بېشىدىن ئازراق قان چىققان .دوختۇرلار ئاددىلا قىلىپ تېڭىپ قويغاندىن كېيىن بۇ قېرى ۋاراتار يەنە ئۆز ئورنىغا قايتىپ مۇسابىقىگە ئاتلانغان .گەرچە بېشى ئاغرىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ چىشىنى چىشلەپ مۇسابىقىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرغان .لېكىن مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ۋاراتارنىڭ بېشىنىڭ ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتكەن .بەدىنىمۇ يېقىمسىزلىنىپ ئارقىدىن سۆزدىنمۇ قالغان .
كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە دوختۇرلار قاتتىق ھەيران قالغان . يەنى ،بۇ ۋاراتارنىڭ باش قىسىمىدا توققۇز مىللىمىتىر چوڭلۇقىدىكى بىر تال ئوقنىڭ بارلىقى بايقالغان .ئەسلى شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن ئۇق چىقىرىپ تەبرىكلەيدىغان ئادىتى بولۇپ ، دەل شۇ كۈنى مۇسابىقە ئوينىلىۋاتقاندا يېقىن ئەتىراپتا بىر جۈپ ياش توي قىلغان ،تەبرىكلەش جەريانىدا بىر پاي ئوق بۇ ۋاراتارنىڭ بېشىغا تەگكەن .بىراق ۋاراتار سەزمىگەن .خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،مۇتەخەسىسلەر ھازىر بۇ ۋاراتارنىڭ بېشىدىكى ئوقنى ئېلىۋېتىپتۇ . كىسەللىك ئەھۋالىمۇ مۇقىملىشىپتۇ .ساقچىلار توي بولغان جايدىن 12 پاي ئوقنى تېپىپ چىققان .ئوق چىقارغۇچىمۇ قولغا ئېلىنغان .
 |
|