- تىزىملاتقان
- 2012-8-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 614
- نادىر
- 0
- يازما
- 614
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەمىنىدىن چوڭ كىچىك ياش قىرى ھەممىڭلارغا چىن دىلىمدىن ئوتلۇق سالام.
كورىدىغانغا مۇسابىقە قالمىغاچ ھەم مۇنبەرنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە يوللۇدۇم. تىمىنى ئوقوغاچ مادرىت باسا مەستانىلىرى ئاز بولسىمۇ ئۆزۈڭلارغا خۇشاللىق تاپارسىلە
ئاخشام ئوينالغان ئۇستىلىقنى تالىشىش مۇسابىقىسى بارىسلونا ساھىپخان ھالەتتە خان مادرىت بىلەن ئوينىدى. مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
مۇسابىقە باشلاندى.
ئەڭ خۇشاللىنارلىق يىرى شۇكى مادرىت توپچىسى كاكا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا مىسسى ئىنىستا بەرگەن پاستىن پايدىلنىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلىككە ئۆتتى. كىيىن پۇيۇل 36 مىتىر ئارلىقتىن بىر توپ تىپىپ كىرگۈزۈپ مادرىتنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. پۇيۇلنىڭ كىرگۈزگەن توپى مۇسابىقە باشلىنىپ 19 مىنۇتتا كىردى.
مۇسابىقە داۋاملىق داۋاملاشتى. كىرىستىيان شۈنچە تىرىشقان بولسىمۇ ئالدىنقى يىرىم مەيداندا توپ كىرگۈزەلمىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 34 مىنۇت بولغاندا توپ مادرىتنىڭ مەيدانىغا ئۆتۈپ مەيدان قالايمىقانلىشىپ كەتتى مىسسى شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يىرىم مەيدان 3-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلاندى.
بۇ مەيداندا مورىنىيۇ كاكانى ئالماشتۇرۋەتكەنلىكىنى ھىچقايسىمىز كۆرمەپتىمىز. بىر چاغدا قارىسام قارا رەڭدە بويالغان مۇزدىن ياسالغان ئورۇندۇقتا كۆينىكىنى سىقىمدىغىنىچە سالپىيىپ ئولتۇراتتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا كىرىستىيان ئۆزى يالغۇز 3 ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ توپ شۈنچىلىك چىرايلىق كىردىكى ئىشقىلىپ ئۆزۈممۇ تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.
مۇسابىقە باشلىنىپ 21 مىنۇت بولغاندا ئۆزىل چىقارغان پاستىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بىنزىما يەنە بىر توپ ئۇردى. ئارقىدىنلا كىرىشتىيانغا ئىختىيارى توپ قويۇپ بىرىپ ئۇ توپنىمۇ ئالامەت كىرگۈزۈپ قويدى.
نەتىجە 3-3 ھەر ئىككىلى كوماندا كۈچىمسەولمايىتتى. مادرىت مەستانىلىرى مۇسابىقە جەريانىدا ئىزچىل رونالدونىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چىقتى.
باسا مەستانىلىرى بولسا توختىماستىن رونالدونى تىللايىتتى. مىسسى دەپ توۋىلايدىغان بىر ئادەممۇ چىقمىدى. مىسسى ئىچىنمىدى ھەم خوش بوپمۇ كەتمىدى. لىكىن ئۆزىنى تۇتۋالغان ئاساستا چىرايلىق ئالداش ھەركەتلىرى بىلەن يەنە بىر توپ ئۇردى. مىسسى قالپاق كىيدى. ھەممە مەستانە بىراقلامىسسى مىسسى دەپ ۋارقىراشتى.
كىرىستىياننىڭ بەك ئاچچىغى كەلدى بولغاي ئارقا ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۋەتتى.مەيدان سۈكۈتكە چومدى. ھەممە يەر تىنىچ، كىرىستىيان بولسا پورتىگال تىلىدا بىر نىمىلەرنى دەپ ۋاقىراۋاتاتتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 8 مىنۇتلا قالدى. لىكىن باسامۇ بوش كەلمىدى. خاۋىي بىر توپ ئۇردى. مەيدان يەنە شاۋقۇن بىلەن تولدى. خۇددى خاۋىي مۇ ئارقا ئارقىدىن 3 توپ ئۇرۋىتىدىغاندەكلا.
مورىنىيۇ خىيالىدا يوق گازىر چىقىپ ئولتۇراتتى. ئەڭ ئاچچىقىم گەلگىنى شۇ بولدىكى مورىنىيۇ گازىر ئەخلەتلىرىنى كاكا تۇتۇپ ئولتۇرغان كۆينەكنىڭ ئۈستىگە تاشلاۋاتاتتى بولدى ئوينىمايمەن.
مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. نەتىجە 5- 6
بارىسلونا يەنە يىڭىلدى، ئەمدى يىڭىلسە بولمايدۇ.
بۇ مۇسابىقىدىن كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى مەن تىخى پۇتپۇل ئويۇنىنى ياخشى ئوينىيالمايدىكەنمەن.
بىرىنجى ئەسكەرتىش: بۇ تىما مۇنبەرنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يىزىلدى.
ئىككىنجى ئەسكەرتىش: ئۆزىمىز ئامراق كۆماندا يەڭسۇن ياكى يىڭىلسۇن بىز ئۈچۈن بەرىبىر. بىز پەقەت پۇتبۇلدىن ئۆزىمىزگە خۇشاللىق ئىزدەيمىز. ئۆز ئارا ئىناق ئۆتەيلى قىرىنداشلار، بىز قانداش بولمىغىنىمىز بىلەن يەنىلا قىرىنداش ھەم مىللەتداش يەنە ھەم دىنداش !!! |
|