بۇ ئاددى يازمامدايىشىل مەيداندىكى 11 ئادەمدىن باشقا كۇلۇب رەئىسلىرى،تىرىنىر دىگەندەكلەر بىلەن توختالمايمەن. چۈنكى ئۇلارنى تونۇمايمەن، ھەم ئۇلارغا چۈشەنچەممۇ يوق. مەن سىپى ئۆزىدىن نوقۇل 90 مىنۇتلۇق بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمىنى خالاس. بىزلەرگە يىراق بولغان بىر مەملىكەتتىكى مەيدان سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، نام-ئابرۇيى،كۆتۈرگەن لوڭقىلىرى،،،دىگەندەك تارىخقا ئايلانغان نەتىجىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ھىسسىياتىغا يۇمۇرۇپ ئۆز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ دىلىنى چىگىش قىلىش، نىمەدىگەن ئەخمەقلىق.
-پەرۋەر
ھەممىزگە مەلۇم بارسىلونا ۋە خانلىق مادىرىد ئىسپانىيە بىرلەشمە تارىخدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن بىز توپ خۇمارلارغا ئاجايىپ زوقلارنى ئاتا قىلىپ تۇرماقتا. بۇ ئىككى كوماندا پۇتبۇلدىن ئىبارەت بۇ ئويۇننى دۇنيا تەنتەربىيەسىدىن ئايرىپ چىقتى دەپ ئىيتىشقا تامامەن بولىدۇ. پۇتبۇل- تەنتەربىيە تۈرىدىن ھالقىپ كەتكەن تۈر.
ئىسپان (دۆلەت دىربىيسى) بولسا دۇنيا پۇتبۇلچىلقىنىڭ جۈملىدىن پۇتبۇلدىكى سەپ شەكلى بولسۇن،ھۇجۇم-مۇداپىيە قانۇنىيەتلىرى بولسۇن، بارلىق يۇقىرى سەۋىيەنى ئۆزىدە ھازىر قىلغان مۇسابىقە.
2002-يىلىدىن2004-يىلىغىچە بولغان خانلىق مادىرىدنىڭ(ئالتۇن دەۋرى) ھەممىزگە ئايان، ئۇ مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان شىرىن چۈش خالاس.
بىراق ھازىرقى زامان پۇتبۇلنىڭ پۇل-پايدا نۇقتىسىدىن ئەمەلىي رىقابەت نۇقتىسىنى ئەلا بىلگىنىمىزدە خانلىق مادىرىد تارىخنى قايتا يازالمىدى.
ئۇ دەۋىردىن بىزگە قالغىنى بولسا بىر ئەۋلاد(7 بۆرىنىڭ) مەردانە ھۇۋلاشلىرى بولدى.
بارسىلونا ئۇزاق چۈشلەردىن ئويغاندى. خەلقئارالىق ئومۇمى قائىدىگە ئايلانغان بىر يۈرۈش ھۇجۇم-مۇداپىيە تاكتىكىلىرىغا ئومۇمى ئىسلاھات ئىلىپ باردى. مەيلى رەقىپ قانچە كۈچلۈك بولۇشدىن قەتئىي نەزەر پۈتۈن ئوتتۇرا مەيدان بارسىلوناغا مەنسۇپلا بولدى. كىلاسسىك ئۇسلۇبتىكى (تىك-تاك) پاسلارنىڭ ئورنىنى ئومۇمى شەكىل قانۇنىيتىدە ئاجايىپ رەڭدار ئۆزگۈرۈشلەر بولغان ئۇزۇن-قىسقا پاسلار ئىگەللىدى. قارشى تەرەپ مەيلى پۈتۈن سەپ بويىچە ھوجۇمغا ئۆتسۇن ياكى بار كۈچى بىلەن مۇداپىيەدە تۇرسۇن، بارسىلونانىڭ (يولۋاسنى تاغقا باشلاش) ھىيلىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.ئۇ كۈنلەردە مادىرىد ئىغىر ھالسىراپ كەتتى. ھەر قىتىملىق مەغلۇبىيەت تەلەي بىلەن پەقەت مۇناسىۋەتسىزدەكلا، غەلبە ئۇتۇق خانلىق مادىرىددىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى. ئامال يوق، ئىغىر خۇرسىنىش ئىچىدە مۇسابىقە كۆرۈپلا قالدۇق.
ئۆتكەن بەش يىل مىنى جۈملىدىن كۆپلىگەن مادىرىد خۇمارلىرىنى ئۆزلىرى مەستا بولۇپ يۈرۈشكەن كوماندىسىدىن گۇمانلاندۇرۇشقا باشلىدى، چۈنكى بۇنىڭغا بارسىلونا تامامەن ھەقلىق ئىدى.
زىمىندا مەڭگۈ بىرىجى يوق. ئەڭ ئالىي يۈكسەك پەللىنى كۆزلىگىنىڭدە بىرنىجىلىك ئۇقۇمىنىڭ ئۆزلىگىدىن يوقايدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىدىكەنسەن، بۇ خۇددى فىزىكا قانۇنىيەتچىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجىربىسىدىن كەلگەن يەكۈنگە ئوپمۇ-ئوخشاشلا بىر ئىش.
رەقىبىنىڭ سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرلۈپ كەتكەن ھوجۇم توپ ئويناش ئۇسلۇبىغا خانلىق مادىرىد ئاخىرى (ئىمۇنىت) كۈچى ھازىرلىغان بولدى.شاھ تاجىنى بىشىدىن تامامەن يۇلۇپ ئىلىشقا تىخى بالدۇر بولسىمۇ،ئۇ مىدىرلىدى.
مادىرىد بارسىلونانىڭ ئوتتۇرا يۆلنىشتىكى توپ يەتكۈزۈش يولىنى تامامەن ئۈزۈپ قويالىدى. دىمەك ئارقا مۇداپىيە بىلەن ئالدى ھۇجۇم ئارلىقىدىكى (قۇماندانلىق باش شىتاب) ئۆزىنىڭ رولىنى يوقۇتۇپ قويدى. ئۇزغۇنلۇق، بىرلەشمىلەرگە قايتىدىن جان كىردى.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەڭ ئەرزىدىغان تەرىپى شۇكى، خانلىق مادىرىدنىڭ بۇ تاكتىكىسى تىخى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئىرىشمىدى.
ئەزەلدى (تەلىيى تەتۈر) بولغانلار، ۋەيران قىلىش كۈچى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ماھارەت بىلەن ھەممىنى يوق قىلغان بولدى.
دىمەك كىيىنكى ئۇزغۇنلۇق ۋە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى رىقابەت مەيلى خانلىق مادىرىد بولسۇن ياكى بارسىلونا بولسۇن، رىقابەت ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر پەسىل بولۇپ قالغۇسى.
مۇلاھىزە ئىنىقكى يۈزەكىلىكدىن، خاتالىقلاردىن خالى ئەمەس. شۇڭا پۇتبۇل خۇمارلىرىمىزنىڭ تەنقىدى پىكىرى شۇنداقلا ئىجابىي بولغان مۇلاھىزىلىرىنى ئايماسلىقىنى سورايمەن.
خۇداھ خالىسا ئۇيغۇرۇمنىڭ، قىرىنداشلىرىمىزنىڭ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدىكىكۆزلەرنى چاقنىتىپ، دىللارنى لال قىلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە ئازلا كۈندە نىسىپ بولار.
ئاخىرلاشمايدىغان شاھلىق يوق
مەڭگۈ بىرىنجى يوق
|